ئەردوغان بىلەن ستارمېر «ياۋروپا كۈرەشچى ئايروپىلانى –تايفۇن» كېلىشىمىنى ئىمزالىدى
ياۋروپا كۈرەشچى ئايروپىلانى – تايفۇن (Eurofighter Typhoon) ھازىر ياۋروپادا ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ئىسپانىيە ۋە ئاۋسترىيە تەرىپىدىن، ئوتتۇرا شەرقتىكى تۆت دۆلەت تەرىپىدىن ئىشلىتىلمەكتە.
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كېير ستارمېر « ياۋروپا كۈرەشچى ئايروپىلانى –تايفۇن» توغرىسىدا ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.
ئەردوغان دۈشەنبە كۈنى ئەنقەرەدىكى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە ستارمېر بىلەن كېلىشىمنى ئىمزالىغاندىن كېيىن: «بىز بۇنى ئىككى يېقىن ئىتتىپاقداش ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىلەرنىڭ يېڭى سىمۋولى دەپ قارايمىز» دېدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان «ياۋروپا كۈرەشچى ئايروپىلانى» كېلىشىمىنىڭ ئەنگلىيە بىلەن ئورتاق مۇداپىئە تۈرلىرىنىڭ ئىشىكىنى ئاچىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، نىشاننىڭ تۈركىيە-ئەنگلىيە سودىسىنى 40 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ئىقتىسادىي ئالاقىلەرنى كۈچەيتىشكە ۋەدە بەردى.
ئەردوغان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىرلەشمە خانلىق بىلەن سودا ھەجىمىمىزنى ئاۋۋال 30 مىليارد دوللارغا، ئاندىن 40 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشنى قارار قىلدۇق. ئىقتىسادىي ئالاقىلىرىمىزنى كۈچەيتىشكە بەل باغلىدۇق. <ياۋروپا كۈرەشچى ئايروپىلانى> كېلىشىمى جەريانىدا بىرلەشمە خانلىق تەرىپىدىن قىلىنغان خىزمەتلەر ئۈچۈن باش ۋەزىر ستارمېر ۋە ئۇنىڭ ئەترىتىگە رەھمەت ئېيتىمەن. يەنە كېلىشىم دائىرىسىدىكى باشقا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىگە بەرپاچى پوزىتسىيەلىرى ئۈچۈن مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن» دېدى.
تارىخىي كېلىشىم
ستارمېر بۇ كېلىشىمنىڭ تەخمىنەن 11 مىليارد دوللار قىممىتىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى: «بۇ ھەقىقەتەن مۇھىم كېلىشىم، چۈنكى ئۇ 10.7 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى زاكازنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ بۇ 10 يىل داۋاملىشىدىغان خىزمەت دېگەنلىك» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلىتىپ، تۈركىيە بىلەن بىرلەشمە خانلىق ئوتتۇرىسىدىكى <ياۋروپا كۈرەشچى ئايروپىلانى> كېلىشىمىنىڭ <ناتو بىخەتەرلىكى ئۈچۈن بىر غەلىبە> ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئورتاق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان ستارمېر يەنە: «بۇ، ناتو بويىچە بىخەتەرلىكنى ئاشۇرىدۇ، ئىككى تەرەپلىك مۇداپىئە ھەمكارلىقىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ، شۇنداقلا بۇ يەرنىڭ ۋە بىرلەشمە خانلىقنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىشىنى قوللاپ، ئەنگلىيەدىكى 20،000 خىزمەت ئورنىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئەڭ يېڭى تېخنىكىدىكى بۇ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ياسايدۇ» دېدى.
ستارمېر بۇنى: «مەۋجۇت ھەمكارلىقىمىزنىڭ بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىۋاتقانلىقى ۋە كېڭىيىۋاتقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، شۇنداقلا تېخىمۇ ئىلگىرىلەش ئارزۇيىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان تارىخىي بىر پەيت» دەپ تەسۋىرلىدى.
ئەنگلىيە مۇداپىئە ۋازارىتى زاكازنىڭ 20 دانە «ياۋروپا كۈرەشچى ئايروپىلانى»نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
باش ۋەزىر ستارمېرنىڭ ئەنقەرە زىيارىتىگە ھەمراھ بولغان مۇداپىئە ۋەزىرى جون ھېيلى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا: «تۈركىيە مۇھىم ناتو ئىتتىپاقدىشى ۋە قارا دېڭىزنىڭ دەرۋازىۋىنىدۇر. ئۇلارنى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدىكى <تايفۇن> ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن تەمىنلەشنى مەزمۇن قىلغان بۇ كېلىشىم ناتونىڭ توسقۇچ كۈچىنى كۈچەيتىدۇ ۋە ھەممىمىزنى تېخىمۇ بىخەتەر قىلىدۇ» دېدى.
ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بۇ كېلىشىمنى «بىر ئەۋلاد ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئۇرۇش ئايروپىلانى ئېكسپورت كېلىشىمى» دەپ تەسۋىرلىدى.
كېلىشىمنىڭ ئېدىنبۇرگ، ۋارتون، ساملېسبۇرى ۋە بىرىستولدىكى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەلىرى ئارقىلىق 20،000 كىشىلىك ئەنگلىيە خىزمەتچى قوشۇنىنى قوللايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
پەقەت بىر ئايروپىلانلا ئەمەس
ئۆتكەن ھەپتە، «Airbus Defence and Space» شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى (CEO) مايكىل شوئەللھورن «ياۋروپا كۈرەشچى ئايروپىلانى» كېلىشىمىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە يېڭى تېخنىكىلار بىلەن تېخىمۇ ئىلغار مودېللارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، تۈركىيە بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك ھەمكارلىق ئورنىتالايدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.
ناتونىڭ ئىككىنچى چوڭ ھەربىي كۈچىگە ئىگە بولغان تۈركىيە، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە ئىسپانىيە تەرىپىدىن ئورتاق ئىشلەپچىقىرىلغان كۆپ ئىقتىدارلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى «Eurofighter Typhoon» ئارقىلىق، يەرلىك لايىھەلىك رېئاكتىپ ئايروپىلانلار كەڭ كۆلەملىك ئىشلەپچىقىرىشقا كىرگۈزۈلگەنگە قەدەر، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ رېئاكتىپ تىپلىرىنىڭ كۆپ خىللىقىنى ساقلاپ قېلىشنى نىشان قىلماقتا.
ياۋروپا كۈرەشچى ئايروپىلانى – تايفۇن ھازىر ياۋروپادا ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ئىسپانىيە ۋە ئاۋسترىيەنىڭ، ئوتتۇرا شەرق رايونىدا بولسا سەئۇدى ئەرەبىستان، ئومان، كۇۋەيت ۋە قاتارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت پارس قولتۇقى دۆلىتىنىڭ ھاۋا ئارمىيەسىدە مۇلازىمەت قىلماقتا.