سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
قاتار ئىسرائىلىيە-ھاماس سۆھبىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى بولغانلىقى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى
دوھا بايانات ئېلان قىلىپ: «بىز بۇ ۋەيران قىلغۇچ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە دىپلوماتىك ۋاسىتىچى بولۇش رولىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرىمىز ھەمدە مىسىر بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىۋاتىمىز» دېدى.
قاتار ئىسرائىلىيە-ھاماس سۆھبىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى بولغانلىقى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى
Meeting of foreign ministers of Egypt, Jordan, Saudi Arabia, Qatar and UAE in Cairo to discuss Israel's genocide in Gaza [AFP File] / AFP

قاتار، ھاماس بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش ھاسىل قىلىش ئۈچۈن مىسىر ۋە باشقا ۋاسىتىچىلەر ئېلىپ بېرىۋاتقان تىرىشچانلىقلارنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىش ئۈچۈن «پۇل خەجلىگەنلىكى» ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرنى قەتئىي رەت قىلدى.

قاتار خەلقئارا ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا: «بەزى مۇخبىرلار ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان، قاتارنىڭ مىسىرنىڭ ياكى سۆھبەتكە قاتناشقان ھەر قانداق بىر ۋاسىتىچىنىڭ تىرىشچانلىقىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىشقا يۈزلەنگەن تۆلەملەردە بولغانلىقى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرنى قاتار دۆلىتى قەتئىي ئەيىبلەيدۇ ۋە رەت قىلىدۇ» دېيىلدى.

باياناتتا: «بۇ خىل ئاساسسىز ئەيىبلەشلەر پەقەت ۋاسىتىچىلىك تىرىشچانلىقلىرىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىش ۋە دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى زىيانغا ئۇچرىتىشنى كۆزلىگەنلەرنىڭ كۈنتەرتىپىگىلا خىزمەت قىلىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئەيىبلەشلەرگە ئىنسانىي ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى يوشۇرۇشقا ۋە ئۇرۇشنى سىياسىيلاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغان دېزىنفورماتسىيە (يالغان ئۇچۇر تارقىتىش) پائالىيىتىنىڭ يېڭى بىر باسقۇچى، دەپ باھا بېرىلدى.

قاتارنىڭ بۇ ۋەيران قىلغۇچ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش مەقسىتىدە ۋاسىتىچىلىك قىلىش ۋەزىپىسىگە ھەم ئىنسانپەرۋەرلىك ھەم دىپلوماتىك مەسئۇلىيەت دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مىسىر بىلەن بىرلىكتە ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىش ھاسىل قىلىش ۋە پۇقرالارنى قوغداش يۆنىلىشىدىكى تىرىشچانلىقلارنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا يەنە، مىسىرنىڭ رايون مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى ھالقىلىق رولى ئالاھىدە تەكىتلىنىپ، سىجىل ھەمكارلىق ئارقىلىق ئورتاق ۋاسىتىچىلىك مۇساپىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

«قاتارگېيت»

دوھانىڭ باياناتى ئىسرائىلىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ مەسلىھەتچىلىرىنىڭ، ھاماس-ئىسرائىلىيە سۆھبىتىدە مىسىرنىڭ رولىنى خۇنۇكلەشتۈرىدىغان ئۇچۇرلارنى تارقىتىشى بەدىلىگە قاتاردىن پۇل ئالغانلىقى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەر ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن ئېلان قىلىندى.

پەيشەنبە كۈنى بىر ئىسرائىلىيە سوت مەھكىمىسى نېتانياھۇنىڭ ئىككى مەسلىھەتچىسىنىڭ توختىتىپ تۇرۇلۇش مۇددىتىنى يەنە بىر كۈن ئۇزارتتى. مەسلىھەتچىلەر جوناتان ئۇرىچ ۋە ئېلى فېلدشتېين، قاتاردىن پۇل ئېلىش ۋە ئىسرائىلىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە قاتارنىڭ ئوبرازىنى ئىجابىي كۆرسىتىش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە.

ئىسرائىلىيە دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى (KAN) نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رىشون لېزىيون سۇلھ جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى گۇماندارلارنىڭ توختىتىپ تۇرۇلۇش مۇددىتىنى 24 سائەت ئۇزارتقان، ساقچىنىڭ يەتتە كۈنلۈك ئۇزارتىش تەلىپى بولسا رەت قىلىنغان.

KAN، تەكشۈرۈشلەردە گۇماندارلارنىڭ بايانلىرىدا زىددىيەتلەرنىڭ بايقالغانلىقىنى ۋە گۇماندارلاردىن بىرىنىڭ سوراق جەريانىدا يالغان ئېيتقانلىقىنى، بىراق يالغان ئېيتقۇچىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنىڭ ئاشكارىلانمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نېتانياھۇ بولسا، چارشەنبە كۈنى مەسلىھەتچىلىرىگە قارىتىلغان تەكشۈرۈشنى «بىمەنىلىك» دەپ ئاتىدى.

«Jerusalem Post»  گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى زىۋىكا كلېين، مەزكۇر ئىككى مەسلىھەتچى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ گۇمانلىنىپ سوراق قىلىنغاندىن كېيىن پەيشەنبە كۈنى قويۇپ بېرىلدى.

ئىسرائىلىيە باش تەپتىشى گالى باھاراف-مىئارا، تەكشۈرۈش دائىرىسىدە يەنە ئىككى مۇخبىرنىڭ سوراققا چاقىرىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئىزدىنىڭ
سۈرىيە «تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋېتىلدى
باڭلادېش «مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمى» گە قاتنىشىشقا قىزىقىۋاتىدۇ
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن فىرانسىيە پەلەستىن دۆلىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى: زۆرۈر تېپىلسا، ئىرانغا ھەربىي زەربە بېرىمىز
سۈرىيەنىڭ تەدمۇر شەھىرىدە ئەسكى-تۈسكى يىغقۇچىنىڭ قاپچۇقىدىكى بومبا پارتلاپ، بىر كىشى ئۆلدى
خىتاي ۋە ئىيوردانىيە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ترامپ: «ئىران پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇۋاتىدۇ»
شارا: سۈرىيە قايتا قۇرۇش مۇساپىسىگە قەدەم قويدى
ھايتىدا شايكىلارنىڭ ھۇجۇمىدا 43 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەنىڭ كراسنودار رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى
ئومان دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر نېفىت تانكېرى زەربىگە ئۇچرىدى
رۇسىيە: ئەنگلىيە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 422 گە يەتتى
ئەردوغان: رايونىمىزدىكى مۇقىمسىزلىققا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىمىزنى دوست-دۈشمەنگە جاكارلىدۇق
ئومان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەتە تېھرانغا بارىدۇ