سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىككى كىشى تونېلدىن تىرىك قۇتقۇزۇۋېلىندى
نېپالدا تۇيۇقسىز سەل كېلىپ ئارىدىن بىر ھەپتىدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ئىككى كىشى تونېلدىن تىرىك قۇتقۇزۇۋېلىندى.
ئىككى كىشى تونېلدىن تىرىك قۇتقۇزۇۋېلىندى
تىرىشۇلى سۇ ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى تونېلىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغان بىر كىشى داۋالاشنى قوبۇل قىلماقتا. سۈرەت: نېپال ئارمىيەسى تەمىنلىگەن / رويتېرس

نېپال ھۆكۈمىتى تۇيۇقسىز  كەلگەن سەلدە 1259 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 5083 ئادەمنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

نېپالدا نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان سەل رايوننى ۋەيران قىلىپ ئارىدىن بىر ھەپتىدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، بىر سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى تونېلىدىن ئىككى كىشى تىرىك قۇتقۇزۇۋېلىندى.

ب ب س (BBC) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «ترىشۇلى 3A سۇ ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى» دىكى (Trishuli 3A Hydropower Project) جىددىي قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى، نېپال-خىتاي چېگراسىنى ۋەيران قىلغان سەلدىن كېيىن باشلانغان.

نېپال ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى «ب ب س نېپال» بۆلۈمىگە، قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ جۈمە (2026-يىلى 4-سېنتەبىر) كۈنى سەھەردە تونېل ئىچىدىن ئادەم ئاۋازىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، تونېلدىن كەم دېگەندە 42 ئادەمنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنىشىنى ئۈمىد قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، تۇنجى قۇتقۇزۇلغان كىشى سانجاي شاھ (Sanjaya Shah) پايتەخت كاتماندۇنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان باتتاردىكى (Battar) بىر دوختۇرخانىغا ئايروپىلان بىلەن ئاپىرىلغان؛ ئىككىنچى بولۇپ قۇتقۇزۇلغان كىشى كابىر ماھارجان (Maharjan Kabir) بولسا كاتماندۇدىكى چاۋنى (Chhauni) ھەربىي دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىلىش ئالدىدا ئىكەن.

سەل ۋە تۇپراقنىڭ كۆچۈشى نېپالنىڭ راسۇۋا (Rasuwa)، نۇۋاكوت (Nuwakot)، دادىڭ (Dhading) ۋە كاۋرې (Kavre) رايونلىرى بىلەن بىللە كاتماندۇ جىلغىسىنى ۋەيران قىلغان، شۇنداقلا خىتاينىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى تىبەت رايونىغا جايلاشقان كېرۇڭ (Gyirong) پورتى تۇپراق ئاستىدا قالغان.

نېپال ئۆتكەن ھەپتىدىكى تۇيۇقسىز كەلگەن سەلدە 1259 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 5083 ئادەمنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. خىتاي دائىرىلىرى بولسا 21 ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 541 ئادەمنى تېخىچە ئىزدەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇمىي ئۆلۈم سانى 1280 گە يەتكەن بولۇپ، 844 چەت ئەللىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5624 ئادەمنىڭ ئىز-دېرىكى تېخىچە يوق.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Nepal warns of more flood casualties as rescuers struggle to reach remote areas
ئىزدىنىڭ
كرېمىل: «پۇتىن ئىراننىڭ ئۇرۇش مەسىلىنى ھەل قىلىش تەكلىپىنى ترامپقا يەتكۈزدى»
ئىران: «يېڭى ئۇرۇش ئېھتىماللىقىغا قارشى تەييارلىقلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرماقتىمىز»
ئەنقەرەدە قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قارىتىلغان ھۇجۇملىرى نامايىش بىلەن ئەيىبلەندى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە 3 يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى شۋېتسىيەدە ئەيىبلەندى
ئامېرىكا يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى
پاناما «چوڭ ئاپەت» ھالىتى ئېلان قىلدى
ترامپ نوبېل كومىتېتىغا نارازىلىقىنى بىلدۈردى
2026-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ناۋى پىللايغا بېرىلدى
ناتونىڭ يىللىق يادرو قوراللىرىنى توسۇش مانېۋىرى 13-ئۆكتەبىر باشلىنىدۇ
ئامېرىكاغا يېقىنلىشىۋاتقان ئىساياس بوران-چاپقۇنى سەۋەبىدىن جىددىي تارقاقلاشتۇرۇش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلدى
مېكسىكادىكى بىر تۈرمىدە ئىسيان كۆتۈرۈلۈپ 10 كىشى ئۆلدى، 16 كىشى يارىلاندى
ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەرنى دېڭىز يولى ئارقىلىق قوغلاپ چىقىرىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئۇكرائىنا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى جىددىي يىغىن ئېچىشقا چاقىردى
FBI خىتايغا چېتىشلىق خاككېرلارنىڭ تور ھۇجۇمى قوراللىرىنى مۇسادىرە قىلدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ھۇجۇملىرىدىن ئەنسىرىمەكتە