خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
FBI چارلىي كىركنىڭ قاتىل گۇماندارىنىڭ سىن كۆرۈنۈشلىرىنى ئېلان قىلدى
ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) چارلىي كىركنىڭ قاتىل گۇماندارىنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىن قېچىپ كېتىۋاتقان ۋاقتىدىكى سىن كۆرۈنۈشلىرىنى ئېلان قىلدى.
FBI چارلىي كىركنىڭ قاتىل گۇماندارىنىڭ سىن كۆرۈنۈشلىرىنى ئېلان قىلدى
/ Reuters

ئالاقىدار تارماقلار گۇماندارنىڭ «ئۆزگىچە» ئالاھىدىلىكلىرىگە دىققەت قىلىش بىلەن بىرگە، ئاختۇرۇش-تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنى كۈچەيتتى. ئۇچۇر بەرگۈچىلەرگە 100 مىڭ دوللار مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقى ۋەدە قىلىندى.

ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئامېرىكالىق مۇھاپىزىكار پائالىيەتچى چارلىي كىركنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قوراللىق ھۇجۇمنىڭ گۇماندارىغا ئائىت يېڭى سىن كۆرۈنۈشلىرىنى ئېلان قىلدى. كۆرۈنۈشلەردە گۇماندارنىڭ بىر بىنانىڭ ئۆگزىسى ئۈستىدە يۈگۈرۈپ، بىر چەتتىن تۆۋەنگە چۈشۈپ، ئەتراپتىكى ئورمانلىقتا غايىب بولغانلىقى كۆرۈلىدۇ.

ئالاقىدار تارماقلار «ئالىي مەكتەپ يېشىدا كۆرۈنىدۇ» دەپ بايان قىلغان گۇماندارنىڭ ئامېرىكا بايرىقى بېسىلغان قارا رەڭلىك مايكا ۋە كونۋېرس كەشى كىيگەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇ تەپسىلاتلار گۇماندارنڭ «ئۆزگىچە» ئالاھىدىلىكلىرى قاتارىدا تەسۋىرلەندى.

ساقچىلار ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ يېقىن دوستى بولغان چارلىي كىركنىڭ چارشەنبە كۈنى ئۇتاھ ۋاللېي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىن ئېلىنغان DNA ئەۋرىشكىلىرىنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى. تەپتىشلەر گۇماندار تۇتۇلغاندا ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى تەلەپ قىلىشقا تەييارلانماقتا.

تەكشۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئەترەتلەر، مەكتەپ قورۇسىغا يېقىن جايدىكى ئورمانلىقتىن يۇقىرى كالىبىرلىق بىر مىلتىقنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى دەلىللىدى. يەرلىك تاراتقۇلارغا مەلۇمات بەرگەن مەنبەلەر بولسا، ساقچىلارنىڭ «مۇناسىۋەتلىك كىشىنى» ئېنىقلاپ چىققانلىقىنى، لېكىن ئۇنىڭ تېخىچە قولغا چۈشۈرۈلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى گۇماندارنىڭ قولغا چۈشۈرۈلۈشىگە ياردەم بېرىدىغان ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرگە 100 مىڭ دوللار مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلماقتا.

ھۇجۇمدىن كېيىنلا ساقچىلارنىڭ تېلېفوندا خەۋەرلىشىش ئۇچۇرلىرىمۇ ئېلان قىلىندى. تەكشۈرگۈچىلەر گۇماندارغا ئائىت سۈرەتلەرنى تەكشۈرۈپ، يېڭى يىپ ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىشكە تىرىشماقتا.

Turning Point USA نىڭ 31 ياشلىق قۇرغۇچىسى كىركنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى سىياسىي دائىرىدىكى ھەرقايسى گۇرۇھلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى.

ئىزدىنىڭ
قازاقىستاندا بىر پارلامېنتلىق قۇرۇلتاي سايلىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى
ئامېرىكا سوتى 75 دۆلەتكە قويۇلغان كۆچمەنلىك ۋىزىسى چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ جەنۇبىغا يەنە بىر قېتىم بېسىپ كىردى
رۇسىيەنىڭ «Ozon» شىركىتىگە تەۋە ئۈچ ئامبار ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
بېسېنت: ئىران مەسىلىسىدە ئاخىرقى باسقۇچقا كىردۇق
ئىراق ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورتاق بىخەتەرلىك كېڭىشى قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى
سۈرىيە ۋە ئىسرائىلىيە ھەيئەتلىرى ئامېرىكانىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە كۆرۈشتى
ئامېرىكا بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدا باج كىرىزىسى يۈز بەردى، ترامپ كانادا ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 73 مىڭ 419 غا ئۆرلىدى
ئامېرىكا ب د ت غا بولغان 5 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق قەرزىنىڭ بىر قىسمىنى تۆلەشنى پىلانلىماقتا
نېتانياھۇ سىياسىي سايلامنى كېچىكتۈرۈش ئۈچۈن جىددىيچىلىكنى ئاشۇرىشى مۇمكىن
پېزەشكىيان: ئىران "نە ئۇرۇش، نەتىنچلىق" ۋەزىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى خالايدۇ، يول قويۇشنى رەت قىلىدۇ
نېتانياھۇ: باش مىنىستىلىق مۇددىتىم بويىچە پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت بەرمەيمەن
تورنىڭ سۇلتانلىرى ياۋروپا ئالىي دەرىجىلىك مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى مۇسابىقىسىگە چۈشىدۇ
پاكىستان ۋە مالايسىيا بىخەتەرلىك ساھەسىدە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كېلىشتى