تۈركىيە ۋە باشقا يەتتە دۆلەت ترامپنىڭ «تىنچلىق كېڭىشى» تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر، ئىيوردانىيە، ھىندونېزىيە، پاكىستان، قاتار ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ترامپنىڭ «تىنچلىق كېڭىشى»گە قاتناشتى.
سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئورتاق باياناتتا، سەئۇدى ئەرەبىستان، تۈركىيە، مىسىر، ئىيوردانىيە، ھىندونېزىيە، پاكىستان، قاتار ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ «تىنچلىق ھەيئىتى» (Board of Peace)گە قاتنىشىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ھەر بىر دۆلەتنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قانۇنىي تەرتىپلىرىگە ئۇيغۇر ھالدا قاتنىشىش ھۆججەتلىرىگە ئىمزا قويىدىغانلىقى ئىپادىلەندى. ترامپ يەر شارى خاراكتېرلىك توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلغان بۇ تەشەببۇسقا قاتنىشىش ئۈچۈن ئونلىغان دۆلەت رەھبەرلىرىگە تەكلىپ ئەۋەتكەن ئىدى.
بۇ ھەيئەتنىڭ قۇرۇلۇشى، 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان 71 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە ۋە 171 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولغان ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ئۇرۇشىنى توختىتىشنى مەقسەت قىلغان ئوق چىقىرىشنى توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى باشلانغان مەزگىلگە توغرا كەلدى.
«تىنچلىق ھەيئىتى»
ئاقساراي جۈمە كۈنى كەچتە تىنچلىق ھەيئىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى؛ غەززەدىكى ئۆتۈش باسقۇچىنى باشقۇرۇش ئۈچۈن بېكىتىلگەن تۆت قۇرۇلمىنىڭ بىرى بولغان غەززە باشقۇرۇش دۆلەتلىك كومىتېتىنىڭ تەستىقلانغانلىقىنى جاكارلىدى.
رەئىسلىكىنى ترامپ ئۆز ئۈستىگە ئالغان ۋە تەركىبىدە تەخمىنەن 15 دۆلەت رەھبىرى بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن ھەيئەت، تېخى قۇرۇلمىغان پەلەستىن تېخنوكراتلار ھۆكۈمىتىنى نازارەت قىلىدۇ ۋە غەززەدىكى قايتا قۇرۇش مۇساپىسىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
ھەيئەتكە قاتنىشىشى مۆلچەرلىنىۋاتقان دۆلەتلەر ئارىسىدا ئەنگلىيە، گېرمانىيە، فرانسىيە ۋە ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ بار. ب د ت نىڭ سابىق ئوتتۇرا شەرق ۋەكىلى نىكولاي ملادېنوفنىڭ تىنچلىق ھەيئىتىنىڭ نەق مەيدان ۋەكىلى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتىشى مۇمكىنلىكى قەيت قىلىندى.
بۇ تەشەببۇس ترامپ تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە 2025-يىلى نويابىردا 2803-نومۇرلۇق قارار بىلەن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان 20 ماددىلىق پىلاننىڭ بىر قىسمىدۇر.