سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
خىتاي پۇقرالىرىنى ئاگاھلاندۇردى
خىتاي ياپونىيە باش ۋەزىرىنىڭ تەيۋەن توقۇنۇشى ئېھتىمالى توغرىسىدا قىلغان سۆزلىرى سەۋەبىدىن، پۇقرالىرىنىڭ «چوڭ خەتەرلەرگە دۇچ كېلىشى» مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ياپونىيەگە ساياھەتكە بارماسلىقنى ئاگاھلاندۇردى.
خىتاي پۇقرالىرىنى ئاگاھلاندۇردى
بېيجىڭ جۈمە كۈنى ياپونىيە ئەلچىسىنى رەسمىي نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن مىنىستىرلىققا چاقىرتىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى. سۈرەت:رويتېرس. / Reuters

خىتاي يېڭى ياپونىيە باش ۋەزىرىنىڭ تەيۋەن توغرىسىدىكى سۆزلىرى سەۋەبىدىن يىرىكچىلىك كۈچەيگەچكە، پۇقرالىرىنى ياپونىيەگە ساياھەتكە بارماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

بۇ ئەھۋال، ياپونىيە باش ۋەزىرى سانائې تاكائىچى تەيۋەنگە قىلىنىش ئېھتىمالى بولغان ھۇجۇمنىڭ، ياپونىيەنىڭ ھەربىي جەھەتتىن ئارىلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا قىلغان باياناتى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن دىپلوماتىك يىرىكچىلىكنىڭ تېخىمۇ ئۇلغىيىشىغا تۈرتكە بولدى.

بۇ دىپلوماتىك كىرىزىس باش ۋەزىر سانائې تاكائىچىنىڭ 7-نويابىر (2025) دىكى سۆزىدىن كېيىن باشلاندى.

ياپونىيە باش ۋەزىرى تاكائىچى خىتاي ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى دەۋا قىلىۋاتقان ۋە ياپونىيەنىڭ ئەڭ يېقىن ئارىلىغا تەخمىنەن 100 كىلومېتىر كېلىدىغان، ھازىرغىچە ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلسا، توكيونىڭ ھەربىي جەھەتتىن ئارىلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

خىتاي جۈمە (14-نويابىر) كۈنى رەسمىي نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن بېيجىڭدىكى ياپونىيە باش ئەلچىسىنىڭ مىنىستىرلىققا چاقىرتىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

توكيومۇ توردا خىتاينىڭ مەزكۇر تالاش-تارتىشقا مۇناسىۋەتلىك «نامۇۋاپىق» بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆچۈرۈۋەتكەن باش ئەلچىسىنى  چاقىرتتى.

ياپونىيە تەيۋەن مەسىلىسىدىكى مەيدانىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

جۈمە كۈنى كەچتە، خىتاينىڭ ياپونىيەدىكى ئەلچىخانىسى تور بېتىدە خىتاي پۇقرالىرىنى ياپونىيەگە قىلىدىغان ساياھەت پىلانىنى قايتا ئويلاپ بېقىشقا چاقىرىپ، ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى.

خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى:

«يېقىندا، ياپونىيە رەھبەرلىرى تەيۋەن ھەققىدە ئوچۇق-ئاشكارا ئىغۋاگەرچىلىك خاراكتېرلىك باياناتلارنى ئېلان قىلدى. بۇ ئەھۋال خەلقلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ كەيپىياتىغا ئېغىر زىيان سالدى. بۇ ئەھۋال يەنە پاپونىيەدىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ھاياتى ئۈچۈن ئېغىر خەۋپ پەيدا قىلىدۇ. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ياپونىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى شۇنداقلا ھەر قايسى كونسۇلخانىلار جىددىي تۈردە پۇقرالارنىڭ ياپونىيەگە ساياھەتكە بارماسلىقىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ.»

بېيجىڭ 1945-يىلىغىچە ياپونىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدا تۇرغان تەيۋەننىڭ ئۆز زېمىنىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى، بۇ ئارالنى ئېلىش ئۈچۈن كۈچ ئىشلىتىشنى رەت قىلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ كەلمەكتە.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - China warns tourists, students to 'fully assess risks' before travelling to US
ئىزدىنىڭ
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ
خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدىكى يامغۇر ۋە سەل ئاپىتى سەۋەبىدىن 115 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي مەجبۇرىي كۆچۈرۈلدى
بۇلغارىيەدە دۇنا دەرياسىنىڭ سۇ سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن  پاراخوتلار ئۆتەلمەي ساقلىماقتا
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنىڭ تۇنجى «توماھاۋك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى
روسىيە: «ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»
سۈنئىي ئەقىل خاككېرلارغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بەرمەكتە: ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى
شىمالىي كورېيە ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى ئەيىبلىدى
ئامېرىكانىڭ غەربىي شىمالىدا 65 مىڭ كىشى ئۆيلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولدى
گۋاتېمالا فىئېگو  ۋولقانىنىڭ پارتلىشى سەۋەبىدىن جىددىي ھالەت ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
بۈگۈن دۆلەتلىك ھەربىي ئالىي كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھد شاھزادىسى سەلمان بىلەن كۆرۈشتى
ئىران پىرېزىدېنتى: زېمىن پۈتۈنلۈكىمىزنى قوغدايمىز، لېكىن ئۇرۇشنى كېڭەيتىش ئارزۇيىمىز يوق
ئىبراھىم قالىن ھاماس رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈپ غەززە تىنچلىق پىلانىنى مۇزاكىرە قىلدى