ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
ئاۋىستىرالىيەدە 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان مۇسۇلمانلارغا قارشى ۋەقەلەر شىددەت بىلەن كۆپىيىپ كەتتى
بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان دوكلاتقا قارىغاندا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ تەخمىنەن 75 پىرسەنتىنى ئاياللار ۋە قىز بالىلار تەشكىل قىلىدىكەن، جاۋابكارلارنىڭ كۆپىنچىسى بولسا مۇسۇلمان بولمىغان ئەرلەر ئىكەن.
ئاۋىستىرالىيەدە 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان مۇسۇلمانلارغا قارشى ۋەقەلەر شىددەت بىلەن كۆپىيىپ كەتتى
/ TRT World

2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردە ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان مۇسۇلمانلارغا قارشى ۋەقەلەردە « شىددەت بىلەن كۆپىيىش» كۆرۈلگەن  بولۇپ، ئاياللار ۋە قىز بالىلار ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە نىشان قىلىنغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئىسلام دۈشمەنلىكىنى خاتىرىلەش مەركىزى ئاۋىستىرالىيە شۆبىسىنىڭ مۇدىرى نورا ئەمەت، ئاياللار ۋە قىز بالىلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ تەخمىنەن 75 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى، جاۋابكارلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ بولسا مۇسۇلمان بولمىغان ئەرلەر ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

ئەمەت گېئوسىياسىي ۋەقەلەرنىڭ ئاۋىستىرالىيەدە ئىسلام دۈشمەنلىكىگە سەۋەبچى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇنىڭ بىردىنبىر ئامىل ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن:

 «بىزگە مەلۇم قىلىنغان ۋەقەلەرنىڭ كۆپىيىشى ياكى ئازىيىشىدا سىياسىي باياناتلار ناھايىتى زور رول ئوينايدۇ.

بىزنىڭ كۆزدە تۇتۇۋاتقىنىمىز مىڭلىغان ۋەقەلەردۇر. ياغلىق چېگىدىغان نۇرغۇن مۇسۇلمان ئاياللار ئۈچۈن ئىسلام دۈشمەنلىكى ۋەقەلىرى ئاۋىستىرالىيەدە مۇسۇلمان بولۇشنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ئادەمنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ.»

مارت ئېيىدا ئاۋىستىرالىيەدىكى ئىسلام دۈشمەنلىكى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان بىر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2023-يىلى يانۋاردىن 2024-يىلى نويابىرغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىسلام دۈشمەنلىكىنى خاتىرىلەش مەركىزىگە كەلگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ھۇجۇم، ھاقارەت ۋە تەھدىتلەر كۆرۈنەرلىك ئاشقان.

موناش ۋە دېياكىن ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى 600 دىن ئارتۇق يۈزتۇرانە ۋە توردا يۈز بەرگەن ۋەقەنى ئانالىز قىلىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ مۇسۇلمان ئاياللار ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققان.

2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشىدا كەم دېگەندە 59 مىڭ 821 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى.

 ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 18-مارت غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىنى قايتا باشلىدى ۋە شۇ ۋاقىتتىن بۇيان 8657 كىشىنى ئۆلتۈردى، 32 مىڭ 810 كىشىنى يارىلاندۇردى. بۇ ھۇجۇملار يانۋاردا ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان ھاماس بىلەن بولغان ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنى ئەمەلىيەتتە ئاخىرلاشتۇردى.

ئۆتكەن يىلى نويابىردا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ۋە سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوئاۋ گاللانت ئۈستىدىن غەززەدىكى ئۇرۇش جىنايەتلىرى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر سەۋەبىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان ئىدى.

ئىسرائىلىيە يەنە بۇ رايونغا قاراتقان ئۇرۇشى سەۋەبىدىن خەلقئارا ئەدلىيە سوت مەھكىمىسىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەۋاسىغا دۇچ كەلمەكتە.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ
خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدىكى يامغۇر ۋە سەل ئاپىتى سەۋەبىدىن 115 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي مەجبۇرىي كۆچۈرۈلدى
بۇلغارىيەدە دۇنا دەرياسىنىڭ سۇ سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن  پاراخوتلار ئۆتەلمەي ساقلىماقتا
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنىڭ تۇنجى «توماھاۋك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى
روسىيە: «ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»
سۈنئىي ئەقىل خاككېرلارغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بەرمەكتە: ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى
شىمالىي كورېيە ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى ئەيىبلىدى
ئامېرىكانىڭ غەربىي شىمالىدا 65 مىڭ كىشى ئۆيلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولدى
گۋاتېمالا فىئېگو  ۋولقانىنىڭ پارتلىشى سەۋەبىدىن جىددىي ھالەت ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
بۈگۈن دۆلەتلىك ھەربىي ئالىي كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھد شاھزادىسى سەلمان بىلەن كۆرۈشتى
ئىران پىرېزىدېنتى: زېمىن پۈتۈنلۈكىمىزنى قوغدايمىز، لېكىن ئۇرۇشنى كېڭەيتىش ئارزۇيىمىز يوق
ئىبراھىم قالىن ھاماس رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈپ غەززە تىنچلىق پىلانىنى مۇزاكىرە قىلدى