2 مىنۇت ئوقۇش
1200 دىن ئارتۇق قانۇنسىز ئىسرائىلىيە كۆچمەنلىرى مەسجىدى ئەقساغا باستۇرۇپ كىردى
پەلەستىنلىك مەسئۇللار، ئىسرائىليەنىڭ بۇ دەخلى-تەرۇزلىرى بارغانسېرى كۈچىيىاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، 2025 - يىلىنىڭ باشلىرىدا 13 مىڭدىن ئارتۇق قانۇنسىز كۆچمەننىڭ مەسجىدى ئەقسا جايلاشقان رايونغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
1200  دىن ئارتۇق قانۇنسىز ئىسرائىلىيە كۆچمەنلىرى مەسجىدى ئەقساغا باستۇرۇپ كىردى
The official with the Islamic Endowments Department in Jerusalem said on Tuesday that at least 1,220 illegal settlers had entered the flashpoint site under the protection of Israeli police / AA

يۈزلىگەن قانۇنسىز ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەن ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇسقا جايلاشقان مەسجىدى ئەقساغا مەجبۇرىي بېسىپ كىردى. پەلەستىنلىك بىر مەسئۇلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ۋەقە يەھۇدىيلارنىڭ دىنىي بايرىمى «خېمىرتۇرۇچسىز نان بايرىمى» نىڭ ئۈچىنچى كۈنى يۈز بەرگەن.

قۇددۇستىكى ئىسلام ۋەخپە ئىدارىسىدىن بىر مەسئۇل، سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەتلىرىدىن باشلاپ ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ قوغدىشى ئاستىدا كەم دېگەندە 1220 قانۇنسىز كۆچمەننىڭ بۇ سەزگۈر رايونغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېيتتى.

شاھىتلار قانۇنسىز يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ مەسجىدىي ئەقسانىڭ غەربىگە جايلاشقان مەغرىبىيە دەرۋازىسى رايونىدىن ئىچكىرى كىرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

دۈشەنبە كۈنى تەخمىنەن 1149 قانۇنسىز يەھۇدىي كۆچمەن بېسىپ كىرگەن بولسا، يەكشەنبە كۈنى 494 كىشى ئوخشاش شەكىلدە خېمىرتۇرۇچسىز نان بايرىمىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن بۇ رايونغا بېسىپ كىرگەن.

خېمىرتۇرۇچسىز نان بايرىمى، مۇسا ئەلەيھىسسالام دەۋرىدە «ئىسرائىل ئوغۇللىرىنىڭ مىسىردىن چىقىشى» نى خاتىرىلەشنى مەقسەت قىلىدۇ ۋە يەھۇدىي دىنىي كالېندارىدىكى ئەڭ مۇھىم بايراملاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

پەلەستىن ۋەخپە ۋە دىنىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن ئاي مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس رامىزان ئېيىنى تەبرىكلىگەن مەزگىلدە، قانۇنسىز يەھۇدىي كۆچمەنلەر مەسچىتكە 21 قېتىم باستۇرۇپ كىرگەن.

قۇددۇس ۋالىيلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 2025 - يىلىنىڭ بىرىنچى چارىكىدە 13064 قانۇنسىز يەھۇدىي كۆچمەن مەسچىتكە باستۇرۇپ كىرگەن.

2003 - يىلىدىن بۇيان ئىسرائىلىيە، قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ جۈمە ۋە شەنبە كۈنلىرىدىن باشقا كۈنلەردىمۇ بۇ سەزگۈر رايونغا ھەر كۈنى دېگۈدەك بېسىپ كىرىشىگە يول قويۇپ كەلمەكتە.

مەسجىدى ئەقسا، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن دۇنيادىكى ئۈچىنچى چوڭ مۇقەددەس ماكاندۇر. يەھۇدىيلار بولسا بۇ رايوننى «ئىبادەتخانا تېغى» دەپ ئاتاپ، بۇ يەردە قەدىمكى دەۋردە ئىككى يەھۇدىي ئىبادەتخانىسىنىڭ بولغانلىقىنى دەۋا قىلىپ كەلمەكتە.

ئىسرائىلييە 1967 - يىلىدىكى ئەرەب-ئىسرائىلىيە ئۇرۇشى جەريانىدا مەسجىدى ئەقسا جايلاشقان شەرقىي قۇددۇسنى ئىشغال قىلغان ئىدى. 1980 - يىلى بولسا پۈتۈن شەھەرنى ئۆزىگە قانۇنسىز قوشۇۋالغان بولۇپ، ئەمما بۇ ھەرىكەت خەلقئارا تەرىپىدىن ھېچقاچان ئېتىراپ قىلىنمىغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»