غەززە ئۇرۇشى
1 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ: «غەززە كېلىشىمىگە كېلەر ھەپتە ئىچىدە ئېرىشكىلى بولىدۇ»
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىلغان تەقدىردىمۇ، پەلەستىننىڭ قورشاۋ ئاستىدىكى رايونلىرىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ترامپ: «غەززە كېلىشىمىگە كېلەر ھەپتە ئىچىدە ئېرىشكىلى بولىدۇ»
ترامپ: «غەززە كېلىشىمىگە كېلەر ھەپتە ئىچىدە ئېرىشكىلى بولىدۇ» / Reuters

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتى ھاماس ئوتتۇرىسىدا غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ يېقىندا ھاسىل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

يەكشەنبە كۈنى مارىلەند ئىشتاتىدىكى «ئاندرېۋس بىرلەشمە بازىسى» دا مۇخبىرلارغا سۆز قىلغان ترامپ: «غەززە سۆھبىتىمىز داۋاملىشىۋاتىدۇ ۋە ئۈمىد قىلىمەنكى، كېلەر ھەپتە ئىچىدە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىمىز» دېدى.

ترامپ ئىلگىرى، قاتار ۋە مىسىرنىڭ ھاماسقا سۇنغان تەكلىپى بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە 60 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن كېرەكلىك شەرتلەرنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ھاماس بۇ تەكلىپكە ئىجابىي جاۋاب قايتۇرۇپ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىش ۋە تۇتقۇن ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن سۆھبەتلىشىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - How is Israel stalling Gaza ceasefire?

ئىسرائىلىيە ھاماسنىڭ قاتارنىڭ تەكلىپىگە كىرگۈزگەن ئۆزگەرتىشلەرنىڭ قوبۇل قىلغۇسىز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئىسرائىلىيە ھەيئىتى دوھاغا سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن بارغان ئىدى.

دوھادىكى سۆھبەتلەر ۋاقىتلىق 60 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش، 10 تىرىك ۋە 18 ئۆلۈك ئىسرائىلىيەلىك تۇتقۇننىڭ قويۇپ بېرىلىشى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىش سۆھبەتلىرىگە مەركەزلەشتى.

نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنغانلىقى خەۋەر قىلىنغان بولسىمۇ، ئاساسلىق ئىختىلاپ نۇقتىسى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ئەتراپىدىكى بۇففېر رايونى ئۈستىدىكى كونتروللۇقنى ساقلاپ قېلىشتا چىڭ تۇرۇشى بولدى.

ئۇرۇش توختىتىلغان تەقدىردىمۇ، ئىسرائىلىيە پەلەستىنلىكلەرنى باشقا دۆلەتلەرگە چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىش نىشانىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە رەفاھتا ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋە بىر «يىغىۋېلىش لاگېرى» قۇرۇشقا ئائىت پىلانلىرىنىڭ بارلىقىنى ئېلان قىلدى.

مەنبە:TRT Global
ئىزدىنىڭ
قازاقىستاندا بىر پارلامېنتلىق قۇرۇلتاي سايلىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى
ئامېرىكا سوتى 75 دۆلەتكە قويۇلغان كۆچمەنلىك ۋىزىسى چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ جەنۇبىغا يەنە بىر قېتىم بېسىپ كىردى
رۇسىيەنىڭ «Ozon» شىركىتىگە تەۋە ئۈچ ئامبار ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
بېسېنت: ئىران مەسىلىسىدە ئاخىرقى باسقۇچقا كىردۇق
ئىراق ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورتاق بىخەتەرلىك كېڭىشى قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى
سۈرىيە ۋە ئىسرائىلىيە ھەيئەتلىرى ئامېرىكانىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە كۆرۈشتى
ئامېرىكا بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدا باج كىرىزىسى يۈز بەردى، ترامپ كانادا ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 73 مىڭ 419 غا ئۆرلىدى
ئامېرىكا ب د ت غا بولغان 5 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق قەرزىنىڭ بىر قىسمىنى تۆلەشنى پىلانلىماقتا
نېتانياھۇ سىياسىي سايلامنى كېچىكتۈرۈش ئۈچۈن جىددىيچىلىكنى ئاشۇرىشى مۇمكىن
پېزەشكىيان: ئىران "نە ئۇرۇش، نەتىنچلىق" ۋەزىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى خالايدۇ، يول قويۇشنى رەت قىلىدۇ
نېتانياھۇ: باش مىنىستىلىق مۇددىتىم بويىچە پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت بەرمەيمەن
تورنىڭ سۇلتانلىرى ياۋروپا ئالىي دەرىجىلىك مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى مۇسابىقىسىگە چۈشىدۇ
پاكىستان ۋە مالايسىيا بىخەتەرلىك ساھەسىدە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كېلىشتى