رۇبىيو: ئامېرىكا ئىران ئۇرۇشىدىن كېيىن ناتو بىلەن بولغان ئالاقىلىرىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشى مۇمكىن
ماركو رۇبىيو ئىتتىپاقداشلارنىڭ ئامېرىكابىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇرۇشىنى قوللىماسلىقىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، ۋاشىنگتوننىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتونىڭ قىممىتىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو ئىتتىپاقداشلارنىڭ ئامېرىكا-ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قاراتقان ئۇرۇشىنى قىزغىن قوللىماسلىقى پەيدا قىلغان ئۈمىدسىزلىكنى تىلغا ئېلىپ، ئىران ئۇرۇشىدىن كېيىن ۋاشىنگتوننىڭ ناتو ئىتتىپاقىنىڭ قىممىتىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
رۇبىيو «فوكس خەۋەرلىرى» (FOX News) قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «دۆلىتىمىز ئۈچۈن ناتونىڭ ۋە ئۇ ئىتتىپاقنىڭ قىممىتىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولىمىز» دېگەن بولسىمۇ، بۇ ھەقتىكى قارارنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا پىرېزىدېنتقا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
ناتو ئىتتىپاقداشلىرىنى ئامېرىكانىڭ ھەربىي بازىلارنى ئىشلىتىش تەلىپىنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن تەنقىد قىلغان مىنىستىر: «بىز ئۇلاردىن ھاۋا ھۇجۇمى تەشكىللەشنى تەلەپ قىلغىنىمىز يوق. بازىلىرىنى ئىشلىتىشىمىزگە رۇخسەت قىلىشى كېرەك بولغاندا، ئۇلارنىڭ جاۋابى ‹ياق› بولۇۋاتىدۇ. ئۇنداقتا بىز ناتودا نېمە ئۈچۈن تۇرىمىز؟» دېدى.
ياۋروپانىڭ «رەت قىلىش»لىرى
ئامېرىكانىڭ ئۇزۇندىن بۇيان «ناتونىڭ ئەڭ كۈچلۈك ھامىيلىرىدىن بىرى» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان رۇبىيو، ئامېرىكانىڭ ياۋروپادىكى بازىلىرى ئارقىلىق ئىتتىپاقنىڭ يەر شارى مىقياسىدا كۈچ كۆرسىتىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
شۇنداقتىمۇ، ئىتتىپاقنىڭ «بىر تەرەپلىمىلىك يول»غا ئايلىنىپ قېلىش خەۋپى بارلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان رۇبىيو: «بىز ئېھتىياجلىق بولغاندا بۇ بازىلارنى ئىشلىتىشىمىزگە رۇخسەت قىلىنمىسا، بىزنىڭ ئەسكەرلىرىمىزنىڭ رايوندا نېمە ئىشى بار؟» دېدى.
مىنىستىر بۇ سۆزلەرنى ياۋروپالىق بىر قىسىم ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئىران ئۇرۇشىغا ئالاقىدار ئامېرىكا تەلەپلىرىنى رەت قىلىشى ياكى چەكلىشىدىن كېيىن قىلدى.
ئىتالىيە ئامېرىكانىڭ سىسىلىيەدىكى بىر ھەربىي بازىغا ئايروپىلانلىرىنى قوندۇرۇش تەلىپىنى رەت قىلغان بولسا؛ ئىسپانىيەمۇ بازىلىرىنىڭ ياكى ھاۋا تەۋەلىكىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە رۇخسەت بەرمىدى.
ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە گېرمانىيەگە ئوخشاش باشقا ئىتتىپاقداشلار رولىنى مۇداپىئە خاراكتېرلىك قوللاش بىلەنلا چەكلەپ، تەرەپلەرنى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىشكە چاقىردى.