مەدەنىيەت ئوغرىلىقى: داڭلىق مودا ماركىلىرى يەرلىك لايىھەلەرنى ئوغرىلىماقتا
داڭلىق ماركىلار ئىجتىمائىي-مەدەنىي ئەھمىيەتكە ئىگە نەقىش ۋە سىمۋوللارنى مودا جەھەتتىن دەرىجىسىنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق يەرلىك خەلقلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالماقتا. بۇ ئەھۋال مۇنازىرە قوزغاشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
مودىنىڭ ھەرخىل مەدەنىيەتلەردىن ئىلھام ئېلىشى قوبۇل قىلىنسىمۇ، لېكىن لايىھەلەرنى ئوغرىلاش دۇنيا مىقياسىدا قانۇنىي ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىن ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
يېقىندا مېكسىكا پىرېزىدېنتىنىڭ رەپىقىسى بېئاترىز گۇتيېررېز مۇللېر داڭلىق بىر ماركىنى يەرلىك لايىھەلەرنى ئوغرىلاش بىلەن ئەيىبلىگەن ۋە شىركەت كەچۈرۈم سوراشقا مەجبۇر بولغانىدى.
مۇللېر مۇنداق دېگەنىدى: «بۇ ئىشنى پايدا كۆزلىمەي، خالىس نىيەت بىلەن قىلىۋاتقان يەرلىك مىللەلەرگە سالغان زىيىنىڭلارنى تۆلەپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. دەرۋەقە، يەرلىك نەقىشلەرنى ئىشلىتىش <قانۇنسىزلىق ۋە ئەخلاقسىزلىقتۇر>.»
ئەمما بۇ يېڭى ئوتتۇرىغا چىققان ئەھۋالمۇ ئەمەس. سەنئەتكار سارىياھ پارك «‹TRT World› تېلېۋىزىيە قانىلى» غا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دەيدۇ: «مەزكۇر ماركىنىڭ پۈتكۈل ئىمپېرىيەسى مەنىۋى بۇلاڭچىلىق ئۈستىگە قۇرۇلغاندۇر.»
مەدەنىيەت تەقلىدچىلىكى باشقا بىر مەدەنىيەتنى دوراش ياكى خاتا تونۇشتۇرۇش ۋە بۇنىڭدىن پايدىلىنىشتۇر. بۇ كۆپىنچە يەرلىك لايىھىلىگۈچىلەرنىڭ خەۋىرى بولماي ۋە ھەقلىرى تۆلەنمەي تۇرۇپ ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
پاركنىڭ قارىشىچە، بۇ «مەدەنىيەت ئوغرىلىقى» ئامېرىكادا «تۇنجى ئالاقە قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ» ھازىرغىچە ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا ئىكەن.
پارك بۇ مەنىۋى بۇلاڭچىلىقنىڭ يېڭى ئەمەسلىكىنى، ئەمما مۇللېرنىڭ تەشەببۇسى بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنىڭ بۇ ئادالەتسىزلىككە ئاغدۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
پارك مۇنداق دەيدۇ: «كۆپ ھاللاردا مەدەنىيەت بۇلاڭچىلىقى مۇھىم ياكى كۈرەش قىلىشقا ئەرزىيدىغان مەسىلە دەپ قارالمايدۇ، ئەمما مەدەنىيەت ئوغرىلىقىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يەرلىك خەلقلەرگە ھەر كۈنى تەسىر كۆرسەتمەكتە ۋە ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.»
مېكسىكا ھۆكۈمىتى نۇرغۇن داڭلىق ماركىلار ھەققىدە ئوخشاش شىكايەتلەردە بولدى.
مەدەنىيەت ئوغرىلىقى جەھەتتە سان-ساناقسىز مىساللار بار
يەرلىك ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەك، ئادەت-ئەنئەنە، تىل، مۇراسىم ۋە ئۇسسۇللارنى قوللىنىش 1830-يىللاردىن 1978-يىلى ئامېرىكا يەرلىكلىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك قانۇنى چىقىرىلغانغا قەدەر ئامېرىكادا چەكلەنگەنىدى.
شۇڭا مودا ماركىلىرى يەرلىكلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى مەنىۋى جەھەتتىن ئوغرىلىغاندا ئۇلارنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن تارىخىي تىراگېدىيەلىرىنى كۆرمەسكە سېلىۋالىدۇ.
داڭلىق مودا ماركىلىرى شىركىتىنىڭ پارچە سېتىش ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى شانتى ئامالاناتخان «‹TRT World› تېلېۋىزىيە قانىلى» غا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دەيدۇ: «داڭلىق مودا ماركىلىرى ئۇزۇندىن بۇيان يەرلىك لايىھەلەرنى قوبۇل قىلىپ كېلىۋاتىدۇ، ئەمما بۇ لايىھەلەرنىڭ تارىخىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئۇقۇمىنى ياكى مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرگە نىسبەتەن ئەھمىيىتى ۋە قىممىتىنى ھەقىقىي مەنىدەچۈشەنمەيۋاتىدۇ.
بۇ مىللەتلەر ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا مىراس قالدۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان لايىھەلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن ھەپتىلەر، ئايلار ھەتتا يىللارنى سەرپ قىلىدۇ. ماركىلار بۇ لايىھەلەرنى مەنىۋى جەھەتتىن ئوغرىلاش ئارقىلىق بۇ مىللەتلەرگە ھۆرمەتسىزلىك قىلىۋاتىدۇ. ھەتتا ‹سىلەرگە ۋەكىللىك قىلىشىمىز ئىمتىيازدۇر› دەۋاتىدۇ.»
بۇ مەدەنىيەت ئوغرىلىقىنىڭ سان-ساناقسىز مىساللىرىنى ئۇچرىتىش مۇمكىن.
پارك سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: «يەرلىك بىر مىللەتنى بۇنداق شەكىلدە ئىلھام مەنبەسى قىلىش، تالان-تاراج قىلىنىدىغان ۋە ئوغرىلىنىدىغان بىر قېلىپقا ئايلاندۇرۇش، ھەتتا ئۆز مەنپەئىتى ئۈچۈن ئەنئەنىۋى مۇراسىملار ۋە مۇقەددەس ئادەت - ئەنئەنەلەردىن ئىلھام ئېلىشقىچە ئېلىپ بارىدىغان بىر پوزىتسىيە تۇتۇش ئاشۇ مىللەتلەرگە نىسبەتەن ئىنتايىن ئازابلىق ئىشتۇر.»
ھەرقداق بىر مەدەنىيەتنىڭ ئۆز ئىگىسىگە ھۆرمەت قىلىش زۆرۈررىيەتتۇر
پارك ۋە ئامالاناتخان ھەرخىل ئىنستىتۇتلاردا يەرلىك مودا ۋە مودا باشقۇرۇش ھەققىدە دەرس ئۆتىدۇ.
پارك دەرس ئۆتەش جەريانىدا مۇنداق دەيدۇ: «بەلكىم تېخىمۇ كۆپ مودا لايىھىلىگۈچىلىرى نوقۇل ھالدىكى <مودا تارىخىنىڭ مەركىزى ياۋروپا> قارىشىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، بۇ ھەقتە چىنلىقنى ئاساس قىلغان ھالدا بىلىم ئاشۇرسا، مەدەنىيەت تەقلىدچىلىكىنىڭ نېمىشقا بۇنچىلىك زىيانلىق ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتەلەيدۇ.»
مودا ساھەسىدە ماگىستىرلىقتا ئوقۇۋاتقان 31 ياشلىق ئېكو ماللېيو، مۇزېيلاردا كۆرگەزمىگە قويۇلغان يەرلىك كىيىم-كېچەك ۋە مودا بۇيۇملىرى ھەققىدە دىسسېرتاتسىيە يېزىۋاتىدۇ.
ماللېيو «‹TRT World› تېلېۋىزىيە قانىلى» بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، يەرلىك سەنئەت ئەسەرلىرىدىن نەقىش ۋە سىمۋوللارنى ئېلىپ مەزمۇنىدىن ئايرىپ ئىشلىتىشنىڭ مەدەنىيەت ئوغرىلىقىنىڭ ئەڭ روشەن مىسالى ئىكەنلىكىنى، ئەمما بەزىدە ماركىلارنىڭ ھەرخىل يەرلىك گۇرۇپپىلارنىڭ ئۇسلۇبلىرىنى بىرلا كىيىمدە بىرلەشتۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ:
«پەقەت ئامېرىكا چېگراسى ئىچىدىلا يۈزلىگەن ئوخشىمىغان يەرلىك خەلقلەر بار، ئەمما ماركىلار لايىھەلەرنى ئوغرىلىغاندا، كۆپىنچە بۇ خىلمۇخىللىقنى نەزەرگە ئالمايدۇ.
ماركىلار بىرەر نەرسىنىڭ ‹يەرلىكلەردىن ئىلھام ئالغانلىقىنى› ئېتىراپ قىلغاندا، ئۇنى مەلۇم بىر مىللەتكە تەۋە دەپ چۈشەندۈرۈشنىڭ ئورنىغا، ئادەتتە پەقەت ‹يەرلىك› دېگەن ئاتالغۇنىلا ئىشلىتىدۇ.»
ئامالاناتخان مۇنداق دەيدۇ: «بۇ پەقەت كۆڭۈل بۆلگەندەك كۆرۈنۈش ئۈچۈن كىيىمگە بىر بەلگە چاپلاشتىنلا ئىبارەت. كۆپىنچە ھاللاردا، ماركىلار مەھسۇلاتنىڭ كېلىپ چىقىشىنى مۇۋاپىق بەلگىلىيەلمەيدۇ ۋە مەھسۇلاتنى بازارغا سالالمايدۇ، چۈنكى بۇ ماركىلار شۇ مەھسۇلاتنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنمەيدۇ. ئەمما بۈگۈنكى ئىستېمالچىلار ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئىجتىمائىي، مەدەنىي پىكىرلەردىنمۇ بەكرەك كېلىپ چىقىش مەنبەسى ئېنىق ۋە ئەسلى مەھسۇلاتلارغا قاراپ يۈزلەنمەكتە.»
ئۇنداقتا، ماركىلار چەتكە قېقىلغان مىللەتلەرنى رەنجىتمەي تۇرۇپ، ئىستېمالچىلىرىنىڭ ئۆزگىرىشچان ئېھتىياجلىرىنى قانداق قاندۇرالايدۇ؟
ئۆزلەشتۈرۈش ۋە قەدىرلەشنىڭ مۇۋاپىق يولى
ئامالاناتخان مەدەنىيەت لايىھەلىرىنى ئوغرىلىماي قەدىرلەشنىڭ مۇۋاپىق بىر يولى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دەيدۇ: «كەڭ تونۇلغان تېز مودا ماركىلىرىمۇ داڭلىق مودا ماركىلىرىغا ئوخشاشلا ناھايىتى زور تەسىر كۈچىگە ئىگە. شۇڭا يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ يەرلىكلەرگە قۇلاق سېلىشىغا توغرا كېلىدۇ.
بۇ مەدەنىيەتلىك مىللەتلەر بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، شېرىكلىك ئورنىتىشىغا، ئۇلارنى ئوبدان تونۇپ، بۇ پۇرسەتتىن مەھرۇم قېلىۋاتقان لايىھىلىگۈچىلەر ۋە مىللەتلەرگە قۇلاق سېلىشىغا توغرا كېلىدۇ.»
پارك بۇ ھەقتىكى ھېس - تۇيغۇلىرىنى مۇنداق ئىپادىلەيدۇ: «مەدەنىيەتنى قەدىرلەشتىم مەقسەت، يەرلىك لايىھىلىگۈچىلەرنى قوللاش ۋە يەرلىك مىللەتلەر بىلەن بىۋاسىتە ھەمكارلىشىپ، ئۇلارنىڭ ھۈنەرۋەنچىلىكى ۋە بىلىمىنى قوللاش ھەم قوغداشتۇر.
يېڭى يەرلىك مودا لايىھىلىگۈچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي لايىھەلىرىنى تونۇشتۇرماقتا، بۇ ئارقىلىق <يەرلىك مودىلار ئۆتمۈشكە تاقىلىپ قالغان> دېگەندەك قېلىپلاشقان چۈشەنچىلەرنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلىماقتا.»
ماللېيو مۇنداق دەيدۇ: «بىر خېرىدار مەلۇم ئۇسلۇبلار ياكى لايىھەلەرگە قىزىقسا ھەم يەرلىك مىللەتلەردىن ئوغرىلانغان ماركىلاردىن سېتىۋېلىشنى خالىمىسا، بىۋاسىتە يەرلىك لايىھىلىگۈچىلەر بىلەن ئالاقىلەشسە بولىدۇ. تور سۇپىلىرىدا ئىزدىسىڭىز نۇرغۇن تاللاش پۇرسىتى بارلىقىنى كۆرىسىز.»