تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى يادرو ئېنېرگىيەسى ساھەسىدە ھەمكارلىقنى كۈچەيتمەكتە
ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى يادرو ئېنېرگىيەسى ساھەسىدە ھەمكارلىقنى كۈچەيتمەكتەتۈركىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش ۋە ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە، ئىلغار يادرو تېخنولوگىيەسى بويىچە يېڭى ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.
ئېنېرگىيە مىنىستىرى ئالپئارسلان بايراقتار نىيۇ-يوركتا TUNAS باشلىقى نېجاتى ياماچ ۋە USTDA دىن توماس ھاردى بىلەن بىرلىكتە ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا قاتناشماقتا. (AA)

ئەنقەرە بىلەن ۋاشىنگتون تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش تىرىشچانلىقى دائىرىسىدە، ئىلغار يادرو تېخنىكىسى مەسىلىسىدە ھەمكارلىقنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتمەكتە. بۇ دائىرىدە، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدا يادرو ئېنېرگىيەسى ساھەسىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، يېڭى يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى لايىھەلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەسئۇل تۈركىيە يادرو ئېنېرگىيەسى پاي چەكلىك شىركىتى (TÜNAŞ) بىلەن ئامېرىكا سودا ۋە تەرەققىيات ئورگىنى (USTDA) ئورتاق بىر لايىھەنى يولغا قويىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ 81-نۆۋەتلىك يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بارغان نىيۇ يوركتا، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدا يادرو ساھەسىدىكى يېڭى بىر ھەمكارلىقنىڭ ئاساسىي تۇرغۇزۇلدى. TÜNAŞ بىلەن USTDA ئوتتۇرىسىدىكى لايىھەنى ئاساس قىلغان كېلىشىم تۈرك ئۆيىدە ئىمزالاندى. ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى ئالپارسلان بايراقتار قاتناشتى، TÜNAŞ باش مۇدىرى نەجاتى ياموچ ۋە USTDA مۇدىر ياردەمچىسى توماس خاردى كېلىشىمگە ئىمزا قويدى.

مەزكۇر كېلىشىمگە ئاساسەن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى تۆت شىركەتنىڭ كىچىك تىپتىكى مودۇللۇق رېئاكتور (SMR) لايىھەلىرى ۋە ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ بەش خىل ئوخشىمىغان 4-ئەۋلاد رېئاكتور لايىھەلىرى لايىھەلىرىنى تېخنىكىلىق، ئىقتىسادىي، نازارەت قىلىش ۋە ئىجازەتنامە بېرىش نۇقتىلىرىدىن باھالاپ چىقىلىدۇ.

ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى ئالپارسلان بايراقتار ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى NSosyal سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە TÜNAŞ بىلەن USTDA ئوتتۇرىسىدىكى كىچىك تىپتىكى مودۇللۇق رېئاكتور (SMR) ۋە 4-ئەۋلاد رېئاكتورلارغا قارىتىلغان مەبلەغ ئاجرىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«بىز شاھىت بولغان بۇ كېلىشىم سايىسىدا، يېڭى ئەۋلاد يادرو تېخنىكىلىرىنىڭ دۆلىتىمىز ئۈچۈن تېخنىكىلىق، ئىقتىسادىي ۋە قانۇن-بەلگىلىمە جەھەتتىكى قوللىنىشچانلىقىنى ئەتراپلىق باھالايمىز. 2053-يىللىق نۆل تاشلاندۇق قويۇپ بېرىش ۋە ئېنېرگىيەدە تولۇق مۇستەقىل بولۇش نىشانىمىزغا ئاساسەن، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىمىزنى كۆپ خىللاشتۇرۇشتا قەتئىي ئىرادىگە ئىگىمىز. چوڭ تىپتىكى يادرو ئېلېكتر ئىستانسىلىرىمىز بىلەن بىرگە، دۆلىتىمىزنىڭ ئېھتىياجىغا ئەڭ ئۇيغۇن كېلىدىغان تاللاشلار ئۈستىدە ئەستايىدىل خىزمەت ئىشلەپ، كۈچلۈك ۋە زامانىۋى بىر ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەسىنى قۇرۇشنى قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرىمىز.»

مىنىستىر بايراقتار ئالدىنقى يىلى 25-سېنتەبىردە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئاقسارايدا ئۆتكۈزگەن كۆرۈشۈشتە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو بىلەن بىرلىكتە ئىستراتېگىيەلىك پۇقراۋى يادرو ھەمكارلىقى كېلىشىم لايىھەسىنى ئىمزالىغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا MQ-1 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى
ئىران ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتلەرگە قايتىش ئۈچۈن شەرتلىرىنى ۋاسىتىچىلەرگە يەتكۈزدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 4 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
پەلەستىن تەرەپدارى نامايىشچىلار فىلادېلفىيەدىكى ئېد شېران كونسېرتىغا قارشى نامايىش قىلدى
سابىق چىلى پرېزىدېنتى باچېلېت ب د ت باش كاتىپلىق نامزاتلىقىدىن چېكىندى
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن خەۋپسىزلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
پاكىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 31 گە يەتتى
ئامېرىكا ئۇكرائىنا ئۈچۈن 2 مىليارد 680 مىليون دوللارلىق ھاۋا مۇداپىئە ياردەم لايىھەسىنى تەستىقلىدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلغان  كېمىگە زەربە بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 81 - نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ئۈچۈن ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان غازىلار بايرىمىنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى
غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ئوقۇش قايتا باشلاندى
تېھران - ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدىكى خەلقئارالىق دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار ۋە مۇرەسسەچىلىك داۋاملاشماقتا
ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن قورال سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
پۇتىن: كىيېۋ ھاكىمىيىتىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نىيىتى يوق