خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
رىيادتا پادىشاھ خالىد ئايرودورۇمىغا ھۇجۇم قىلىندى، 1 كىشى ئۆلۈپ، 11 كىشى يارىلاندى
بۇ ھۇجۇم ھۇسىي قوراللىقلىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان ئايرودورۇمىغا قاراتقان ئەڭ يېڭى ھۇجۇمى بولدى.
رىيادتا پادىشاھ خالىد ئايرودورۇمىغا ھۇجۇم قىلىندى، 1 كىشى ئۆلۈپ، 11 كىشى يارىلاندى
رىيادتا پادىشاھ خالىد ئايرودورۇمىغا ھۇجۇم قىلىندى، 1 كىشى ئۆلۈپ، 11 كىشى يارىلاندى / Reuters

رىياد 48 سائەت ئىچىدە ئىككى قېتىم نىشانغا ئېلىندى (تۇنجى ھۇجۇمدا 13 كىشى ئۆلگەن ۋە 300 دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان ئىدى). داممامدىكى پادىشاھ فەھد ئايرودورۇمىمۇ ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

ئاممىۋىي ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادىدىكى پادىشاھ خالىد خەلقئارا ئايرودورۇمىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 1 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 11 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئاممىۋىي ئاۋىياتسىيە باش ئىدارىسى (GACA)، يەكشەنبە كۈنى كېەچتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھاياتىدىن ئايرىلغان كىشىنىڭ پاكىستان پۇقراسى ئىكەنلىكىنى ۋە يارىدارلارنىڭ داۋالىنىش ئۈچۈن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى جزەملەشتۈرگەن ئىدى.

 

سەئۇدى ئەرەبىستان ئاممىۋىي ئاۋىياتسىيە باش ئىدارىسى (GACA) ھۇجۇمنىڭ ماددىي زىيانمۇ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ۋە زىياننى تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

يەمەندىكى سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش قىسىم، يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن كىملىكى نامەلۇم بىر جىسىمنىڭ ئايرودورۇمدىكى 4-تېرمىنالغا تېگىپ ئوت ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

مەزكۇر ھۇجۇم، ئوخشاش ئايرودورۇمغا قىلىنغان ۋە 12 كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە، 300 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولغان يەنە بىر ھۇجۇمدىن بىر كۈن كېيىن يۈز بەردى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئاۋىياتسىيە ۋە نېفىت ئەسلىھەلىرىگە قارىتىلغان ھۇجۇملار

سەئۇدى ئەرەبىستان يېتەكچىلىكىدىكى ئىتتىپاقداش قىسىم مەزكۇر ھۇجۇمغا ھۇسىي قوراللىقلىرىنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە ۋەقەنى خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش دەپ ئاتاپ، بۇنىڭغا قاتتىق جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلگىرى يەمەنلىك ھۇسىي قوراللىقلىرىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئىككى ئايرودورۇمغا ۋە چوڭ نېفىت ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شەرقىي قىسىمدىكى داممام شەھىرىگە جايلاشقان پادىشاھ فەھد خەلقئارا ئايرودورۇمىنىڭمۇ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئاممىۋىي ئاۋىياتسىيە باش ئىدارىسى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار بىلەن ماسلىشىپ يرودورۇمدا زىياننى تەكشۈرۈش ۋە بىخەتەرلىكنى تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مەسئۇللار جان تالاپىتى ياكى زىياننىڭ دەرىجىسى ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇر بەرمىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش قىسىم X سۇپىسى ئارقىلىق ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ شەرقىي رايونى ئۈستىدە بىر ئۇچقۇچىسىز ئاپپاراتنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ۋە ۋەيران قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Houthis target Saudi Arabia's Dammam airport as wave of airport attacks continues
ئىزدىنىڭ
تۈركىيە، مىسىر، پاكىستان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ھۇسىيلارنىڭ ھۇجۇملىرىنى ئورتاق بايانات بىلەن ئەيىبلىدى
سېئۇل: «شىمالىي كورېيە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى»
پولشا باش مىنىستىرغا سۇيىقەست پىلانى ھەققىدە ئۇچۇر كەلدى
ئىراق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى دائېش بازىسىنى يوق قىلدى
سوتچى جېننىفېر دۆلەت مەبلىغى بىلەن تارقىتىلغان ترامپنى قوللاش ئېلانلىرىنى توختىتىشقا ھۆكۈم قىلدى
يەمەن ئارمىيەسى: 900 دىن ئارتۇق ھۇسىي جەڭچىسى بىر تەرەپ قىلىندى
جىبۇتى ساھىللىرىدىكى پاراخوت ھادىسىسىدە 139 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
شىمالىي كورېيە ياپون دېڭىزى تەرەپكە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى
نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى پىللاي ئامېرىكانىڭ سوتچىلارغا قارىتىلغان ئېمبارگولىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
رىياد ئايرودورۇمىدا كىشىلەرنىڭ يارلىنىىشىغا سەۋەب بولغان ھۇجۇمدىن كېيىن ئۇچۇشلارتوختىدى
ئامېرىكادىكى قوراللىق ھۇجۇمدا توققۇز كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ترامپ ئۇكرائىناغا زېلېنسكىينىڭ ئورنىغا يېڭى بىر پرېزىدېنت تاللاش چاقىرىقى قىلدى
كرېمىل: «پۇتىن ئىراننىڭ ئۇرۇش مەسىلىنى ھەل قىلىش تەكلىپىنى ترامپقا يەتكۈزدى»
ئىران: «يېڭى ئۇرۇش ئېھتىماللىقىغا قارشى تەييارلىقلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرماقتىمىز»
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە 3 يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى شۋېتسىيەدە ئەيىبلەندى
ناتونىڭ يىللىق يادرو قوراللىرىنى توسۇش مانېۋىرى 13-ئۆكتەبىر باشلىنىدۇ
ئامېرىكاغا يېقىنلىشىۋاتقان ئىساياس بوران-چاپقۇنى سەۋەبىدىن جىددىي تارقاقلاشتۇرۇش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلدى
مېكسىكادىكى بىر تۈرمىدە ئىسيان كۆتۈرۈلۈپ 10 كىشى ئۆلدى، 16 كىشى يارىلاندى
ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەرنى دېڭىز يولى ئارقىلىق قوغلاپ چىقىرىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئۇكرائىنا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى جىددىي يىغىن ئېچىشقا چاقىردى