پىكىر-مۇلاھىزىلەر
پىكىر
2 مىنۇت ئوقۇش
ياۋروپا ئىتتىپاقى 3000 پەلەستىنلىك ساقچىنى تەربىيەلەشنى پىلانلىماقتا
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇرۇش توختىتىلغاندىن كېيىن غەززە ئۈچۈن 3000 نەپەر پەلەستىنلىك ساقچىنى تەربىيەلەشنى پىلانلىماقتا.
ياۋروپا ئىتتىپاقى 3000 پەلەستىنلىك ساقچىنى تەربىيەلەشنى پىلانلىماقتا
ياۋروپا ئىتتىپاقى پەلەستىنلىك ساقچىنى تەربىيەلەشنى پىلانلىماقتا / Reuters
2025-يىلى11-ئاينىڭ19-كۈنى

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئەمەلدارى، رايوندا ئۇزۇن مۇددەتلىك خاتىمجەملىكنى قايتىدىن ئورنىتىش نىشان قىلىنغان تىرىشچانلىقلارنىڭ بىر قىسمى دائىرىسىدە، ئىتتىپاقنىڭ پەلەستىن ساقچىلىرىغا تەربىيەلەپ بېرىشنى تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئەمەلدارى چارشەنبە كۈنى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا نۆۋەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر پىروگراممىغا ئوخشاش شەكىلدە، غەززەدە تەخمىنەن 3000 پەلەستىنلىك ساقچىنىڭ تەربىيەلىنىشىنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ سەزگۈر مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئىسمىنىڭ ئاشكارىلانماسلىقى شەرتى بىلەن سۆز قىلغان ئەمەلدار، نۆۋەتتىكى ئۇرۇش توختىتىش داۋاملاشقان تەقدىردە، «مۇھىم بىر ساقچى كۈچى ئارقىلىق غەززەنى مۇقىملىققا ئېرىشتۈرۈش ئېھتىياجى» تۇغۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى دۈشەنبە كۈنى، 10-ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (ھاماس) ئوتتۇرىسىدا نازۇك بىر ئۇرۇش توختىتىشنىڭ داۋاملىشىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدىغان ۋە پىرېزىدېنت ترامپنىڭ غەززە پىلانىنى كۈچەيتىدىغان، ئامېرىكا تەرىپىدىن تۈزۈلگەن بىر قارار لايىھەسىنى تەستىقلىدى.

تىنچلىق پىلانى بولۇپمۇ ئىسرائىلىيە ۋە مىسىر شۇنداقلا يېڭى تەربىيەلەنگەن پەلەستىن ساقچىلىرى بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلىپ، چېگرا رايونلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە غەززەنى ھەربىيسىز رايونغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن خەلقئارالىق بىر كۈچنىڭ قۇرۇلۇشىغا ھوقۇق بېرىدۇ.

ياۋروپا ئىتتىپاقى تېل ئاۋىۋنى قوللايدىغان دۆلەتلەر بىلەن پەلەستىنلىكلەرگە تېخىمۇ يېقىن بولغان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاقلار ئارىسىدىكى بۆلۈنۈشلەر سەۋەبىدىن، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ۋە ئۇدا ئىككى يىل داۋاملاشقان ئۇرۇشى جەريانىدا تەسىر كۆرسىتىشتە قىينالدى.

رايوندىكى رولىنى قايتىدىن قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى، قايتىدىن ئۇزۇن مۇددەتلىك بىخەتەرلىك ئورنىتىش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (ھاماس) بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان پەلەستىنلىك ساقچىلارنىڭ تەربىيەلىنىشىنى تەكلىپ قىلىدۇ.

پەلەستىن ھۆكۈمىتى ئىسلاھاتلىرى

مەزكۇر ئەمەلدارنىڭ ئېيتىشىچە، غەززەدە تەخمىنەن 7000 ساقچى ھېلىھەم ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنى باشقۇرۇۋاتقان پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ مائاش تىزىملىكىدە بار ئىكەن. كۆپىنچىسى دەم ئېلىشقا چىققان ياكى خىزمەت قىلالمايدىغان ئەھۋالدا بولسىمۇ، ئەمەلدار تەخمىنەن 3000 ساقچىنى تەربىيەلىگىلى بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەش بىلەن بىرگە، بۇ تەربىيەلەشنىڭ غەززە سىرتىدا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى 2006-يىلىدىن بۇيان ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا تەخمىنەن 13 مىليون ياۋرو (15 مىليون دوللار) خامچوتقا ئىگە بىر ساقچىلارنى تەربىيەلەش ۋەزىپىسىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەپ كەلمەكتە.

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى پەيشەنبە كۈنى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەتلەر جەريانىدا تەربىيەلەش تەكلىپىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ. شۇ كۈنى ئىتتىپاق يەنە پەلەستىن ئۈچۈن بىر ئىئانە توپلاش يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىدۇ. يىغىن ئەرەب دۆلەتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تەخمىنەن 60 ۋەكىللەر ئۆمىكىنى بىر يەرگە جەم قىلىدىغان بولۇپ، ئىسرائىلىيە تەكلىپ قىلىنغانلار ئارىسىدا يوق.

ئەمەلدارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىن قاتناشقۇچىلارنىڭ پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلاھات مەسىلىسىدىكى ئىلگىرىلىشىگە «باھا بېرىشى» گە ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدىكەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقى پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق مالىيە جەھەتتىن قوللىغۇچىسى ھېسابلىنىدۇ؛ بىراق كەلگۈسىدە قىلىنىدىغان ياردەملەرنى، ياۋروپا ئۇزۇندىن بۇيان ياقلاپ كېلىۋاتقان ئىسرائىلىيە - پەلەستىن توقۇنۇشىنى ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى بىلەن ھەل قىلىشتا، پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر دەپ قارىغان ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىش شەرتىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

ئىزدىنىڭ
بېيجىڭ: ترامپ خىتاينى باھانە قىلىۋاتىدۇ
ئىران ئامېرىكا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكىمۇ، ئۇرۇشقىمۇ تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
ترامپ غەززە تىنچلىق كېڭىشى قۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى
ئامېرىكا بىلەن دانىيە گىرېنلاندىيە مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ
ترامپ: ئىران يادرو مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن بىز بىلەن ئالاقە قىلدى
ئارگېنتىنا ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا كۆچۈرۈش پىلانىنى توختىتىپ قويدى
ب د ت ئىراننى سوغۇققان بولۇشقا چاقىردى
باڭلادىش غەززەدىكى خەلقئارالىق قوشۇنغا قاتنىشىشنى تەلەپ قىلدى
ترامپ قوماندانلارغا گىرېنلاندىيە ئېلىش پىلانىنى تۈزۈشكە پەرمان چۈشۈردى
تۈركىيە سۇدانغا توننىلارچە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى قاچىلانغان  «ياخشىلىق پاراخوتى» ئەۋەتتى
ترامپ: بىز  «ياردەمگە تەييار»
ئۇكرائىنا: رۇسىيە قارا دېڭىزدا ئىككى يۈك پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلدى
ترامپ: ئەگەر بىز قولغا چۈشۈرمىسەك، رۇسىيە ياكى خىتاي گرېنلاندىيەنى ئىگەللىۋالىدۇ
سۈرىيە ي پ گ تېررورچىلىرىنى ھەلەبتىن قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن ھەرىكەت باشلىدى
تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىرانغا 17 قېتىملىق ئايروپىلان سەپىرىنى بىكار قىلدى