خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
بېسېنت: ئىران مەسىلىسىدە ئاخىرقى باسقۇچقا كىردۇق
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى سكوت بېسېنت ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇشتا «ئاخىرقى باسقۇچ»قا كىرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، نىشانلىرىنىڭ «تېھران يالغۇز قالغۇچە ئۇنى قوللاپ تۇرغان بارلىق ئىقتىسادىي ھاياتلىق تومۇرلىرىنى ئۈزۈش» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
بېسېنت: ئىران مەسىلىسىدە ئاخىرقى باسقۇچقا كىردۇق
ئامېرىكا خەزىنە مىنىستىرى بېسسېنت: «(ئىراندا) ھازىر ئاخىرقى باسقۇچقا كىرىۋاتىمىز»

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى سكوت بېسېنت 28-فېۋرال ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قىلغان ھۇجۇملىرىدىن كېيىن باشلانغان ئۇرۇشتا «ئاخىرقى باسقۇچ»قا كىرگەنلىكىنى ئېيتتى.

بېسېنت X ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدىكى ھېسابىدا ئىران ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى؛ ئۇ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىراننىڭ ھەربىي ئىقتىدارى، ھەربىي زاۋۇتلىرىنىڭ ئاساسەن ھەممىسى ۋە يادرو پىروگراممىسىنى «يوقىتىۋەتكەنلىكى»نى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئەمدى ئاخىرقى باسقۇچقا كىرىۋاتىمىز. تاڭ يورۇشى بىلەن بىر دۈشمەنگە قارشى ھازىرغىچە ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ چوڭ مالىيە ھۇجۇمى، يەنى ئىقتىسادىي ھۇجۇم كۈنى باشلىنىدۇ».

بېسېنت ئىراننىڭ «پۇل ئېلىشنى بىخەتەرلىك كاپالىتى سۈپىتىدە كۆرسىتىش ئارقىلىق مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى»نى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يەنە تېھراننىڭ «قايتۇرما زەربە بېرىشنى مۇقەررەر، ئامېرىكانىڭ جازا تەدبىرلىرىنى بولسا، سۆھبەتلىشىشكە بولىدىغان مەسىلە دەپ قارايدىغانلىقى»نى دەۋا قىلدى.

بېسېنت ترامپ ھۆكۈمىتى دەۋرىدە بۇ باسقۇچنىڭ «ئاخىرلاشقانلىقى»نى بىلدۈرۈپ: «تېھرانغا قارشى تۇرۇشنىڭ خەۋپىدىن قورقىدىغانلار ۋاشىنگتوننىڭ سەۋر-تاقىتىنى سىناشنىڭ بەدىلىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقى كېرەك» دېدى.

ئۇ ترامپنىڭ نۇرغۇن كىشى ئويلاپمۇ باقمىغان ھەر خىل ھوقۇق ۋە تەدبىرلەرنى ئىشلىتىشىگە شارائىت ياراتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «مەقسىتىمىز تېھران يالغۇز قالغۇچە، بۇ رەھىمسىز ھاكىمىيەتنى تىك تۇتۇپ تۇرغان بارلىق ئىقتىسادىي ھاياتلىق تومۇرلىرىنى ئۈزۈۋېتىش» دېدى.

ئىزدىنىڭ
قالىباف: تېھران ئامېرىكا ھۇجۇملىرىغا «ئازابلىق» جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە بەش پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
ھىندونېزىيەدە يانار تاغ پارتلىغاندىن كېيىن 1500 دىن ئارتۇق ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
6-نۆۋەتلىك دۇنيا كۆچمەنلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قىرغىزىستان چېمپىيون بولدى
تۈركىيە ئاياللار دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونى بولدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپادىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى
پارىژدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
كرېمىل: «پۇتىن ئامېرىكالىق ۋەكىللەر بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا ئىنتايىن ئوچۇق سۆھبەتلەشتى»
ھىندونېزىيەنىڭ ئاساسلىق ئايرودۇرۇمى ۋولقان پارتلىشىدىن كېيىن پائالىيىتىنى توختاتتى
ئامېرىكانىڭ قورشاۋى ۋاشىنگتونغا ئىرانغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ قىممەتكە چۈشۈشى مۇمكىن
ئىران ئامېرىكانىڭ قانۇنسىز ھۇجۇملىرىغا «تېخىمۇ ئېغىر» ئۆچ ئېلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ
«نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا چېتىشلىق بىر ئېھتىياج»
يەمەن ئارمىيەسى شىمالىي ئەلجەۋفتىكى خۇسىيلارنىڭ ھەربىي لاگېرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قۇنەيترا ئەتراپىنى بومباردىمان قىلدى
ئىسرائىلىيە گېزىتى: قەرزدارلارنىڭ قەرزلىرىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئىرانغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئەۋەتىڭلار