سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ بۇ ھەپتە پۇتىن بىلەن ئۇكرائىنا ھەققىدە سۆھبەتلىشىشنى پىلانلاۋاتىدۇ
ئامېرىكا ۋە رۇسىيە پىرېزىدېنتلىرىنىڭ ئۇكرائىنادا مۇمكىن بولغان ئۇرۇش توختىتىش ۋە مال-مۈلۈكلەرنىڭ بۆلۈنۈشىنى مۇھاكىمە قىلىشى كۈتۈلمەكتە، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا سۆھبەتلەر داۋاملىشىۋاتىدۇ.
00:00
ترامپ بۇ ھەپتە پۇتىن بىلەن ئۇكرائىنا ھەققىدە سۆھبەتلىشىشنى پىلانلاۋاتىدۇ
ترامپ بۇ ھەپتە پۇتىن بىلەن ئۇكرائىنا ھەققىدە سۆھبەتلىشىشنى پىلانلاۋاتىدۇ / Reuters

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ سېيشەنبە كۈنى روسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، سەيشەنبە كۈنى رۇسىيەلىك مەنسەپدىشى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ھەققىدە سۆزلىشىشنى پىلانلىغانلىقىنى ۋە ئۇرۇشۇۋاتقان تەرەپلەر ئارىسىدا "مەلۇم مال-مۈلۈكلەرنىڭ بۆلۈنۈشى" ھەققىدىكى سۆھبەتلەرنىڭمۇ ئاللىقاچان باشلانغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى، يەكشەنبە كۈنى، ۋاشىنگتوننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى سۆھبەتلەردىن كېيىن ئۇرۇشنىڭ ئۈچ يىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان توقۇنۇشلارنى توختىتىپ تۇرۇش تەكلىپى بىلەن ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ھەپتىلەر ئىچىدە ھاسىل قىلىنىشى مۇمكىنلىكىگە ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ترامپ ئايروفورس ۋاندا «مېنىڭچە بىز زېمىن ھەققىدە سۆزلىشىمىز... ئېنېرگىيە ئىستانسىلىرى ھەققىدە سۆزلىشىمىز. مېنىڭچە ھەر ئىككى تەرەپ، ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيە، بۇ مەسىلىلەرنى كۆپ مۇھاكىمە قىلدى. بىز بۇرۇندىنلا مەلۇم مال-مۈلۈكلەرنىڭ بۆلۈنۈشى ھەققىدە مۇزاكىرىلىشىۋاتىمىز» دېدى.

ۋاشىنگتون ۋە كىيېۋنىڭ ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىرى، توقۇنۇشلارنى ۋاقىتلىق توختىتىشنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلاش ئۈچۈن رۇسىيەگە بېسىم قىلماقتا، ئەمما پۇتىن ئېنىق جاۋاب بەرمىدى. بۇنىڭ ئورنىغا بىر قاتار شەرتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەكلىپ ھەققىدە "جىددىي سوئاللار"نى ئوتتۇرىغا قويدى.

ترامپنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى ستىۋ ۋىتكوفف، بىر قانچە كۈن ئىلگىرى پۇتىن بىلەن بىر قانچە سائەت كۆرۈشتى ۋە CNN  بىلەن ئۆتكۈزگەن پىروگراممىسىدا، «ئىككى پىرېزىدېنتنى بۇ ھەپتە ھەقىقەتەن ياخشى ۋە ئىجابىي مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ، دەپ ئويلايمەن» دېدى.

ترامپ، قوشۇمچە قىلىپ، «كېلەر ھەپتىلەردە مەلۇم تۈردىكى كېلىشىم ھاسىل قىلىنىشى راستىنلا مۆلچەرلەنمەكتە ۋە بەلكىم بۇنىڭ شۇنداق بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي، شەنبە كۈنى رۇسىيەنى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى خالىماسلىق بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى. رۇسىيەنىڭ ئاۋۋال «ئۇرۇش مەيدانىدىكى ۋەزىيەتلىرىنى ياخشىلاش»  نى خالايدىغانلىقىنى ۋە ئاندىن ھەر قانداق ئۇرۇش توختىتىشنى قوبۇل قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

رۇبىئو بىلەن لاۋروۋنىڭ ئۇچرىشىشى

رۇسىيە دائىرىلىرى ئىلگىرى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىئونىڭ رۇسىيەلىك مەنسەپدىشى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن «كېلىشىملەرنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنىڭ كونكرېت تەرەپلىرىنى» مۇزاكىرىلىشىش ئۈچۈن ككرۈشكەنلىكىىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

فېۋرال ئېيىدىكى رىياد يىغىنى، موسكۋانىڭ 2022-يىلى فېۋرالدا ھۇجۇمنى باشلىغاندىن بۇيانقى ئامېرىكا ۋە رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى يۇقىرى دەرىجىلىك يىغىن بولغان ئىدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئامېرىكا تەكلىپ قىلغان ئۇرۇش توختىتىش ھەققىدە توختالماستىن، «سېرگېي لاۋروۋ بىلەن ماركو رۇبىئو ئالاقىنى ساقلاپ قىلىشنى قارار قىلدى» دېگەن ئىدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تاممى برۇس، شەنبە كۈنى ئۇلارنىڭ ئۇكرائىنا بىلەن مۇناسىۋەتلىك "كېيىنكى قەدەملەر"نى مۇزاكىرىلەشكەنلىكىنى ۋە «ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى ئالاقىنى قايتا ئورنىتىش ئۈچۈن خىزمەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا كېلىشكەنلىكىنى» ئېيتقان ئىدى.

 

مەنبە:TRT Uygur
ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
مارىيا تېرېسا لازارو بىلەن ۋاڭ يى ئىككى تەرەپلىك ئالاقىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇسىيە ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى
تايلاندتىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 5 ئەسكەر قازا قىلدى
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى