سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مارتېن لۇتېر كىڭ سۇيىقەستىگە ئائىت 230 مىڭ بەتلىك مەخپىي ھۆججەتنى ئاشكارىلىدى
ئاشكارىلانغان مەزكۇر ھۆججەتلەردە فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈشى, يوشۇرۇن يىپ ئۇچلىرى ۋە دېلوغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇنلىغان خاتىرىلەرنىڭ تەپسىلاتلىرى ئورۇن ئالغان.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مارتېن لۇتېر كىڭ سۇيىقەستىگە ئائىت 230 مىڭ بەتلىك مەخپىي ھۆججەتنى ئاشكارىلىدى
/ AP

ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى تۇلسى گاببارد، دوكتور مارتېن لۇتېر كىڭ (MLK) نىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلۈشىگە مۇناسىۋەتلىك 230 مىڭ بەتتىن ئارتۇق ھۆججەتنىڭ ئاممىغا ئاشكارىلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

گاببارد دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ ھۆججەتلەرنىڭ فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ مەزكۇر قەستلەپ ئۆلتۈرۈش دېلوسىغا دائىر تەكشۈرۈش تەپسىلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، ھۆججەتلەردە «يوشۇرۇن يىپ ئۇچلىرىغا ئائىت مۇزاكىرىلەر، دېلونىڭ ئىلگىرىلەش جەريانىنى تەپسىلىي بايان قىلىدىغان فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئىچكى خاتىرىلىرى، جېيمىس ئېرل رېينىڭ سابىق كامېرداشلىرىنىڭ رېي بىلەن بىر سۇيىقەست پىلانىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلار ۋە باشقا نۇرغۇن مەزمۇنلارنىڭ بارلىقى»نى قوشۇمچە قىلدى.

گاببارد ئامېرىكا خەلقىنىڭ بۇ تەكشۈرۈشنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن 60 يىلغا يېقىن ۋاقىت كۈتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

«پىرېزىدېنت ترامپنىڭ رەھبەرلىكىدە، دۆلەت تارىخىمىزدىكى بۇ بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك پاجىئەگە مۇناسىۋەتلىك ھەقىقەتنىڭ تولۇق ئاشكارىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھېچقانداق تەپسىلاتنى نەزەردىن ساقىت قىلمىدۇق. كىڭ ئائىلىسىنىڭ قوللىغانلىقىغا چىن يۈرىكىمدىن تەشەككۈر ئېيتىمەن» دېدى گاببارد.

مارتېن لۇتېر كىڭنىڭ جىيەنى ئالۋېدا كىڭ، ھۆججەتلەرنى ئاشكارىلاش ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقى ئۈچۈن پىرېزىدېنت ترامپ ۋە گابباردقا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «تاغام ھەقىقەت ۋە ئادالەت ئۈچۈن باتۇرلۇق بىلەن ياشاپ ئۆتتى. ئۇنىڭ ئېتىقاد بىلەن سۇغۇرۇلغان مەڭگۈلۈك مىراسى بۈگۈنمۇ ئامېرىكالىقلارغا ئىلھام بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. گەرچە بىز ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە ھېلىھەم قايغۇرۇۋاتقان بولساقمۇ، بۇ ھۆججەتلەرنىڭ مەخپىيەتلىكتىن چىقىرىلىپ ئاشكارىلىنىشى، ئامېرىكا خەلقى ئېرىشىشكە تېگىشلىك بولغان ھەقىقەتكە قاراپ بېسىلغان تارىخىي قەدەمدۇر.»

«تارىخىي قەدەم»

ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI)، مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (CIA)  ۋە دۆلەتلىك ئارخىپ ئىدارىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بېرىلغان بۇ ھۆججەت ئاشكارىلاش خىزمىتى، پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ مارتېن لۇتېر كىڭ، سابىق پىرېزىدېنت جون كېننىدى (JFK) ۋە كېڭەش پالاتا ئەزاسى روبېرت كېننىدى (RFK) قاتارلىقلارنىڭ قەستلىنىش دېلولىرىغا مۇناسىۋەتلىك ھەقىقەتنىڭ تولۇق ئاشكارىلىنىشىنى نىشان قىلغان پىرېزىدېنت پەرمانىغا ئاساسەن ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى.

مارتېن لۇتېر كىڭ كىچىك 1968-يىلى 4-ئاپرېل كۈنى، تېننېسسى ئىشتاتىنىڭ مەمفىس شەھىرىدىكى لوررېين مېھمانخانىسىنىڭ بالكوندا قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ، 39 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەنىدى. قەستلەش ۋەقەسىنى ئۆز بوينىغا ئالغان جېيمىس ئېرل رېي 99 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ۋەقەگە دائىر گۇمان-شۈبھىلەر ۋە سۇيىقەست نەزەرىيەلىرى ھازىرغىچە كۈنتەرتىپتىكى قىزىق نۇقتىسىنى يوقاتقىنى يوق.

ئەدلىيە مىنىستىرى پام بوندى ئۆز نۆۋىتىدە، «مىللىتىمىزنىڭ بۇ ئۇلۇغ داھىيسىنىڭ ۋەھشىيلەرچە قەستلىنىشىدىن نەچچە ئون يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئامېرىكا خەلقىنىڭ ھەقىقەتنى بىلىشكە ھەقلىق ئىكەنلىكىنى» تەكىتلىدى.

مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جون راتكلىف، بۇ ھۆججەتلەرنىڭ ئاشكارىلىنىشىنىڭ ئامېرىكا خەلقىگە «ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى ئاشكارىلىق» بىلەن تەمىنلەش يولىدا، ئۆز ئىدارىسى ئۈچۈن بىر «مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسى» ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
ئىران ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتلەرگە قايتىش ئۈچۈن شەرتلىرىنى ۋاسىتىچىلەرگە يەتكۈزدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 4 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
پەلەستىن تەرەپدارى نامايىشچىلار فىلادېلفىيەدىكى ئېد شېران كونسېرتىغا قارشى نامايىش قىلدى
سابىق چىلى پرېزىدېنتى باچېلېت ب د ت باش كاتىپلىق نامزاتلىقىدىن چېكىندى
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن خەۋپسىزلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
پاكىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 31 گە يەتتى
ئامېرىكا ئۇكرائىنا ئۈچۈن 2 مىليارد 680 مىليون دوللارلىق ھاۋا مۇداپىئە ياردەم لايىھەسىنى تەستىقلىدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلغان  كېمىگە زەربە بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 81 - نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ئۈچۈن ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان غازىلار بايرىمىنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى
غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ئوقۇش قايتا باشلاندى
تېھران - ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدىكى خەلقئارالىق دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار ۋە مۇرەسسەچىلىك داۋاملاشماقتا
ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن قورال سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
پۇتىن: كىيېۋ ھاكىمىيىتىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نىيىتى يوق
ترامپ شى جىنپىڭ بىلەن «ناھايىتى ئۈنۈملۈك» كۆرۈشۈش ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى