ئەردوغان ئەرسىن تاتار بىلەن كۆرۈشتى
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار بىلەن كۆرۈشتى.
ئەردوغان ئەرسىن تاتار بىلەن كۆرۈشتى / TRT Uyghur
پايتەخت ئەنقەرەدە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا يېپىق ھالەتتە ئىشقا ئاشۇرۇلغان كۆرۈشۈشكە جۇمھۇر رەئىس ياردەمچىسى جەۋدەت يىلمازمۇ قاتناشتى.