ئامېرىكا كۇبا پىرېزىدېنتىغا جازا يۈرگۈزدى

ئامېرىكا 2021 -يىلىدىكى نامايىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش سەۋەبىدىن كۇبا پىرېزىدېنتىغا جازا يۈرگۈزدى. كۇبا دائىرىلىرى بۇ جازانى ئەيىبلەپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيونى «قىرغىنچىلىقنىڭ قوغدىغۇچىسى» دەپ ئاتىدى.

كۇبادا 2021 -يىلىدىكى نامايىشلار قايتا-قايتا توك توختاش ۋەقەلىرى يۈز بېرىش سەۋەبىدىن پارتلىغان ئىدى. سۈرەت: ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى. / AP

ئامېرىكا تۇنجى قېتىم كۇبا پىرېزىدېنتى مىگۇئېل دىئاز-كانېل (Miguel Diaz-Canel) غا تۆت يىل ئىلگىرىكى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسى سەۋەبىدىن جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو جۈمە كۈنى ئېكس (X) سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان يازمىسىدا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ پىرېزىدېنت ۋە باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا «ۋىزا چەكلىمىسى» قويغانلىقىنى ئېيتتى.

جازاغا ئۇچرىغان باشقا كۇبا ئەمەلدارلىرى ئارىسىدا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئالۋارو لوپېز مىيرا (Alvaro Lopez Miera ) ۋە ئىچكى بىخەتەرلىك ئىشلىرى مىنىستىرى لازارو ئالبېرتو ئالۋارېز كاساس (Lazaro Alberto Alvarez Casas ) قاتارلىقلار بار.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يەنە «ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۇبا ھاكىمىيىتىنىڭ باستۇرۇشىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ئۈچۈن، ھاۋانادىكى 42 قەۋەتلىك مېھمانساراي «توررې ك» (Torre K) نى چەكلەنگەن ئورۇنلار تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.

كۇبا پۇشتىدىن بولغان رۇبىيو مۇنداق دېدى: «كۇبا خەلقى يېمەكلىك، سۇ، دورا ۋە توك يېتىشمەسلىكتىن ئازابلىنىۋاتقاندا، ھاكىمىيەت ئۆز ئىچىدىكىلەرگە نۇرغۇن پۇل خەجلەۋاتىدۇ.»

رۇبىيو ئېكس سەھىپىسىدە يەنە، كۇبانى ئۆكتىچى رەھبەر جوسې دانىيال فېررېرنى (Jose Daniel Ferrer) قىينىغانلىق بىلەن ئەيىبلىدى.

«قىرغىنچىلىقنىڭ قوغدىغۇچىسى»

كۇبا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى برۇنو رودرىگۇز (Bruno Rodriguez) ئېكس سەھىپىسىدە بۇ ئەڭ يېڭى تەدبىرلەرنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز خەلقىنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇرالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئامېرىكا ئىنقىلابىي رەھبەرلەرگە كۆچمەنلەر جازاسى يۈرگۈزەلىشى مۇمكىن، كۇباغا قارشى ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە رەھىمسىز ئىقتىسادىي ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرالىشىمۇ مۇمكىن. ئەمما، بۇ خەلقنىڭ ياكى ئۇلارنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇرالمايدۇ.»

ئامېرىكا جازانى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، كۇبا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئامېرىكا ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يوھانا تابلادا، رۇبىيوغا قاتتىق ئىنكاس قايتۇردى ۋە ئۇنى «قىرغىنچىلىق، تۈرمىلەر ھەمدە كەڭ كۆلەملىك چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنىڭ قوغدىغۇچىسى» دەپ ئاتىدى.

كۇبادا 2021-يىلىدىكى نامايىشلار ھاۋانا ۋە باشقا شەھەرلەردە قايتا-قايتا توك توختاش ۋەقەلىرى يۈز بېرىشى سەۋەبىدىن پارتلىغان ئىدى.

ئۇ ۋاقىتتا، كۇبا ھۆكۈمىتى بۇنىڭ ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ تەتۈر تەشۋىقاتى ۋە ئامېرىكانىڭ نەچچە ئون يىللىق جازا تەدبىرلىرىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.