ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى JD ۋېنس ھورمۇز بوغۇزىدىكى جىددىيچىلىك داۋاملىشىۋاتقان ۋە سۆھبەتلەر توختاپ قالغان بىر مەزگىلدە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپنىڭ ئاخىرى چىقمايدىغان بىر توقۇنۇشقا رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى JD ۋېنس، پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىران بىلەن «ئۈزلۈكسىز بىر ئۇرۇش» ئېھتىماللىقىنى رەت قىلىپ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ نىشانلىرىغا يېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
فوكىس خەۋەرلىرى تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋېنس: «ئۈستىدە ئىشلىشىمىز كېرەك بولغان يەنە نۇرغۇن ئىش بار، ئەمما شۇنى ئېيتالايمەنكى، ئەگەر يېڭى بىر ‹ئۈزلۈكسىز ئۇرۇش› ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان بولسىڭىز، دونالد تىرامپ بۇنىڭغا ھەرگىز رۇخسەت قىلمايدۇ» دېدى.
ۋېنس ئارمىيەنىڭ دۆلەت سىرتىدىكى ھەرىكەتلىرىنى تەنقىد قىلىش بىلەن «ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ھېچقانداق شارائىتتا ئىشلىتىلمەيدىغانلىقىنى تەشەببۇس قىلىش» ئوتتۇرىسىدا بىر پەرق بارلىقى تەرەپكە دىققەتلەرنى تارتتى.
ۋېنس: «تىرامپ ئامېرىكانىڭ نىشانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ، ئاندىن كېيىن باشقا كۈنتەرتىپتىكى ماددىلىرىمىزغا مەركەزلىشىمىز» دەپ قوشۇمچە قىلدى.
بۇ باياناتلار، 28-فېۋرالدا باشلانغان توقۇنۇشلاردىن كېيىن ئىران بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىك داۋاملىشىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئېلان قىلىندى.
28-فېۋرالدا ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملارنى قانات يايدۇرغان، تېھران بولسا بۇنىڭغا جاۋابەن ئىسرائىلىيەنى ۋە ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى ئامېرىكا نۇقتىلىرىنى نىشان قىلغان ئىدى. ئامېرىكا ۋە ئىران، ئىيۇن ئېيىدا بىر رامكا كېلىشىمى ئىمزالاپ سۆھبەتلەرنى باشلىغان، ئەمما يەرشارى مىقياسىدىكى ئېنېرگىيە ۋە مال توشۇشتا ھالقىلىق بىر لىنىيە بولغان ھورمۇز بوغۇزىدىكى دېڭىز قاتنىشى ئەركىنلىكى ۋە خەۋپسىزلىكى توغرىسىدىكى ئىختىلاپلار سەۋەبىدىن سۆھبەتلەر كېيىنچە توختاپ قالغان ئىدى.




















