سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ مادۇرو ۋە رەپىقىسىنىڭ ۋېنېزۇئېلادىن مەجبۇرىي ئېلىپ چىقىلغانلىقىنى ئېيتتى
پىرېزىدېنت ترامپ مادۇرو ۋە رەپىقىسىنىڭ ۋېنېزۇئېلادىن ئامېرىكانىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەربىي ھەرىكىتى نەتىجىسىدە تۇتقۇن قىلىنىپ، ۋېنېزۇئېلادىن ئېلىپ چىقىپ كېتىلگەنلىكىنى جاكارلىدى.
ترامپ مادۇرو ۋە رەپىقىسىنىڭ ۋېنېزۇئېلادىن مەجبۇرىي ئېلىپ چىقىلغانلىقىنى ئېيتتى
 ترامپ مادۇرو ۋە رەپىقىسىنىڭ ۋېنېزۇئېلادىن مەجبۇرىي ئېلىپ چىقىلغانلىقىنى ئېيتتى / AFP
2026-يىلى1-ئاينىڭ3-كۈنى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ شەنبە كۈنى ۋاشىنگتوننىڭ ۋېنېزۇئېلاغا قارىتا «كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت» ئېلىپ بارغانلىقىنى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە پىرېزىدېنت نىكولاس مادۇرو بىلەن رەپىقىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، دۆلىتىدىن ئېلىپ چىقىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىرېزىدېنت ترامپ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Truth Social سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى:

 «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋېنېزۇئېلاغا ۋە ئۇنىڭ رەھبىرى پىرېزىدېنت نىكولاس مادۇروغا قارىتا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ باردى. بۇ ھەرىكەت نەتىجىسىدە مادۇرو ۋە رەپىقىسى تۇتقۇن قىلىنىپ، دۆلىتىدىن ئېلىپ چىقىلدى.»

ترامپ ھەربىي ھەرىكەتنىڭ «ئامېرىكا قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئاساسىدا» ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ تەپسىلاتلارنىڭ كېيىن ئاشكارىلىنىدىغانلىقىنى، فلورىدا ئىشتاتىدىكى مار-ئا-لاگو (Mar-a-Lago) تۇرالغۇسىدا شۇ جاي ۋاقتى سائەت 11:00 دە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، NYT گېزىتىنىڭ قىسقا تېلېفون سۆھبىتىنى قوبۇل قىلغان ترامپ، ھۇجۇمنىڭ غەلىبىلىك ئاخىرلاشقانلىقىنى ماختىدى. NYT نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ترامپ: «ئىنتايىن ياخشى پىلانلاش، ئىنتايىن ياخشى ئەسكەرلەر ۋە قالتىس كىشىلەر بار ئىدى. ئەمەلىيەتتە بۇ بىر پارلاق ھەرىكەت بولدى» دېگەن.

مەزكۇر ھەرىكەت ئۈچۈن دۆلەت مەجلىسىدىن ھوقۇق تەلەپ قىلغان-قىلمىغانلىقى ياكى ۋېنېزۇئېلانىڭ تەقدىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئاللارغا قارىتا، ترامپ بۇ مەسىلىلەرنى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا چۈشەندۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مادۇرو ئامېرىكانىڭ نازارىتى ئاستىدا

ئامېرىكا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كرىستوفىر لاندائۇ، مادۇرونىڭ «ئاخىرى قىلغان جىنايەتلىرى ئۈچۈن ئادالەت ئالدىدا ھېساب بېرىدىغانلىقىنى» ئېيتتى. لاندائۇ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا: «ۋېنېزۇئېلا ئۈچۈن يېڭى بىر تاڭ ئاتتى! زالىم كەتتى. ئۇ ئاخىرى قىلغان جىنايەتلىرى ئۈچۈن ئادالەت ئالدىدا ھېساب بېرىدۇ» دېدى.

مەزكۇر ھۇجۇملار ئامېرىكا مادۇرونى زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى بىلەن ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان ۋە ئايلاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان جىددىيچىلىكتىن كېيىن يۈز بەردى. CBS News تېلېۋىزىيە قانىلى دائىرىلەرنى مەنبە كۆرسىتىپ، مادۇرونى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تاللانغان ئالاھىدە قىسمى «دېلتا كۈچلىرى» (Delta Force) نىڭ ئېلىپ بارغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئامېرىكا پالاتا ئەزاسى مايك لې ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيونىڭ ئۆزىگە مادۇرونىڭ ئامېرىكادا جىنايى ئىشلار بويىچە سوتلىنىش ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى ئېيتتى. لېنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇبىيو «مادۇرو ئەمدى ئامېرىكانىڭ نازارىتى ئاستىدا بولغاچقا، ۋېنېزۇئېلادا يەنە قوشۇمچە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىشىنى كۈتمەيدىغانلىقىنى» تىلغا ئالغان.

بۇ جەرياندا، ۋېنېزۇئېلا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى دېلسى رودرىگۇئېز مادۇرونىڭ نەقەيەردە ئىكەنلىكىدىن «خەۋەرسىز» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ترامپتىن «پىرېزىدېنت مادۇرونىڭ ھايات ئىكەنلىكىگە دائىر ئىسپات» تەلەپ قىلدى.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئەلچىخانا خادىملىرىنىڭ دۆلەتتىن ئايرىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ترامپ: ئامېرىكا ئىران دېڭىز ئارمىيەسىنى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سۇپىلىرىنى ۋەيران قىلدى
ئەردوغان ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى بارزانى بىلەن تېلېفوندا مۇھىم  سۆھبەت ئۆتكۈزدى
خاقان فىدان: «تۈركىيە ئىران ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن دىپلوماتىيەنى كۈچەيتتى»
نېتانياھۇ ئىرانغا قارشى ئۇرۇشنى «پۈتۈن كۈچى» بىلەن داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى
ئىران ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى، ئامېرىكا بۇ دەۋالارنى رەت قىلدى
ئوسلودىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدا پارتلاش يۈز بەردى
ترامپ ئىراننىڭ قوشنىلىرىغا «تەسلىم بولغانلىقىنى» ئىلگىرى سۈردى، يېڭى ھۇجۇملار بىلەن تەھدىت سالدى
ئەردوغان: «ئىران تىنچلىق مۇساپىسىدىكى كېچىكىش يەر شارىنىڭ مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ»
ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا قانۇنسىز ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەر ئىككى پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
تۈركىيە ئوتتۇرا شەرقتىكى پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى
ئەردوغان بىلەن ئىتالىيە باش مىنىستىرى مېلونى ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران پىرېزىدېنتى تەسلىم بولمايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى، قوشنا دۆلەتلەردىن ئەپۇ سورىدى
ئەزەربەيجان ئۇچقۇ ھۇجۇمىدىن كېيىن، ئىراندىكى دىپلوماتىك ئورۇنلىرىنى تاقىدى
رۇسىيەنىڭ خاركىۋدىكى ئولتۇراق بىناغا قىلغان ھۇجۇمىدا نۇرغۇن كىشىلەر جېنىدىن ئايرىلدى