خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيە كىيېۋ ئەتراپىغا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمى ئېلىپ باردى: بىر كىشى ئۆلۈپ، 11 كىشى يارىلاندى
كىيېۋ رايون ۋالىيسى، ھۇجۇمدا يارىلانغانلاردىن بىرىنىڭ كىچىك بالا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى ۋە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنىڭ ئېگىز قەۋەتلىك بىر بىنادىن ئاھالىلەرنى تارقاقلاشتۇرغانلىقىنى، ئوت ئۆچۈرۈشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى قوشۇمچە قىلدى.
رۇسىيە كىيېۋ ئەتراپىغا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمى ئېلىپ باردى: بىر كىشى ئۆلۈپ، 11 كىشى يارىلاندى
رۇسىيە كىيېۋ ئەتراپىغا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمى ئېلىپ باردى: بىر كىشى ئۆلۈپ، 11 كىشى يارىلاندى / AP

كىيېۋ رايون ۋالىيسى مىكولا كالاشنىك ئۇكرائىنا پايتەختىنىڭ مەركەزدىن يىراق بىر مەھەللىسىگە قىلىنغان رۇسىيە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا بىر كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 11 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

كالاشنىك باياناتتا «يەنە بىر دۈشمەن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمى» يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنىڭ كۆپ قەۋەتلىك بىر بىنانىڭ ئاھالىلىرىنى تارقاقلاشتۇرغانلىقىنى، ئوت ئۆچۈرۈش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

كالاشنىك تېلېگرام ھېسابىدا «ئەپسۇسكى ۋىشگورودقا قىلىنغان دۈشمەن ھۇجۇمى نەتىجىسىدە بىر كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 11 كىشى يارىلاندى. بۇلاردىن بىرى كىچىك بالا» دېدى.

بۇ قېتىمقى ھۇجۇم، جۈمە كېچىسى ئېلىپ بېرىلغان ۋە ئۈچ كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە، ئۇكرائىنا مىقياسىدا يۈز مىڭلىغان كىشىنىڭ توكىسىز قېلىشىغا سەۋەب بولغان رۇسىيە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىنىڭ ئارقىدىن ئېلىپ بېرىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Kiev hit by deadly overnight drone attacks; power outages reported

تىنچلىق سۆھبەتلىرى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي، ئۇكرائىنالىق مۇزاكىرىچىلەردىن تەركىب تاپقان بىر ھەيەتنىڭ شەنبە كۈنى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا قارىتىلغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىلانى ھەققىدە سۆھبەتلەر ئۈچۈن ئامېرىكاغا ماڭغانلىقىنى ئېيتتى.

ۋاشىنگتوننىڭ دەسلەپكى تەكلىپى، ئۇكرائىنانىڭ شەرقتىكى دونېتسك رايونىدىن چېكىنىشىنى ۋە ئامېرىكانىڭ دونېتسك، قىرىم ۋە لۇگانسك رايونلىرىنى رۇسىيە دەپ ئېتىراپ قىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.

كىيېۋ ۋە ياۋروپادىن كەلگەن تەنقىدلەردىن كېيىن، ئامېرىكا دەسلەپكى لايىھەنى تارايتتى، ئەمما لايىھەنىڭ ھازىرقى مەزمۇنى ئېنىقسىزلىقىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

بىر فىرانسىيە ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرىشىچە، زېلېنسكىي دۈشەنبە كۈنى فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون بىلەن سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن پارىژدا زىيارەتتە بولىدىكەن.

بۇ ئارىلىقتا كرېملىن، رۇسىيەنىڭ مۇزاكىرىلەرگە تېخىچە ئوچۇق ئىكەنلىكىنى ۋە توقۇنۇشنىڭ دىپلوماتىك يوللار بىلەن ھەل قىلىنىشىغا سادىق ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئىزدىنىڭ
ئۇكرائىنا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى جىددىي يىغىن ئېچىشقا چاقىردى
FBI خىتايغا چېتىشلىق خاككېرلارنىڭ تور ھۇجۇمى قوراللىرىنى مۇسادىرە قىلدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ھۇجۇملىرىدىن ئەنسىرىمەكتە
زېلېنىسكىي: ئۇكرائىنا سۆھبەت ئۆمىكى ئەتە ۋىتكوف ۋە كۇشنېر بىلەن كۆرۈشىدۇ
ھىندىستان، ماسكنىڭ «Starlink» ئەيىبلەشىدىن كېيىن سۈنئىي ھەمراھ ئىنتېرنېت قائىدىلىرىنى ئەسلەتتى
دوكلات: ئامېرىكا ئىران ئۇرۇشىدا 81 ھەربىي ھاۋا ئاپپاراتىدىن ئايرىلغان
30 دوللارغا سېتىۋېلىنغان رەسىم كىمئارتۇقتا 1 مىليون 350 مىڭ دوللارغا سېتىلدى
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى
سىسى لى جەي ميۇڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن جەنۇبىي كورېيەگە يېتىپ باردى
ھىندىستانلىق ئۆكتىچى رەھبەر گەندى سايلامغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش جەريانىدا تۇتۇپ تۇرۇلدى