سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
غەربىي بېنگال ئۆلكىلىرى سايلىمىدا مودىنىڭ باھاراتىيا جاناتا پارتىيەسى «تارىخىي» غەلىبە قازاندى
ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى رەھبەرلىكىدىكى «باھاراتىيا جاناتا» پارتىيەسى تۆت ئۆلكىدىكى سايلامنىڭ ئىككىسىدە غەلىبە قىلىش ئارقىلىق غەربىي بېنگالدىكى تەسىرىنىمۇ كۈچەيتتى.
غەربىي بېنگال ئۆلكىلىرى سايلىمىدا مودىنىڭ باھاراتىيا جاناتا پارتىيەسى «تارىخىي» غەلىبە قازاندى
ھىندىستان باش ۋەزىرىنىڭ پارتىيەسى ئاسسامنى ساقلاپ قالدى ۋە غەربىي بېنگالدا رىقابەتچىسىنى مەغلۇپ قىلدى. / AP

ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى رەھبەرلىكىدىكى باھاراتىيا جاناتا پارتىيەسى (BJP)، تۆت ئۆلكىدىكى سايلامنىڭ ئىككىسىدە غەلىبە قىلدى. سايلام ھەيئىتى ئېلان قىلغان نەتىجىلەرگە قارىغاندا، پارتىيە شەرقتىكى غەربىي بېنگال ئۆلكىسىدىمۇ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتكەن.

رايونلۇق سايلاملار ئاپرېلنىڭ بېشىدىن بۇيان باسقۇچلۇق ھالدا بېلەت تاشلانغان بەش رايوندىكى باش مىنىستىر پارتىيەسى ئۈچۈن مۇھىم بىر سىناق سۈپىتىدە قارىلىۋاتقان ئىدى.

ھىندىستان سايلام كومىتېتى تەرىپىدىن ئېلان قىلغان نەتىجىلەر، مودىنىڭ پارتىيەسىنىڭ شەرقىي شىمالدىكى ئاسسام ئۆلكىسىدە ھاكىمىيەتنى ساقلاپ قالغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە؛ پارتىيە نۆۋەتتىكى 126 ئورۇندىن 82 سىنى قولغا كەلتۈردى. ئۆكتىچى «كوڭرېس» پارتىيەسى بولسا 19 ئورۇنغا ئېرىشتى.

مۇھىم بىر ئۆزگىرىش بىلەن، «باھاراتىيا جاناتا پارتىيەسى» شەرق ئۆلكىسى بولغان غەربىي بېنگالدا 200 دىن ئارتۇق ئورۇنغا ئېرىشىپ، ئۇدا تۆتىنچى قېتىم ۋەزىپە ئۆتەشكە تەلەپكار بولغان باش مىنىستىر ماماتا بانېرجېنى يېڭىپ زور غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى. ھاكىمىيەت بېشىدىكى «پۈتۈن ھىندىستان ترىنامول كوڭرېسى» (All India Trinamool Congress) بولسا 74 ئورۇنغا ئېرىشتى.

«تارىخىي نەتىجە»

نەتىجىلەر ھەققىدە  توختالغان باش مىنىستىر مودى نەتىجىنىڭ «تارىخىي» ئىكەنلىكىنى ئېيتىش بىلەن بىرگە، «X» سۇپىسىدا: «باھاراتىيا جاناتا پارتىيەسىنىڭ غەربىي بېنگالدىكى بۇ تارىخىي غەلىبىسى ئەۋلادمۇئەۋلاد سانسىزلىغان خىزمەتچىلەرنىڭ ھارماي-تالماي كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى ۋە كۈرەشلىرى بولمىسا مۇمكىن بولمايتتى» دەپ يازدى.

كېرالادا «ھىندىستان مىللىي كوڭرېسى» (Indian National Congress) 63 ئورۇنغا ئېرىشىپ سايلامنىڭ غەلىبە قىلغۇچىسى بولدى؛ پۇدۇچېررىيدا مودىنىڭ مىللىي دېموكراتىك ئىتتىپاقىنىڭ بىر قىسمى بولغان «پۈتۈن ھىندىستان ئېن ئار كوڭرېسى» (All India NR Congress) 30 ئورۇندىن 12 سىنى قولغا كەلتۈردى. «باھاراتىيا جاناتا پارتىيەسى» تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى نىشان قىلغان تامىل نادۇدا، رايونلۇق «تامىلاگا ۋېتترى كازخاگام» پارتىيەسى جەمئىي 234 ئورۇننىڭ 100 دىن ئارتۇقىنى قولغا كەلتۈردى.

2026-يىلىغا كەلگەندە «باھاراتىيا جاناتا پارتىيەسى» يىگىرمىدىن ئارتۇق ئۆلكە ۋە ئىتتىپاقداش رايونلارنى باشقۇرىدىغان ھالەتكە كەلدى.

ئىزدىنىڭ
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ