سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
پەلەستىن ئىسرائىلىيەنىڭ رامىزان ئېيىدا مەسجىدى ئەقساغا كىرىشنى چەكلىشىنى ئەيىبلىدى
پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيەنىڭ مۇبارەك رامىزان ئېيىدا مەسجىتى ئەقساغا كىرىشنى چەكلەش قارارىنى ئەيىبلەپ، بۇنى ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان تاجاۋۇزچىلىقىنىڭ داۋامى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
00:00
پەلەستىن ئىسرائىلىيەنىڭ رامىزان ئېيىدا مەسجىدى ئەقساغا كىرىشنى چەكلىشىنى ئەيىبلىدى
#LOE11: مەسىلىسى ئىسرائىل-ھاماس ھەربىي / AFP

پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ رامىزان ئېيىدا مەسجىدى ئەقسادا ئىبادەت قىلماقچى بولغان كىشىلەرنىڭ سانىنى چەكلەش توغرىسىدىكى تەۋسىيەلىرى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىشغالىيەتچى كۈچلەرنى رامىزان ئېيىدا ناماز ئوقۇش ئۈچۈن مەسجىدى ئەقساغا كىرمەكچى بولغان كىشىلەرگە ھەر قانداق چەكلىمە قويماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

باياناتتا: «بۇ چەكلەش تەدبىرلىرى پۇقرالارنىڭ ئىبادەت ئورۇنلىرىغا كىرىش ھوقۇقى ۋە ئىبادەت قىلىش ئەركىنلىكىنى ئوچۇق-ئاشكارا دەپسەندە قىلغانلىق ۋە ئىسرائىلىيە تاجاۋۇزچىلىقىنىڭ داۋامى ھېسابلىنىدۇ.» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يەنە: «بۇ تەدبىر ئىشغالىيەتچىلەرنىڭ خەلقىمىزگە قىلغان تاجاۋۇزىنىڭ داۋامى ۋە ئىشغال قىلىنغان زېمىنلاردىكى، بولۇپمۇ مەسجىدى ئەقسادىكى مەۋجۇت سىياسىي، تارىخىي ۋە قانۇنىي ۋەزىيەتنى مەجبۇرىي ئۆزگەرتىش ئۇرۇنۇشىدۇر. ئاخىرقى نىشان ئاۋۋال مەسجىدى ئەقسانى بۆلۈش، ئاخىرىدا ئۇنى ۋەيران قىلىپ، ئورنىغا ياسالما بىر ئىبادەتخانا سېلىشتۇر» دېگەنلەرنى قوشۇمچە قىلدى.

باياناتتا يەنە، پەلەستىنلىك پۇقرالارنىڭ ئىبادەت قىلىش ئەركىنلىكىنى قوغداش ۋە ھىمايە قىلىش ئۈچۈن خەلقئارانىڭ بۇ ئىشقا دەرھال ئارىلىشىشى تەلەپ قىلىندى.

 12 -قانال تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ساقچى ئىدارىسى، شىن-بېت (شاباك) ئىچكى ئىستىخبارات مۇلازىمىتى ۋە ئىسرائىلىيە تۈرمە باشقارمىسى يىغىن چاقىرىپ، رامىزان ئېيىدا مەسجىدى ئەقسادا ناماز ئوقۇيدىغان كىشىلەرنىڭ سانىنى بىر قانچە مىڭ بىلەن چەكلەشنى قارار قىلغان.

قارارغا ئاساسەن، رامىزان ئېيىدا مەسجىدى ئەقسادا جۈمە نامىزىغا قاتنىشالايدىغان كىشىلەرنىڭ سانى 10 مىڭ كىشى بىلەن چەكلىنىدىكەن.

بېنيامىن نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە بۇ ھەقتىكى ئاخىرقى قارارىنى ئېلان قىلىشى كۈتۈلمەكتە.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى «تارىخىي» كېلىشىمىنى قوللايمىز
«يولبارس» كولومبىيەنىڭ پىرېزىدېنتى بولدى
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان ئوتتۇرىسىدا «مەككە ئورتاق مۇداپىئە كېلىشىمى» ئىمزالاندى
تايلاندتا مەكتەپتە قانلىق ۋەقە يۈز بەردى
قىرغىزىستاندا ياۋرو-ئاسىيا ھۆكۈمەتلەر ئارا كېڭىشى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان ئۈچ تەرەپلىك مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالايدۇ
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى پاكىستاندىكى قانلىق تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى
ئىران باش مۇزاكىرىچىسى ئامېرىكانى «تىياتىر دىپلوماتىيەسى» يۈرگۈزۈش بىلەن ئەيىبلىدى
خىتاي تەتقىقاتچىلىرى «يېلىم شارچىسى» نىڭ دەلىلىنى تاپتى
خىروشىما ئامېرىكانىڭ ئاتوم بومبىسى تاشلانغانلىقىنىڭ 81 يىللىقىنى خاتىرىلىدى
ترامپ ئامېرىكا قورال كەمچىللىكى مەسىلىسىدە خېگسېتقا بېسىم ئىشلەتكەن
ئىران ئەمەلدارى: ھورمۇز بوغۇزى ئىرانغا قارىتىلغان تەھدىتلەر ئاخىرلاشقۇچە يېپىق قالىدۇ
ياپونىيە باش ۋەزىرى يادرو قوراللىرىنى ئىشلەتمەسلىك ئەنئەنىسىنى قوغداشقا ۋەدە بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى
قانۇنسىز ئىسرائىلىيە كۆچمەنلىرى غەربىي قىرغاقتا پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ئوت قويۇپ بەردى
ئىسرائىلىيە رىمدا ۋاسىتىلىك سۆھبەت داۋاملىشىۋاتقاندا لىۋانغا قايتىدىن ھۇجۇم قىلىشنى ئويلاشماقتا