جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان «TRT Genç» قانىلىنىڭ ئېچىلىش لېنتىسىنى كەستى: كەلگۈسى سىلەرنىڭ
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «TRT Genç» قانىلىنىڭ ياشلارنىڭ ئەقلىي، روھىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن يېتىلىشىنى قوللاش مەقسىتىدە كەڭ دائىرىلىك پىروگراممىلارنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياش كۆرۈرمەنلەرگە يۈزلەنگەن يېڭى تېلېۋىزىيە قانىلى «TRT Genç»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. پەيشەنبە كۈنى بەشتەپە خەلق قۇرۇلتاي ۋە مەدەنىيەت مەركىزىدە ياشلار، تاراتقۇ ۋەكىللىرى ۋە مېھمانلارغا نۇتۇق سۆزلىگەن ئەردوغان، ياشلارنى «خەلقنىڭ ئۆيى»دە كۈتۈۋالغانلىقىدىن ئىنتايىن بەختىيار ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنى تۈركىيەنىڭ پارلاق كەلگۈسى دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
ئەردوغان TRT خىزمەتچىلىرىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، يېڭى قانالنىڭ پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت-سەنئەت، تەنھەرىكەت ۋە تارىخ قاتارلىق كۆپ خىل ساھەلەردىكى پىروگراممىلىرى ئارقىلىق ياشلارنىڭ يېتىلىشىگە تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ يەنە بۇ خىل سۇپىلارنىڭ «دەۋرنىڭ ۋاباسى بولغان خۇمار بولۇپ قېلىشقا قارشى كۈرەش قىلىش»تا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ ئېكران، تور قىمارى ۋە زەھەرلىك چېكىملىككە خۇمار بولۇش قېلىش خەۋپىنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
«ھەقىقەت» ئۈچۈن كۈرەش داۋاملىشىدۇ
ئائىلە ئورگىنىنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ھۇجۇم ۋە قورشاۋ ئاستىدا قالغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان جۇمھۇر رەئىس، كۆڭۈل ئېچىش مەقسىتىدە باشلانغان رەقەملىك ئويۇنلارنىڭ ياشلارنى تور قىمارىغا باشلايدىغان بىر تۇزاق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ تۈركىيەنىڭ خۇمار بولۇش مەسىلىسىنى تېخىمۇ ئەستايىدىل تەكشۈرۈشى ۋە بۇنىڭغا قارشى قەتئىي ئىرادە بىلەن تۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئۇقتۇردى. شۇنداقلا، «ھەقىقەت» مۇجادىلىسىنىڭ ئانادولۇ خەۋەر ئاگېنتلىقى ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسى قاتارلىق ئورگانلار ئارقىلىق ھەر بىر سەپتە داۋاملىشىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
ياشلارنى كۆڭۈل ئاچقۇزۇش بىلەن بىرگە تەربىيەلەش
TRT باش مۇدىرى مەھمەت زاھىد سوباجى سۆزىدە، بۇ قانالنىڭ بالىلار ۋە چوڭلار پىروگراممىلىرى ئارىسىدا ئۆزىگە ماس كېلىدىغان پاكىز ھەم سۈپەتلىك ئادرېس تاپالمايۋاتقان ياشلارنى دۆلەت كاپالىتىدىكى ئىشەنچلىك سۇپا بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «قانىلىمىز ياش ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ پىكىرلىرىنى، ياش كەشپىياتچىلارنىڭ تۈرلىرىنى، ئالەم ئۇچقۇچىلىرىمىز ۋە ئالىملىرىمىز بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەرنى ئېكرانغا ئېلىپ چىقىش ئارقىلىق، ياشلىرىمىزدا 'مەنمۇ قىلالايمەن' دېگەن ئىشەنچنى يېتىلدۈرىدۇ.»