غەززە خىتابنامىسى كەڭ قورساقلىق، ئىززەت-ھۆرمەت ۋە كوللېكتىپ گۈللىنىشكە چاقىرىق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ترامپ، سىسى ۋە ئەل سانى شەرم ئەلشەيخ تىنچلىق باشلىقلار يىغىنىدا غەززەدىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش كېلىشىمىگە ئىمزا قويدى.
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، مىسىر جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇلفەتتاھ ئەس سىسى ۋە قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئەل سانى غەززەدە تىنچلىقنىڭ باراۋەرلىك ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت ئاساسىدا بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدىغان كېلىشىمنى تەستىقلىدى.
دۈشەنبە كۈنى مىسىرنىڭ شەرم ئەلشەيخ شەھىرىدە بىر يەرگە جەم بولغان رەھبەرلەر: «بىز ھەممە ئادەم ئۈچۈن كەڭ قورساقلىق، ئىززەت-ھۆرمەت ۋە باراۋەر پۇرسەت ئىزدەۋاتىمىز» دېدى ھەمدە بۇ رايوننىڭ ئىرق، دىن ياكى مىللەت ئايرىمىسى بولمىغان ھالدا بارلىق شەخسلەرنىڭ تىنچلىق، بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىسادىي گۈللىنىش ئىچىدە ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان جاي بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا ۋەدە بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
كېلىشىمدە: «بىز تىنچلىق، بىخەتەرلىك ۋە كوللىكتىپ گۈللىنىش ئۈچۈن ئومۇمىي بىر نىشاننى كۆزلەۋاتىمىز؛ بۇ نىشان ئۆزئارا ھۆرمەت ۋە ئورتاق تەقدىر تۇيغۇسىغا ئاساسلىنىدۇ» دېگەن ئىبارىلەر ئورۇن ئالدى. ئۇنىڭدىن باشقا، «بىز بۇ روھ بىلەن غەززەدە ئەتراپلىق ۋە مەڭگۈلۈك تىنچلىق ئورنىتىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلگىرلەشلەرنى ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن رايوندىكى قوشنا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى دوستانە ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان مۇناسىۋەتلەرنى قارشى ئالىمىز» دېيىلدى.
رەھبەرلەر بۇ مىراسنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشىشقا بەل باغلىغانلىقىنى ئىپادىلەپ، كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ «تىنچلىق ئىچىدە بىرلىكتە تەرەققىي قىلىشى» غا كاپالەتلىك قىلىدىغان تۈزۈلمە ئاساسلىرىنى يارىتىشنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇلار: «بىز ئۆزىمىزنى مەڭگۈلۈك تىنچ كەلگۈسىگە ئاتايمىز» دەپ قوشۇمچە قىلدى.
غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ بىرىنچى باسقۇچى جۈمە كۈنى ترامپنىڭ ئىككى يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش پىلانى دائىرىسىدە يولغا قويۇلدى.
دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەندە، ھاماسنىڭ غەززەدە تۇتۇپ تۇرغان 20 نەپەر ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرنى قويۇپ بېرىشىدىن كېيىن، ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان پەلەستىنلىكلەر قويۇپ بېرىلىشكە باشلاندى.
2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشى غەززەدە كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلار بولۇپ، 67 مىڭ 800 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى ھەمدە بۇ رايوننى ئاساسەن ياشىغىلى بولمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويدى.