سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىران ئامېرىكانىڭ ھەرقانداق ھۇجۇمىنى «ئىغۋاگەرچىلىك» دەپ قوبۇل قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
تېھران ترامپنىڭ ئىرانغا ھەربىي ھەرىكەت قوزغاش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقى توغرىسىدىكى سۆزلىرىدىن كېيىن، ھەتتا چەكلىك بىر ھۇجۇمنىڭمۇ قاتتىق جاۋاب قايتۇرۇشقا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىران ئامېرىكانىڭ ھەرقانداق ھۇجۇمىنى «ئىغۋاگەرچىلىك» دەپ قوبۇل قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى ئەسمائىل باغائى تېھراندا ھەپتىلىك ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزدى. / AFP

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىرانغا چەكلىك بىر ھۇجۇم قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتىشىدىن كېيىن، تېھران ھاكىمىيىتى دۈشەنبە كۈنى، ھەتتا چەكلىك بولغان تەقدىردىمۇ ئامېرىكانىڭ ھەرقانداق ھۇجۇمىنىڭ «ئىغۋاگەرچىلىك» دەپ قارىلىدىغانلىقىنى ۋە قايتۇرما زەربە بېرىشكە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئىسمائىل بەقائى: «مېنىڭچە چەكلىك ھۇجۇم دەيدىغان نەرسە يوق. ھەرقانداق بىر ئىغۋاگەرچىلىك ئىغۋاگەرچىلىك دەپ قوبۇل قىلىنىدۇ، ھەرقانداق بىر دۆلەت ئۆزىگە خاس بولغان قانۇنلۇق قوغدىنىش ھوقۇقى دائىرىسىدە، ئىغۋاگەرچىلىككە قاتتىق شەكىلدە تاقابىل تۇرىدۇ؛ بىزمۇ شۇنداق قىلىمىز» دېدى.

ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى كەڭ كۆلەملىك ھەربىي پائالىيەتلىرىنى قويۇقلاشتۇرۇشىدىن كېيىن، ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان ھەربىي ھەرىكەت تەھدىتلىرى كۆپەيدى.

رايوندىكى ئامېرىكانىڭ مەنپەئەتلىرىنىڭ ھۇجۇم نىشانى قىلىنىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى، يەكشەنبە كۈنى، «CBS News» تېلېۋىزىيە قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا: «ئەگەر ئامېرىكا بىزگە ھۇجۇم قىلسا، بىزنىڭمۇ ھەرقانداق شەكىلدە ئۆزىمىزنى قوغداش ھوقۇقىمىز بار» دېگەن بولسىمۇ، يەنىلا «دىپلوماتىك بىر ھەل قىلىش چارىسىگە ئېرىشىش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى» قەيت قىلدى.

ئىران پىرېزىدېنتى مەسئۇد پەزەشكىيانمۇ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، ئامېرىكا تەرەپ بىلەن ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەرنىڭ «جاسارەت بېغىشلىغۇچى بېشارەتلەر» گە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخىرقى قېتىملىق سۆھبەتتىن كېيىن، ئىران ھەربىي ئارىلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىر كېلىشىم ئۈچۈن تەكلىپ لايىھەسى تەييارلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئاراقچى «CBS» تېلېۋىزىيە قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا: «مېنىڭچە، مۇشۇ پەيشەنبە كۈنى يەنە جەنۋەدە بىر يەرگە جەم بولغاندا، مەزكۇر تۈرلەر ئۈستىدە خىزمەت ئىشلىشىمىز، ياخشى بىر تېكىست تەييارلاپ، تېز سۈرئەتتە كېلىشىم ھاسىل قىلالىشىمىز مۇمكىن» دېدى.

ئامېرىكا يېقىنقى ھەپتىلەردە ئوتتۇرا شەرققە ئىككى ئاۋىياماتكىدىن باشقا يەنە كۈرەشچى ئايروپىلان ۋە پاراخوتلارنى ئەۋەتتى، شۇنداقلا ھەربىي ھەرىكەتكە بولغان تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرۇش پائالىيەتلىرىنى قوللاش ئۈچۈن رايوندىكى ھاۋا مۇداپىئەسىنىمۇ كۈچەيتتى.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
رۇسىيەدە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ كۈلەڭگىسىدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دۇنياغا خىتاب قىلىدۇ
فىتسو «ياۋروپا مىقياسىدىكى ھەربىي توقۇنۇش» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
جەنۇبىي كورېيە ھۈرمۈز بوغۇزىدا جەڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلدى
ترامپ: پولشادا ئامېرىكا ھەربىي بازىسى قۇرۇش مەسىلىسىدە مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
پېنتاگون ياۋروپادىكى 40 مىڭغىچە ئامېرىكا ئەسكىرىنى چېكىندۈرۈشنى ئويلاشماقتا
يەمەن ئارمىيەسى تەئىزنىڭ غەربىدىكى توقۇنۇشلاردا 30 ھۇسىينىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىران ھورمۇز بوغۇزىدا توگو بايرىقى قادالغان بىر نېفىت پاراخوتىنى ئوققا تۇتقانلىقىنى جاكارلىدى
ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ ئوماندا ھۇسىيلار بىلەن  سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان: بىزنىڭ رۇسىيە ھەربىي بازىسىغا ئېھتىياجىمىز يوق
ئۈسكۈپتە «تۈرك تىلىغا بېغىشلانغان پورترېتلار» ناملىق رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى
غەززەدە ئۆلتۈرۈلگەن 20 مىڭ بالىنىڭ ئىسمى يېزىلغان سىمۋوللۇق كېپەن ب د ت دا كۆرگەزمە قىلىندى