ئىقتىساد
2 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان: تۈركىيە-ئەزەربەيجان ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى رايون بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىدۇ
جۇمھۇر رەئىس، ئىغدىر-ناھچىۋان تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى ئۈلگىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئەردوغان: تۈركىيە-ئەزەربەيجان ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى رايون بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىدۇ
/ TRT Balkan

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان باكۇ ئېنېرگىيە ھەپتىلىكىگە يوللىغان تەبرىك سۆزىدە، تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنىڭ، پەقەت ئىككى دۆلەتكە پايدا ئېلىپ كېلىپلا قالماي، بەلكى پۈتكۈل رايون ۋە ياۋروپانىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەزەربەيجان پايتەختى باكۇدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان باكۇ ئېنېرگىيە ھەپتىلىكى يىغىنىدا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى ئالپئارسلان بايراقدار تەرىپىدىن دۈشەنبە كۈنى ئوقۇپ ئۆتۈلگەن تەبرىك سۆزىدە، ئەردوغان يېقىنقى مەزگىلدىكى دۇنياۋى سىياسىي جۇغراپىيەلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ تۈركىيە-ئەزەربەيجان ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىملىقىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان، «باكۇ-تىفلىس-جەيھان، باكۇ-تىفلىس-ئەرزۇرۇم تۇرۇبا لىنىيەلىرى ۋە تاناپ [TANAP] قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىلىرى بىلەن يۈكسەك پەللىگە يەتكۈزۈلگەن بۇ ھەمكارلىقىمىز پەقەت تۈركىيە ۋە ئەزەربەيجانغا پايدا ئېلىپ كېلىپلا قالماي، رايوننىڭ ۋە ياۋروپانىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگىمۇ مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مارت ئېيىدا ئېچىلغان ئىغدىر-ناھچىۋان تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى مىسالى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

«بۇ لىنىيەنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى، ناھچىۋان رايونىنىڭ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىپ، بىزنى بىرلىكتە تېخىمۇ كۈچلۈك قىلدى» دېدى.

ئىستراتېگىيەلىك تۈرلەر

ئەردوغان، تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى توك ئۇلىنىشىنى كۈچەيتىشنىڭمۇ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە يەنە بىر تۈر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيە بىلەن ناھچىۋان ۋە تۈركىيە بىلەن گىرۇزىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇلىنىش ئىقتىدارىنىمۇ ئاشۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان:

«تۈركىيە-ئەزەربەيجان، گىرۇزىيە ۋە بۇلغارىيە ئوتتۇرىسىدا يېڭى بىر ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى  لىنىيەلىرىنى تۇتاشتۇرۇش مەقسىتىدە ‹يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى يەتكۈزۈش ۋە سودىسىغا دائىر ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى› ئىمزالىدۇق.» دېدى.

«رايونىمىزنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ۋە گۈللىنىشى نۇقتىسىدىن يەنە بىر تارىخىي قەدەم بولغان بۇ تۈرنىمۇ ئاللاھ خالىسا ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تاماملاشنى نىشان قىلىۋاتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئەردوغان ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يېڭى تەبىئىي گاز تۈرلىرى ئۈچۈن مۇھىم يوشۇرۇن كۈچ بارلىقىنى ئېيتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تۈركىيەگىمۇ، ياۋروپاغىمۇ كۆپ مىقداردا گاز يەتكۈزۈپ كېلىۋاتقان ئەزەربەيجاننىڭ، دۇنيا ئېنېرگىيە بازىرىدىكى بۇ ئىستراتېگىيەلىك رولىنىڭ، بولۇپمۇ بىز ھازىر تۇرۇۋاتقان ۋەزىيەتتە ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى»نى ئوتتۇرىغا قويدى.

«كەلگۈسى مەزگىلدە تۈركمەن گازىنى بارلىق تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ھالدا ئەزەربەيجان ۋە تۈركىيە ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىش مەسىلىسىدە ھەمكارلىقىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز ئۈچۈن مۇھىم پۇرسەت مەۋجۇت. بۇ تۈر تەمىنلەش يوللىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇشقىمۇ، رايوننىڭ گۈللىنىشىگىمۇ تۆھپە قوشىدۇ» دېدى.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن قورال سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
پۇتىن: كىيېۋ ھاكىمىيىتىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نىيىتى يوق
ترامپ شى جىنپىڭ بىلەن «ناھايىتى ئۈنۈملۈك» كۆرۈشۈش ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ياۋروپادىكى مائارىپ كىرىزىسى: PISA نەتىجىسى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى
جەنۇبىي ئافرىقادا ئۆتكەن 5 ھەپتە ئىچىدە 13 كىشى «M چېچىكى» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى
گۇگۇلنىڭ سۈنئىي ئەقىل مودېلى Gemini بىخەتەرلىك سىنىقى جەريانىدا شىركەت سىستېمىلىرىغا سىزىپ كىردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
رۇسىيە ياپونىيەدىن ئامېرىكانىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنى چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى
پاكىستاندىكى بىر ساقچىخانىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
فىلىپپىندا بىر مەكتەپتە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئالتە ئوقۇغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسكاندىناۋىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىسرائىلىيەگە ئۇچۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانىنى بىكار قىلدى
پاكىستاندا بىر جامە ئەتراپىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
قەھۋە پۇرىقىنىڭ كەيپىيات ۋە مېڭە دولقۇنلىرىنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقى ئىسپاتلاندى