خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
كانادا باش مىنىستىرى خىتاي ئاپتوموبىللىرىغا يول ئېچىش كېلىشىمگە ئىمزا قويدى
كانادا باش مىنىستىرى تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىپ، خىتاي ئاپتوموبىللىرىغا يول ئېچىش كېلىشىمگە ئىمزا قويدى.
كانادا باش مىنىستىرى خىتاي ئاپتوموبىللىرىغا يول ئېچىش كېلىشىمگە ئىمزا قويدى
كانادا باش مىنىستىرى خىتاي ئاپتوموبىللىرىغا يول ئېچىش كېلىشىمگە ئىمزا قويدى / Reuters

كانادا باش مىنىستىرى مارك كارنىي خىتاينىڭ كانادا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن ئالىدىغان تاموژنا باجلىرىنى تۆۋەنلىتىدىغان ۋە 50 مىڭغا يېقىن خىتاي توك ئاپتوموبىلىنىڭ ئېتىبار باھادا كاناداغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىدىغان تارىخىي بىر سودا كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقىنى جاكارلىدى.

كانادا باش مىنىستىرى مارك كارنىي جۈمە كۈنى بېيجىڭدا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، مەھسۇلاتلاردىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىش كېلىشىمى ئىمزالانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

خىتاي پايتەختىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا كارنىي: «كانادا بىلەن خىتاي سودا توسۇقلىرىنى پاچاقلاپ تاشلاش ۋە تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن باشلامچى، شۇنداقلا تارىخىي بىر سودا كېلىشىمى ھاسىل قىلدى» دېدى.

2017-يىلىدىن بۇيان خىتاينى زىيارەت قىلغان تۇنجى كانادا باش مىنىستىرى بولغان كارنىي، ئايلارچە داۋاملاشقان دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلاردىن كېيىن، دۆلىتىنىڭ ئامېرىكادىن كېيىنكى ئىككىنچى چوڭ سودا ھەمراھى خىتاي بىلەن قايتىدىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تىرىشماقتا.

کارنىي يەنە: «كانادا خىتاينىڭ 1-مارتقىچە كانادادىن چىقىدىغان كۆكچىچەك ئۇرۇقىغا قويغان تاموژنا باجلىرىنى تۆۋەنلىتىشىنى كۈتمەكتە. تەخمىنەن %15 قىلىپ بېكىتىلگەن يېڭى بىرلەشمە باج نىسبىتى، نۆۋەتتىكى %84 لىك يۇقىرى باج نىسبىتىگە سېلىشتۇرغاندا ناھايىتى زور دەرىجىدىكى تۆۋەنلەشنى كۆرسىتىدۇ» دېدى.

کارنىي: كانادا ئېتىبار بېرىلگەن تاموژنا باج نىسبىتى بىلەن خىتاينىڭ 49 مىڭ توك ئاپتوموبىلىنى ئىمپورت قىلىدۇ

کارنىي كانادانىڭ يېڭى ئېتىبار بېرىلگەن تاموژنا باج نىسبىتى دائىرىسىدە، خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان 49 مىڭ توك ئاپتوموبىلىنىڭ ئىمپورت قىلىنىشىغا رۇخسەت قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«كانادا ئەڭ ئېتىبار بېرىلىدىغان دۆلەت تاموژنا بېجى نىسبىتى بولغان %6.1 بىلەن، ئەڭ كۆپ بولغاندا 49 مىڭ خىتاي توك ئاپتوموبىلىنىڭ كانادا بازىرىغا كىرىشىگە يول قويۇشنى قوبۇل قىلدى.»

بۇ ئەھۋال ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردىكى سودا جىددىيچىلىكىدىن ئىلگىرىكى سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ سان، سابىق باش مىنىستىر جاستىن تىرۇدو ھۆكۈمىتىنىڭ 2024-يىلى ئامېرىكانىڭ ئوخشاش تۈردىكى ئېمبارگولىرىغا ئەگىشىپ خىتاي توك ئاپتوموبىللىرىغا قويغان %100 لىك تاموژنا بېجىغا سېلىشتۇرما قىلىنماقتا. 2023-يىلى خىتاي كاناداغا 41 مىڭ 678 توك ئاپتوموبىلى ئېكسپورت قىلغان ئىدى.

جاستىن تىرۇدو بۇ تاموژنا بېجىنى دۆلەت ياردەم پۇلىدىن پايدىلىنىپ ئادالەتسىز يەر شارى خاراكتېرلىك رىقابەت ئەۋزەللىكىگە ئېرىشكەن خىتاي ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىنىڭ دۆلەت ئىچى سانائىتىگە تەھدىت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئاقلىغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
تۈركىيە سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىدىكى پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن سۈرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە ماگناتى MKE مىسىردا ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تارماق شىركەت قۇردى
مالايشىيادا تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، بەش كىشى قازا قىلدى
يېڭى زېلاندىيە ئىسرائىلىيەنى  قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرىنى كېڭەيتىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
ئىسرائىلىيە شەرقىي قۇددۇستىكى ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىنى 30 كۈن ئىچىدە تاقاش بۇيرۇقى چۈشۈردى
كانادانىڭ ئامېرىكاغا قاراتقان قايتۇرما تاموژنا بېجى رەسمىي يولغا قويۇلدى
تۈركىيە ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
تۈركىيە مۇداپىئە ساھەسىدىكى تېخنولوگىيە تەجرىبىلىرىنى پۇقراۋى ساھەلەرگە يۆتكەشنى نىشان قىلماقتا
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى
نېپال-خىتاي چېگراسىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر 1 مىڭ 400 گە يەتتى
ۋېنگىرىيە 10 رۇسىيەلىك دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى