سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا-ئىران ئۇرۇشى تۆتىنچى ھەپتىسىگە قەدەم قويغاندا، دېموكراتلار ترامپنى «يالغانچى» دەپ ئەيىبلىدى
پالاتا ئەزاسى كىرىس ۋان خوللېن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنى ئامېرىكا-ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قارشى ئۇرۇشى جەريانىدا، ئىران بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن سۆھبەتلەر توغرىسىدا جامائەتچىلىكنى خاتا يېتەكلەش بىلەن ئەيىبلىدى.
ئامېرىكا-ئىران ئۇرۇشى تۆتىنچى ھەپتىسىگە قەدەم قويغاندا، دېموكراتلار ترامپنى «يالغانچى» دەپ ئەيىبلىدى
ئامېرىكا-ئىران ئۇرۇشى تۆتىنچى ھەپتىسىگە قەدەم قويغاندا، دېموكراتلار ترامپنى «يالغانچى» دەپ ئەيىبلىدى / Reuters

ئامېرىكا-ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قارشى ئۇرۇشى تۆتىنچى ھەپتىسىگە قەدەم قويغاندا، دېموكرات پالاتا ئەزاسى كىرىس ۋان خوللېن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنى تېھران بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقى توغرىسىدا يالغان سۆزلەش بىلەن ئەيىبلىدى.

ۋان خوللېن CNN تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، ترامپنىڭ «ئىراننىڭ سۆھبەتكە قاتناشقانلىقى ۋە توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ بارلىق تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلىشقا تەييار» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى، ئەمما بۇنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«ئەپسۇسكى، دونالد ترامپنىڭ باشتىن-ئاخىر ئامېرىكا خەلقىگە يالغان سۆزلىگەنلىكىنى ۋە ئامېرىكا خەلقىگە يەنە يالغان سۆزلەشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆردۇق.»

ترامپ تىلغا ئالغان  تالاش-تارتىشلىق سۆھبەتلەر، ئىراننىڭ ئۇران قويۇلدۇرۇش پائالىيەتلىرىنى توختىتىشى، قويۇلدۇرۇلغان ئۇران زاپاسلىرىنى يوق قىلىشى ۋە ھورمۇز بوغۇزىنى خەلقئارا نېفىت تىرانسپورتىغا قايتا ئېچىۋېتىشى قاتارلىق تەلەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلغان مەخپىي ئالاقىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىدى.

ۋان خوللېن يەنە، ئىراننىڭ ئاساسلىق نېفىت ئېكسپورت تېرمىنالى بولغان خارگ ئارىلىنى نىشان قىلغان پىلانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا، ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قاراتقان ھەرقانداق ھۇجۇمىنىڭ «ئۇرۇش جىنايىتى» ھېسابلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.

ترامپ دۈشەنبە كۈنى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Truth Social سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىران بىلەن بولغان سۆھبەتلەرنىڭ «ناھايىتى ياخشى» ۋە «نەتىجىلىك» كېتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىراننىڭ ئېنېرگىيە ئىستانسىلىرى ۋە ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قىلىنىدىغان ھۇجۇملارنىڭ بەش كۈنلۈك توختىتىپ تۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئىران ئىسلام مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ رەئىسى مۇھەممەد باقىر غالىباف ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئىسمائىل باقائىي ترامپنىڭ دەۋالىرىنى قەتئىي رەت قىلىپ، بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك سۆھبەت ئېلىپ بېرىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
ھىندىستاندا چاندىپۇرا ۋىرۇسى ئەنسىزلىك ياراتتى. دۆلەتلىك جىددىي ھەرىكەت ئەترىتى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە
«ۋىلدبېررىس» ئامبىرى يەنە بىر قېتىم ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى تالاپىتىگە ئۇچرىدى
CIA نىڭ كۇباغا قارشى «ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى» قۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
دونالد ترامپ ئامېرىكانىڭ ئوق-دورا يېتەرسىزلىكىگە دۇچ كەلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
خاقان فىدان: ئىسرائىلىيەنىڭ كېڭەيمىچىلىكى توسۇلمىسا، كىرىزىس دۇنياۋى تۇس ئالىدۇ
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيبانى تۈركىيەگە كېلىدۇ
خىتاي ئامېرىكانىڭ سودا جازالىرىغا قارشى «تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى» نى ئېلان قىلدى
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ
خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدىكى يامغۇر ۋە سەل ئاپىتى سەۋەبىدىن 115 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي مەجبۇرىي كۆچۈرۈلدى
بۇلغارىيەدە دۇنا دەرياسىنىڭ سۇ سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن  پاراخوتلار ئۆتەلمەي ساقلىماقتا
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنىڭ تۇنجى «توماھاۋك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى
روسىيە: «ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»
سۈنئىي ئەقىل خاككېرلارغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بەرمەكتە: ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى