غەززە ئۇرۇشى
2 مىنۇت ئوقۇش
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيەنى زومىگەرلىك ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشقا چاقىردى
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيەنى قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى «قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان» زومىگەرلىك ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشقا چاقىردى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيەنى زومىگەرلىك ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشقا چاقىردى
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيەنى زومىگەرلىك ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشقا چاقىردى / Reuters

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيەگە، پەلەستىنلىكلەرگە قارىتىلغان قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ زومىگەرلىكلىرىگە قارىتا تەدبىر قوللانمىغان تەقدىردە، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى توقۇنۇشنىڭ تېخىمۇ ئەۋج ئېلىپ كېتىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى سەيشەنبە كۈنى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى زومىگەرلىك دەرىجىسىنىڭ «قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان» دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىنى پەلەستىنلىك پۇقرالارغا قارىتىلغان قوشۇمچە ھۇجۇملارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى باياناتچىسى 28-فېۋرالدىن بۇيان ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە ئالتە پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.

باياناتقا ئاساسلانغاندا، زومىگەرلىك ناھايىتى كۆپلىگەن جامائەتلەرگە تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، مال-مۈلۈكلەر زىيانغا ئۇچرىغان، تۇرمۇش مەنبەلىرى ۋەيران بولغان، ئاھالىلەر ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ۋە نۇرغۇن كىشى قوغدىنىشسىز قالغان.

ياۋروپا ئىتتىپاقى تېخىمۇ كۆپ ھۇجۇملارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جاۋابكارلىققا تارتىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىنى «دەرھال ۋە ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى» قوللىنىشقا چاقىردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى باياناتچىسى: «مۇشۇنداق قىلمىشلارنىڭ جازاسىز قېلىشى تېخىمۇ كۆپ زومىگەرلىكلەرنى سادىر قىلىشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش خەۋپىنى تۇغدۇرىدۇ» دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى يەنە ئىسرائىلىيەنى، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى تېررىتورىيەلەردىكى پەلەستىنلىكلەرنى قوغداشنى نىشان قىلغان خەلقئارا قانۇندىكى مەجبۇرىيەتلىرىگە رىئايە قىلىشقا چاقىردى.

ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن زېمىنلىرىدىكى زومىگەرلىكى

2023-يىلى 8-ئۆكتەبىر كۈنى غەززەدە باشلانغان ئۇرۇشتىن بۇيان، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا جىددىيچىلىك كەسكىنلىشىپ كەتتى؛ ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ۋە قانۇنسىز ئىسرائىلىيە كۆچمەنلىرى ئادەم ئۆلتۈرۈش، تۇتقۇن قىلىش، مال-مۈلۈكلەرنى ۋەيران قىلىش، ئۆيلەرنى چېقىش، ئاھالىلەرنى يۇرتىدىن قوغلاپ چىقىرىش ۋە ئۆزلىرىنىڭ قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرىنى كېڭەيتىش قاتارلىق قىلمىشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

بۇ ھۇجۇملار – قىلمىشلار نەتىجىسىدە كەم دېگەندە 1 مىڭ 121 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى، 11 مىڭ 700 كىشى يارىلاندى؛ بۇنىڭدىن باشقا يەنە تەخمىنەن 22 مىڭ پەلەستىنلىك تۇتقۇن قىلىندى.

پەلەستىنلىكلەر بۇ قىلىشلارنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنى رەسمىي بېسىۋېلىشىغا يول ئېچىپ بېرىشى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارارلىرىدا كۆزدە تۇتۇلغان پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇش ئېھتىماللىقىنى ئەمەلىيەتتە يوققا چىقىرىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرماقتا.

خەلقئارا جەمئىيەت ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى شەرقىي قۇددۇسنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنى ئىشغال ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنى دەپ قارايدۇ ۋە ئۇ يەردىكى ئىسرائىلىيە ئولتۇراق رايونلىرىنى خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن قانۇنسىز ھېسابلايدۇ.

ئىزدىنىڭ
ب د ت ئالاھىدە دوكلاتچىسى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنى «ئەڭ ئەخلاقسىز ئارمىيە» دەپ سۈپەتلىدى
ئۇكرائىنا رۇسىيەدىكى بىر نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى ۋە مارىنوۋكا ھەربىي ئايرودۇرۇمىغا ھۇجۇم قىلدى
قىرغىزىستان نېفىت ئىمپورت قىلىش تورىنى كېڭەيتمەكتە
ھىندونېزىيە ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى مۇداپىئە ۋە ئېنېرگىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران باش ئىشتاب باشلىقى: دۈشمەننىڭ يېڭى تەھدىتلىرىگە ۋەيران قىلغۇچ زەربە بىلەن جاۋاب قايتۇرىمىز
ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يارىلاندۇرغان پەلەستىنلىك قانسىراپ ئۆلدى
نىگېرىيەدە كېمە ئۆرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسىدە 52 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ياپونىيە ئويۇنخانىغا ئوت قويۇپ 5 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان جىنايەتچىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلدى
گۇتېررېس رۇسىيەنىڭ كىيېۋ ۋە باشقا ئۇكرائىنا شەھەرلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
رۇسىيە ئامېرىكانى تېھرانغا قارشى تۇتقان پوزىتسىيەسىدە «تاجاۋۇزچى» تەرەپ دەپ ئەيىبلىدى
پاكىستان ۋە سۈرىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
كۇبا ئامېرىكانى خەلقنىڭ ئاساسىي مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇشىغا توسالغۇ بولۇش بىلەن ئەيىبلىدى
قىرغىزىستان خىتاينىڭ ۋىزا رەسمىيىتىنى قولايلاشتۇرۇش قارارىنى قىزغىن قارشى ئالدى
ئەرمېنىيە ئەنقەرە ۋە باكۇ بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويدى
فىرانسىيەدە «ئۆلۈمگە ياردەم بېرىش» قانۇنى كۈچكە ئىگە بولدى