تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
«تۈركىيە ئەسىرىدە مەبلەغ سېلىش ۋە مالىيە» ناملىق كىتاب نەشىر قىلىندى
ئۇچۇر-ئالاقە باشقارمىسى بىلەن جۇمھۇر رەئىسلىك مەبلەغ سېلىش ۋە مالىيە ئىشخانىسىنىڭ ھەمكارلىقىدا «تۈركىيە ئەسىرىدە مەبلەغ سېلىش ۋە مالىيە» ناملىق كىتاب تەييارلاندى.
«تۈركىيە ئەسىرىدە مەبلەغ سېلىش ۋە مالىيە» ناملىق كىتاب نەشىر قىلىندى
«تۈركىيە ئەسىرىدە مەبلەغ سېلىش ۋە مالىيە» ناملىق كىتاب نەشىر قىلىندى

ئۇچۇر-ئالاقە باشقارمىسىنىڭ ئېلان قىلىنغان باياناتىغا ئاساسلانغاندا، جۇمھۇر رەئىسلىك مەبلەغ سېلىش ۋە مالىيە ئىشخانىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نەشىر قىلىنغان بۇ ئەسەر، تۈركىيەنىڭ 2014-2025-يىللىرى ئارىسىدىكى مەبلەغ سېلىش ۋە مالىيە مۇساپىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 2014-2025-يىللىرىدا مەبلەغ سېلىش ۋە مالىيە نۇقتىسىدا قىلغان نۇتۇقلىرى توپلانغان بۇ ئەسەر، تۈركىيەنىڭ ئاخىرقى چارەك ئەسىردە قولغا كەلتۈرگەن ئىقتىسادىي ئۆزگىرىشلىرىنى، ئۆسۈش ھەرىكەتلىرىنى ۋە تەرەققىي قىلىش كۆز قاراشلىرىنى ئەتراپلىق باھالاپ چىقىدۇ. تۈركىيەنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مەبلەغ سېلىش، ئىشلەپچىقىرىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئېكسپورتنى مەركەز قىلغان ئىقتىسادىي ئۆزگىرىشىنىڭ پىكىر ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئوتتۇرىغا قويغان بۇ ئەسەرنىڭ مۇقەددىمىسىنى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۆز قولى بىلەن يازغان.

تۈركىيەنىڭ مەبلەغ سېلىش نىشانىنى، سىياسەتتىكى ئالدىنقى سېپىنى ۋە يەر شارى ئىقتىسادىدىكى تېگىشلىك ئورنىنى ئەتراپلىق بىر مەنبە خاراكتېرىگە ئىگە بولغان بۇ ئەمگەك، جەمئىي 530 بەتتىن تەشكىل تاپقان.

تۈركىيەنىڭ ئۆزگىرىش مۇساپىسىنى خاتىرىگە ئالماقتا

بۇ ئەمگەك تۈركىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى، سودا مۇناسىۋەتلىرىنى، مالىيە كۆز قارىشىنى ۋە يەر شارى ئىقتىسادىدىكى رولىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، ئىسلاھاتلار، ئۇل ئەسلىھە مەبلەغلىرى، ئىنسان كۈچى ۋە بىۋاسىتە چەتئەل مەبلىغىنىڭ كۆرسەتكۈچلىرى ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ رىقابەتكە تولغان ھەمدە ئىشەنچلىك بىر مەبلەغ سېلىش مەركىزىگە ئايلىنىش جەريانىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

تۈركچىدىن تاشقىرى يەنە ئىنگلىز تىلىدىمۇ تەييارلانغان بۇ ئەسەر، تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئۆسۈشىنى، چىدامچانلىقىنى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەرەققىيات نىشانلىرىنى دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە يەتكۈزىدۇ. كىتابتا، تۈركىيەنىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتىدىن مالىيەۋى چوڭقۇرلىشىش نىشانلىرىغىچە، ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېكسپورت ئىقتىدارىدىن يەر شارى ئىقتىسادىدىكى ئورنىغىچە بولغان كەڭ بىر كۆز قاراش، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئىقتىسادقا ئائىت سۆزلىرى ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇلىدۇ.

تۈركىيەنىڭ ئۆزگىرىش مۇساپىسىنى رەسمىي خاتىرىگە ئالغان بۇ كىتاب، شۇنىڭ بىلەن بىرگە تۈركىيە ئەسىرى نىشانى يۆنىلىشىدە كەلگۈسى مەزگىلنىڭ مەبلەغ سېلىش ۋە مالىيە چۈشەنچىسىنىمۇ ئايدىلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. كىتابقا «https://yayinlar.iletisim.gov.tr/detay/turkiye-yuzyilinda-yatirim-ve-finans» تور ئادرېسىدىن ئېرىشىشكە بولىدۇ.

ئىزدىنىڭ
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»