خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئىرانغا مەخپىي ھۇجۇملارنى قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
«ۋال كوچىسى گېزىتى»نىڭ (The Wall Street Journal) ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئىشەنچلىك مەنبەلەرگە تايىنىپ خەۋەر قىلىشىچە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئاپرېل ئېيىنىڭ بېشىدا ئىراننىڭ لاۋان ئارىلىدىكى بىر نېفىت ئايرىش زاۋۇتىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغان.
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئىرانغا مەخپىي ھۇجۇملارنى قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
بۇ سۈنئىي ھەمراھ تەسۋىرىدە 2026-يىلى 2-مارت ئىراننىڭ بەندەر ئابباس پورتىغا قىلىنغان ھۇجۇمدىن كېيىن پاراخوتلاردا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى كۆرسىتىلگەن (ئارخىپ سۈرەت). / AP

«ۋال كوچىسى گېزىتى»نىڭ (The Wall Street Journal) ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئىشەنچلىك مەنبەلەرگە تايىنىپ خەۋەر قىلىشىچە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئاپرېل ئېيىنىڭ بېشىدا ئىراننىڭ لاۋان ئارىلىدىكى بىر نېفىت ئايرىش زاۋۇتىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغان. مەزكۇر ھەرىكەتنىڭ ئۇرۇش مۇساپىسىدە ئەبۇ زەبى دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان كۆپلىگەن مەخپىي زەربىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.

دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قاراتقان ئۇرۇش ھەرىكەتلىرى جەريانىدا، تېھرانغا قارشى بىر يۈرۈش مەخپىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغان.

«ۋال كوچىسى گېزىتى»گە بايانات بەرگەن مەنبەلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھۇجۇم نىشانلىرىنىڭ بىرى ئىراننىڭ لاۋان ئارىلىدىكى نېفىت ئايرىش زاۋۇتى بولغان. خەۋەردە تەكىتلىنىشىچە، دەل ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىران بىلەن ئۇرۇش توختىتىشنى جاكارلاش ئالدىدا تۇرغان بىر پەيتتە — يەنى ئاپرېلنىڭ بېشىدا — مەزكۇر زاۋۇتقا قىلىنغان ھۇجۇم زور كۆلەملىك ئوت ئاپىتى پەيدا قىلىپ، زاۋۇتنى پۈتۈنلەي كاردىن چىقارغان.

ئىران بۇ ھۇجۇملارغا جاۋابەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە كۇۋەيتكە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھەمدە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار بىلەن زەربە بەرگەن. مەنبەلەردىن بىرى، ئامېرىكانىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئۇرۇشقا قاتنىشىشىنى «سۈكۈت ئىچىدە خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالغانلىقى»نى بىلدۈرگەن.

گېزىت خەۋىرىدە يەنە، ئىراننىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى ھەتتا ئىسرائىلىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا بارلىق دۆلەتلەردىنمۇ بەكرەك نىشانغا ئالغانلىقى ۋە بۇ پارس قولتۇقى دۆلىتىگە 2800 دىن ئارتۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھەمدە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

بۇ ھۇجۇملار ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئىقتىسادىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزۈپ، خىزمەتچى قىسقارتىش ۋە مائاشسىز دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش قاتارلىق ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، شۇنداقلا «دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك قارىشىدا تۈپ ئۆزگىرىش ھاسىل قىلغان». ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان پارس قولتۇقى ئەمەلدارلىرى گېزىتكە بەرگەن باياناتىدا، تېھراننىڭ ئەمدىلىكتە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى چەت ئەللىك خىزمەتچىلەر، بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىق ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىقتىسادىي ھەم ئىجتىمائىي ئەندىزىسىگە زىيان يەتكۈزۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقان «بۇزغۇنچى كۈچ» سۈپىتىدە كۆرۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى گېزىتنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا بىۋاسىتە جاۋاب بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەبۇ زەبى دائىرىلىرىنىڭ ئىلگىرى ئېلان قىلغان، دۈشمەنلەرچە ھەرىكەتلەرگە «تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇش ھوقۇقى» تەكىتلەنگەن باياناتىغا ئىشارەت قىلغان.

ئوتتۇرا شەرق مەسىلىلىرى تەتقىقاتچىسى دىنا ئېسفاندىيارى (Dina Esfandiary) گېزىتكە قىلغان سۆزى جەريانىدا: «پارس قولتۇقىدىكى بىر ئەرەب دۆلىتىنىڭ ئىرانغا بىۋاسىتە ھۇجۇم قىلىشى ئىنتايىن مۇھىم بىر ۋەقە. تېھران ئەمدىلىكتە ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ۋاسىتىچىلىك قىلىشقا تىرىشىۋاتقان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن باشقا پارس قولتۇقى ئەللىرى ئارىسىغا تېخىمۇ كۆپ بۈلگۈنچىلىك سېلىشنى نىشان  قىلىدۇ» دېگەن.

ئىزدىنىڭ
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»
ئۇكرائىنا: «رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلارغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى قازا قىلدى»
مالىدا دائىشقا چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھۇجۇمدا 48 پۇقرا قازا قىلدى
مىسىردا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە 13 كىشى قازا قىلدى
كۈلتەپەنىڭ 78 يىللىق قېزىش تارىخىدا ئەڭ كاتتا يېڭى بايقاش
فرانسىيەدە سېرىق جىلىتكىلىكلەر نامايىشىدىن كېيىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىش پىلانلانمىدى
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون دۆلىتى ئۈچۈن قوشۇمچە دىزېل ھەل قىلدى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىدان بىريۇسسېلدا ناتو باش كاتىپى رۇتتې بىلەن كۆرۈشتى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا ئامېرىكانىڭ بىر «MQ-9» ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردۇق
ئامېرىكا پالاتا ئەزاسى ساندېرس ئىسرائىلىيەگە ھەربىي ياردەمنى توختىتىشقا چاقىردى
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ  تاڭ ئاتقۇچە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۈچ كىشى ئۆلدى، 11 كىشى يارىلاندى