تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىگ تەزىيە بىلدۈردى
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىدە بىر دەپنە مۇراسىمى جەريانىدا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ئونلارچە كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
تۈركىيە كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىگ تەزىيە بىلدۈردى
/ AA

تۈركىيە چارشەنبە كۈنى كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىدە بىر دەپنە مۇراسىمىنى زەربە ئوبيېكتى قىلغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ: «كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىمالىي كىۋۇ ئۆلكىسىدە دائېش بىلەن چېتىشلىقى بولغان ئىتتىپاقداش دېموكراتىك كۈچلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا نۇرغۇن كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىدىن چوڭقۇر قايغۇردۇق. ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ۋە كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز ۋە سەۋر تىلەيمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

سەيشەنبە كۈنى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىتتىپاقداش دېموكراتىك كۈچلەر (ADF) تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا ئونلارچە كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بويان كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىدىكى ئىتتىپاقداش دېموكراتىك كۈچلەرنىڭ پائالىيەتلىرى كۈچىيشكە يۈزلەندى.

دەسلەپتە ئۇگاندادا قۇرۇلغان بۇ قوراللىق گۇرۇپپا چېگرادىن ھالقىپ كىۋۇ رايونىدا مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى ۋە سىياسىي مۇقىمسىزلىق ھەم يەرلىك توقۇنۇشلاردىن پايدىلاندى.

بۇ گۇرۇپپا ئادەتتە يېزا-قىشلاقلاردا بىخەتەرلىك كۈچلىرى ۋە پۇقرالارنى نىشان قىلغان ئەجەللىك ھۇجۇملارنىڭ جاۋابكارى دەپ قارالماقتا.

ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز