ئوچېرىك
3 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە تارىخىدىكى «ئەڭ چوڭ ئوت ئاپىتى» داۋاملاشماقتا ۋە ئاھالىلەر كۆچۈرۈلمەكتە
ئىسرائىلىيە بىر قانچە ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن غەربىي قۇددۇس بىلەن تېل-ئاۋىۋ ئارىسىدا ئەۋج ئالغان دالا ئوت ئاپىتىنى ئۆچۈرۈشكە ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
ئىسرائىلىيە تارىخىدىكى «ئەڭ چوڭ ئوت ئاپىتى» داۋاملاشماقتا ۋە ئاھالىلەر كۆچۈرۈلمەكتە
TV footage showed fires burning along the main Route 1 Jerusalem to Tel Aviv highway and people abandoning cars and running away from the flames. / Reuters
2025-يىلى5-ئاينىڭ1-كۈنى

يۇقىرى تېمپېراتۇرا سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان دالا ئوت ئاپىتى ۋەجىدىن، ئىسرائىلىيە ئەمەلدارلىرى بىر قانچە شەھەرنى كۆچۈرۈش ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ مەركىزىدىكى چوڭ تاشيولنى تاقاش تەدبىرلىرىنى ئىشقا سالدى. ئىس تۈتەكتىن زەھەرلىنىش سەۋەبىدىن ئاز دېگەندە 20 كىشى بالنېستقا ئېلىندى. تېل-ئاۋىۋ تېزلىك بىلەن تارقىلىۋاتقان يالقۇننى كونترول قىلىش ئۈچۈن خەلقئارالىق ياردەم تەلەپ قىلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ «قانال 12» تېلېۋىزىيەسى چارشەنبە كۈنى ئوت ئاپىتىنىڭ ھازىر 2010-يىلىدىكى ۋەيران قىلغۇچ كارمەل تېغى دالا ئوت ئاپىتىدىنمۇ چوڭ دائىرىگە كېڭەيگەنلىكىنى بىلدۈردى.

KAN  خەۋەر ئاگېنتلىقى ئاسساف ھاروفېخ دوختۇرخانىسىنىڭ 10 كىشىنىڭ داۋالىنىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئىسرائىلىيەنىڭ يېدىئوت ئاخارونوت گېزىتىمۇ شىددەتلىك ئوت ئاپىتىدە 12 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

گېزىتنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەھۇدىي مىللىي فوندىنىڭ تەخمىنلىرىگە ئاساسلانغاندا، غەربىي قۇددۇس تاغلىرىدىكى ھازىرقى دالا ئوت ئاپىتى تەخمىنەن 2891 مو ئورمانلىقنى ۋەيران قىلغان.

ئوت ئۆچۈرۈش ۋە قۇتقۇزۇش مۇلازىمىتىنىڭ باياناتىدا، بىر قانچە رايوندىكى نۇرغۇن يېزا-كەنتلەرنى كۆچۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

يۇقىرى تېمپېراتۇرا ۋە كۈچلۈك شامال تۈپەيلىدىن نۇرغۇن جايلاردا چىققان ئوت ئاپىتى تۈپەيلى كۆچۈرۈش تەدبىرلىرى قوللىنىلدى. 111 ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى ۋە 11 ئايروپىلان يالقۇننى ئۆچۈرۈش بىلەن شۇغۇللانماقتا.

KAN  خەۋەر ئاگېنتلىقى غەربىي قۇددۇس بىلەن تېل-ئاۋىۋ ئارىسىدىكى ئېشتائول ئورمانلىقىدا كۈچلۈك ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

KAN  نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەمەلدارلار دالا ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن مۇمكىن قەدەر تېخىمۇ كۆپ خەلقنى كۆچۈرۈش ھەققىدە يوليورۇق چىقارغان.

ئوت ئۆچۈرۈش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمىتى كۈچلۈك ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن ئەڭ يۇقىرى ئاگاھلاندۇرۇش سەۋىيەگە كۆتۈرۈلدى ۋە غەربىي قۇددۇس بىلەن تېل-ئاۋىۋ ئارىسىدىكى يالقۇننى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن خەلقئارالىق ياردەم تەلەپ قىلىندى.

ئەمەلدارلار يەنە ئېھتىيات تەدبىرى سۈپىتىدە بۇ ئىككى شەھەرنى تۇتاشتۇرىدىغان ئاساسىي تاشيولنى تاقىدى.

ئىسرائىلىيە چەت ئەلدىن ياردەم تەلەپ قىلدى

KAN  نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە گرېتسىيە، كرودىيە، ئىتالىيە ۋە گرېك كىپر مەمۇرىي ئورگىنىدىن ئوت ئۆچۈرۈش ئايروپىلانلىرىنى ئەۋەتىپ ياردەم بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

«قانال 7» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھاۋا ئارمىيەسى بازىلىرى زۆرۈر بولغاندا چەت ئەل ئەسكەرلىرىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئايروپىلانلىرىنى قوبۇل قىلىشقا تەييار ئىكەن.

ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن، بەزى پويىز قاتناش لىنىيەلىرى ئۈزۈلۈپ قالدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيە رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ قاتناش مىنىستىرى مىرى رەگەۋ داۋاملىشىۋاتقان ئوت ئاپىتى تۈپەيلىدىن دۆلەتنىڭ توك تورى بۇزۇلۇپ قالسا، دىزېل كۈچىدە ماڭىدىغان پويىزلارنىڭ ئىشقا سېلىنىشىغا تەييارلىق قىلىش بويىچە ئالاقىدار ئورگانلارغا يوليورۇق بەرگەن.

غەربىي قۇددۇس رايونى ئوت ئۆچۈرۈش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شمۇلىك فرىدمان بۇ دالا ئوت ئاپىتىنىڭ «ئىسرائىلىيە تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ئوت ئاپىتى» بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

مۇداپىئە مىنىستىرى ئىسرائىل كاتز بۈگۈن ئەتىگەندە پۈتۈن دۆلەت مىقياسىدا جىددىي ھالەت ئېلان قىلدى.  ئارمىيەگە غەربىي قۇددۇس تاغلىق رايونىدىكى ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىغا ياردەم بېرىش بۇيرۇقى چۈشۈردى.

«قانال 12» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە زور كۆلەملىك ئورمان ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن پۈتۈن مۇستەقىللىق بايرىمى مۇراسىملىرىنى بىكار قىلغان.

مۇستەقىللىق كۈنىدە، 1948-يىلى پەلەستىن زېمىنىدا ئىسرائىلىيەنىڭ قۇرۇلغانلىقى تەبرىكلىنىدۇ، بۇ كۈن ئىشغال قىلىنغان پەلەستىننىڭ «نەقبە قىرغىنچىلىقى» نى خاتىرىلىشى بىلەن بىر كۈنگە توغرا كېلىدۇ. «نەقبە قىۈغىنچىلىقى» دا، سىئونىست گۇرۇھلار پۇقرالارنى قىرغىن قىلغان ۋە 800 مىڭغا يېقىن پەلەستىنلىك مەجبۇرىي يۇرت - ماكانلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان ئىدى.

ئۆتكەن ھەپتە، ئىسرائىلىيە ئەمەلدارلىرى يۇقىرى تېمپېراتۇرا ۋە كۈچلۈك شامال تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان كەڭ كۆلەملىك دالا ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن ئىسرائىلىيەنىڭ مەركىزىدىكى بىر قانچە شەھەردىن ئاھالىلەرنى كۆچۈرگەن ھەمدە ئوت ئاپىتىدە 2471 مو يەر ۋەيران بولغان ۋە توققۇز كىشى يارىلانغان ئىدى.

مەنبە:TRT Uyghur
ئىزدىنىڭ
دۇنيا تەمىنلەش زەنجىرى ئەڭ چوڭ زەربىگە ئۇچرىدى
تۈركىيە ۋە باشقا 7 دۆلەت ئىسرائىلىيەنىڭ شەرقىي قۇددۇستىكى ئىبادەت چەكلىمىلىرىنى ئەيىبلىدى
لىۋاندىكى توقۇنۇشتا تۆت ئىسرائىلىيە ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلدى
ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتۈش ھەققى ئېلىش قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
ئىران لىۋانغا دوئېل ئېلان قىلىپ، ئەلچىسىنىڭ بېيرۇتتا تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئىراننىڭ پارس قولتۇقىدىكى ئامېرىكا بىلەن چېتىشلىق ئورۇنلارغا قىلغان ھۇجۇم سانى 5400 قېتىمدىن ئاشتى
ترامپ: كۇبادا ھاكىمىيەت قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تېز گۇمران بولىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا ئىككى پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
قىلىنغۇسى قۇرۇقلۇق ھۇجۇمىغا قاتنىشىدىغان يېڭى بىر تۈركۈم ئامېرىكا ئەسكىرى ئوتتۇرا شەرقكە يېتىپ كەلدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا بىر كىچىك بالىنى قوشقاندا جەمئىي 6 پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلدى
نۇرغۇن مىقتاردا كىتكات (KitKat) ئوغرىلىقى: ياۋروپادا 12 توننا شاكىلات ئوغرىلاندى
پاكىستان يېقىن شەرق ئۇرۇشىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە مىسىرنى كۈتۈۋالىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىغا قىلغان ھۇجۇمىدا ئۈچ مۇخبىر ئۆلتۈرۈلدى
فىرانسىيە دائىرىلىرى پارىژدىكى  توسۇپ قېلىنغان ھۇجۇمنى تەكشۈرمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا كېڭىشى رەئىسى بېچىروۋىچنى رەسمىي مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋالدى