ئەردوغان: غەززە كېلىشىمىنى قارشى ئالىمىز، پەلەستىننى داۋاملىق قوللايمىز
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ مۇستەقىل ۋە ئىگىلىك ھوقۇقلۇق پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى يولىدىكى قەتئىي مەيدانىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پەلەستىن توغرىسىدا سۆز قىلماقتا. سۈرەت: ئانادولۇ ئاگېنتلىقى. / AA
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شارم ئەل-شەيختە ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت نەتىجىسىدە، ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى تۈزۈش جەريانىدا تۈركىيەمۇ مۇھىم رول ئوينىدى.
ئەردوغان پەيشەنبە (9-ئۆكتەبىر) كۈنى قىلغان باياناتىدا، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇرۇش توختىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇشتا زۆرۈر سىياسىي ئىرادىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپقا، شۇنداقلا كېلىشىم ھاسىل قىلىشتا مۇھىم روللارنى ئوينىغان قاتار ۋە مىسىرغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ تۈركىيەنىڭ كېلىشىمنىڭ ھەربىر ماددىسىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىنى يېقىندىن كۆزىتىدىغانلىقىنى ۋە بۇ جەريانغا تۆھپە قوشۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە: «پەلەستىندە 1967-يىلى بەلگىلەنگەن چېگرالار ئاساسىدا، پايتەختى شەرقىي قۇددۇس بولغان، مۇستەقىل، ئىگىلىك ھوقۇقلۇق ۋە جۇغراپىيەلىك بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇلغىچە كۈرىشىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.
ئۇ ئۆتكەن ئىككى يىلدا زور ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى ۋە يوقىتىشلارنى باشتىن كەچۈرگەن پەلەستىنلىكلەر بىلەن ھەمدەمدە بولۇش ئۇچۇرىنى بېرىپ، قىيىن شارائىتقا قارىماي كۆرسەتكەن قارشىلىقى ۋە مەيدانىنى تەقدىرلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كېلىشىمنىڭ تەپسىلاتلىرى ھەققىدە رويتېرس ئاگېنتلىقىغا سۆز قىلغان نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئەمەلدارنىڭ ئېيتىشىچە، ترامپنىڭ غەززە پىلانىنىڭ تۇنجى باسقۇچىغا ئالاقىدار كېلىشىمنىڭ پەيشەنبە (9-ئۆكتەبىر) كۈنى گىرىنۋىچ ۋاقتى (GMT) 09:00 دا ئىمزالىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە ئىكەن.
مەزكۇر ئەمەلدار كېلىشىم ئىمزالانغاندىن كېيىن، غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشنىڭ رەسمىي ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
ئىسىرائىلىيەنىڭ ئېرۇسالىم پوچتىسى گېزىتى (The Jerusalem Post) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قاتار، مىسىر، ئامېرىكا ۋە تۈركىيە غەززە تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ كاپالەتچىلىرى سۈپىتىدە كېلىشىمگە ئىمزا قويغان.
ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئۇزۇندىن بۇيان كۈتۈلگەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ كېلىشىم تېل ئاۋىۋنىڭ غەززەدە ئېلىپ بارغان ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ترامپ تۈزگەن پىلاننىڭ تۇنجى باسقۇچىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ ئۇرۇشتا 67 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلدى.
پەيشەنبە كۈنى ئىمزالىنىدىغان بۇ كېلىشىم ھەر ئىككى تەرەپتىكى تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنى بەلگىلەنگەن لىنىيەگە چېكىندۈرۈش، ئۇزۇن يىللىق قامال ۋە ئۇرۇشتىن كېيىن غەززەگە جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت ئۈچ مۇھىم نۇقتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.