سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئەلىبابا «پۇل-مۇئامىلە ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىنى رەت قىلدى
ئەلىبابا شىركىتى (Alibaba)،خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ئامېرىكا نىشانلىرىغا ھۇجۇم قىلىشىغا ياردەم بەرگەنلىكىنى رەت قىلدى.
ئەلىبابا «پۇل-مۇئامىلە ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىنى رەت قىلدى
بېيجىڭدىكى خەلقئارا تەمىنلەش زەنجىرى كۆرگەزمىسىدە، بىر ئادەم ئەلىبابا شىركىتىنىڭ بەلگىسىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ. 2025-يىلى 16-ئىيۇل. / Reuters
2025-يىلى11-ئاينىڭ15-كۈنى

ئەلىبابا شىركىتى «پۇل-مۇئامىلە ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىنى «پۈتۈنلەي يالغان» دەپ رەت قىلدى ۋە بۇ خەۋەرگە مەنبە كۆرسىتىلگەن ئاقساراي ھۆججىتىنى، «يامان غەرەزلىك جامائەتچىلىكنى قايمۇقتۇرۇش ھەرىكىتى» دېدى.

خىتاينىڭ تېخنىكا گىگانت شىركىتى ئەلىبابا (Alibaba)، بېيجىڭنىڭ ئامېرىكانى ھۇجۇم نىشانى قىلىشىغا ياردەم قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى. شىركەت شەنبە (15-نويابىر) كۈنى فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، يېقىنقى مەزگىلدىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرى «پۈتۈنلەي يالغان» دېدى.

«پۇل-مۇئامىلە ۋاقتى گېزىتى» شەنبە كۈنى ئەتىگەن ئاقساراينىڭ گېزىتكە بەرگەن باياناتىغا ئاساسەن، ئەلىبابا شىركىتىنىڭ «ئامېرىكا نىشانلىرىغا قارشى خىتاي ئارمىيەسىنىڭ <ھەرىكىتى> گە تېخنىكىلىق ياردەم قىلغانلىقى» نى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ئەلىبابا شىركىتىنىڭ «IP»  ئادرېسلىرى، سىمسىز تور ئۇچۇرلىرى ۋە پۇل تۆلەش خاتىرىسى قاتارلىق خېرىدارلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى خىتاي دائىرىلىرىگە ۋە خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىگە بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

«پۇل-مۇئامىلە ۋاقتى گېزىتى» ئاقساراينىڭ بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ئامېرىكا خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ دەۋالارنى مۇستەقىل دەلىللىيەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

 

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - US, China resume trade talks in Malaysia ahead of Trump's meeting with Xi

ئەلىبابا گۇرۇھىنىڭ باياناتچىسى فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا: «خەۋەردىكى قاراشلار ۋە ئىشارەتلەر پۈتۈنلەي خاتا» دېدى.

خىتاينىڭ خاڭجۇ شەھىرىگە جايلاشقان بۇ شىركەت بۇ خەۋەرنى «يېقىندىن پىرېزىدېنت ترامپنىڭ خىتاي بىلەن تۈزگەن سودا كېلىشىمىگە بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى بولغان خائىن بىر كۈچنىڭ ئوچۇقتىن-ئوچۇق باشلىغان يامان غەرەزلىك خەلق ئاممىسىنى قايمۇقتۇرۇش ھەرىكىتى» دەپ ئاتىدى.

بۇ تالاش-تارتىش تېخنولوگىيە ئۈستۈنلۈكى ئۈچۈن رىقابەتلىشىۋاتقان بېيجىڭ بىلەن ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدىكى گۇمانلارنى ئاشكارىلاپ قويدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ يانۋاردا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان، خىتاي بىلەن بولغان قاتتىق سودا ئۇرۇشىنى قايتىدىن قوزغىدى. بىر نەچچە ئايلىق ئۆز ئارا تاموژنا بېجى ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرىدا ترامپ بىلەن شى جىنپىڭ بىر يىللىق ئۇرۇش توختىتىشقا قوشۇلدى.

خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسىمۇ بۇ خەۋەردە تىلغا ئېلىنغان باياناتلارنى رەت قىلدى. لىيۇ پېڭيۈ ئېكس (X) بېتىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «خىتاي ھۆكۈمىتى ... ھەرگىزمۇ يەرلىك قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلىپ، چەت ئەللەردە تۇرۇشلۇق سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاش ياكى ساقلش توغرىسىدا شىركەت ياكى شەخسلەردىن تەلەپ قىلمايدۇ» دېدى.

بۇ خەۋەر ۋاشىنگتوندا خىتاينىڭ جاسۇسلۇق مەقسىتىدە ئىلغار تېخنىكىنى ئىشلىتىش يوشۇرۇن كۈچىگە بولغان ئەندىشىلەرگە يەنە بىر يېڭى بىر ئەندىشە قوشتى.

پەيشەنبە (13-نويابىر) كۈنى كالىفورنىيەگە جايلاشقان سۈنئىي ئەقىل شىركىتى ئانتروپىك (Anthropic)، ئاساسەن سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى قېتىملىق دەلىللەنگەن تور جاسۇسلۇقى دەپ ئاتالغان ھەرىكەتنى بايقاپ، ئالدىنى ئالغنلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئانتروپىك بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ GTG-1002 دەپ ئاتالغان «خىتاي دۆلىتى قوللايدىغان بىر گۇرۇپپا» غا ئائىت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى .

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن جۈمە (14-نويابىر) كۈنىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بۇ خەۋەر توغرىسىدا سوئال سورالغاندا، «تەپسىلاتلارنى ئېنىق بىلمەيدىغانلىقى» نى ئېيتىپ، بېيجىڭنىڭ كومپيۇتېر جاسۇسلۇقى ھەرىكەتلىرىگە داۋاملىق قارشى تۇرۇپ كەلگەنلىكىنى سۆزلىرىگە قوشۇپ قويدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئالەم قاتنىشى ھەمكارلىق تەشكىلاتى كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى
تۈركىيە ئەسەد ئاغدۇرۇلغانلىقىنىڭ بىرىنچى خاتىرە يىلىدا سۈرىيەنىڭ «ھۈررىيەت كۈنى»نى تەبرىكلىدى
نېتانياھۇ: ئىسرائىلىيە ئىشغال قىلغان سۈرىيە تۇپراقلىرىدىن چېكىنمەيدۇ
خاقان فىدان: «تۈركىيە غەززەدە تىنچلىق تىرىشچانلىقلىرىنى قوللاش ئۈچۈن ھەر قانداق ئىشنى قىلىشقا تەييار
جەنۇبىي ئافرىقادىكى بىر قاۋاقخانىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 11 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
پاكىستان ۋە ئافغانىستان ئوتتۇرىسىدا يەنە بىر قېتىم شىددەتلىك چېگرا توقۇنۇشى يۈز بەردى
ھاماس: «غەززەدە ئىشغالىيەت ئاخىرلاشسا، قورال تاشلاشقا تەييارمىز» دېدى
سۈرىيە خەلقى ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىنىڭ بىرىنچى يىلىنى  قىزغىن تەبرىكلىمەكتە
ئامېرىكا جەنۇبىي كورېيەگە قورال سېتىپ بېرىدۇ
كانادا سۈرىيەنى تېررورىزمغا ھامىيلىق قىلغۇچى دۆلەتلەر تىزىملىكىدىن چىقىرىۋەتتى
غەززەدە خەلقئارالىق ئورگان يېڭى يىلدىن ئىلگىرى ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن
تەيۋەن: خىتاي «ھەربىي ھەرىكەتلەر»نى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرماقتا
ھىندىستان بىتەرەپ ئەمەس
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىدان 23-نۆۋەتلىك دوھا مۇنبىرىگە قاتنىشىدۇ
ئىسىرائىلىيە يېڭى يىللىق مۇداپىئە خامچوتىنى كۆپەيتتى