سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
پاكىستان ئامېرىكا-ئىران سۆھبىتىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىغا ساھىبخانلىق قىلىشقا تەرييارلانماقتا
پاكىستان كېلىشىم يېقىنلىشىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا-ئىران سۆھبىتىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىغا ساھىبخانلىق قىلىشقا تەرييارلانماقتا.
پاكىستان ئامېرىكا-ئىران سۆھبىتىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىغا ساھىبخانلىق قىلىشقا تەرييارلانماقتا
ئىسلامئاباد ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ ترامپ خىتاينى زىيارەت قىلىشتىن ئىلگىرى بىر «دەسلەپكى» كېلىشىم ھاسىل قىلىشىنى مۆلچەرلىمەكتە. سۈرەت: ئا پ. / AP

پاكىستان ھۆكۈمىتىدىكى ئەھۋالدىن خەۋەردار ئىككى ئەمەلدارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن ئىران پىرېزىدېنت ترامپنىڭ پات يېقىندا باشلىنىدىغان خىتاي زىيارىتىدىن ئىلگىرى بىر «دەسلەپكى» كېلىشىم ھاسىل قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

پاكىستانلىق ئىككى ئەمەلدار، ئىسلامئابادنىڭ كېلەر ھەپتە ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش مەقسىتىدە ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا توختاپ قالغان تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىغا ساھىبخانلىق قىلىشنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەمەلدارلار چارشەنبە (2026-يىلى 7-مات) كۈنى ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا، ئىسلامئابادنىڭ پىرېزىدېنت ترامپ 14-15-ماي كۈنلىرى خىتايغا زىيارەتكە بېرىشتىن ئىلگىرى ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ بىر «دەسلەپكى» كېلىشىم ھاسىل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەمەلدارلاردىن بىرى: «ئەڭ يېڭى تەرەققىياتلارنى كۆزدە تۇتقاندا، پاكىستان كېلەر ھەپتە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ قايتا باشلىنىپ، ئىران ئۇرۇشىنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشقا ئۈمىد باغلىماقتا» دېدى.

 ئۇ يەنە ۋاشىنگتوننىڭ «ئەركىنلىك ھەرىكىتى» نى (Operation Freedom) ۋاقتىنچە توختاتقانلىقىغا، شۇنداقلا بۇ ھەپتە تۇتۇپ قىلىنغان بىر ئىران پاراخوتى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىدىن بېشارەت بەردى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەرنىڭ تەخمىنەن %80 تىن %85 كىچە بولغان قىسمى ھەل قىلىندى. ئەمما، يادرو مەسىلىسى يەنىلا ئەڭ چوڭ توسالغۇ بولۇپ تۇرماقتا» دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Iran will only accept 'fair and comprehensive deal' with US: Araghchi

«ئەگەر ئىران تەكلىپنى قوبۇل قىلسا، ئىرانغا قارشى ئۇرۇش ئاخىرلىشىشى مۇمكىن»

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپمۇ چارشەنبە كۈنى مۇنداق دېدى: «ئەگەر ئىران كېلىشىلگەن ماددىلارغا ئەمەل قىلسا، ئامېرىكا-ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قاراتقان ئۇرۇشى ئاخىرلىشىشى ۋە ھورمۇز بوغۇزى قايتا ئېچىلىشى مۇمكىن.»

ئۇ «ھەقىقىي مېديا» (Truth Social) دا ئېلان قىلغان يازمىسىدا مۇنداق دېدى: «ئەگەر ئىران كېلىشىلگەن تەلەپلەرنى قوبۇل قىلسا — گەرچە بۇ بەلكىم چوڭ بىر پەرەز بولسىمۇ — ئۇنداقتا رىۋايەتكە ئايلانغان <ھەيۋەتلىك غەزەپ> (Epic Fury) ئاخىرلىشىدۇ، شۇنداقلا يۇقىرى ئۈنۈملۈك قورشاۋ بىكار قىلىنىپ، ھورمۇز بوغۇزى ئىراننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تەرەپلەرگە ئېچىۋېتىلىدۇ. ئەگەر ئۇلار قوشۇلمىسا، بومباردىمان باشلىنىدۇ، ھەمدە ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنىڭ دەرىجىسى ۋە كۈچى ئىلگىرىكىدىن كۆپ يۇقىرى بولىدۇ.»

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئامېرىكا ئىراننىڭ ھورمۇز بوغۇزى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش بىلەن بىرگە، يادرو پىلانى ھەققىدىكى سۆھبەتنى كېچىكتۈرۈش تەكلىپىنى رەت قىلغان ئىدى.

ۋاشىنگتون ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قاراپ ئىلگىرىلەيدىغان سۆھبەتتە، يادرو پىلانىنىڭ چوقۇم مۇزاكىرە قىلىنىشى كېرەكلىكىدە چىڭ تۇرماقتا.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Trump pauses 'Project Freedom' in Strait of Hormuz as Iran talks advance

 

ئىزدىنىڭ
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»