سۇنگاي پەرتەك شارقىراتمىسى ئەتراپىدىكى لاتا جېبۇس رايونىدا تۈنۈگۈن كەلكۈن يۈز بەردى.
كەلكۈندە 5 كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلدى. يوقاپ كەتكەن 3 كىشىنى تېپىش ئۈچۈن ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى كېڭەيتىلگەن ھالدا داۋاملاشماقتا.
كەلكۈندە ئېقىپ كەتكەن 8 كىشىدىن 1 ىنىڭ يەمەن، 1 ىنىڭ مالايشىيا، 1 ىنىڭ سىرىلانكا، 1 ىنىڭ نېپال، 4 ىنىڭ ھىندىستان پۇقراسى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىگە ئوت ئۆچۈرۈش، پۇقرالار قوغدىنىش، ساقچى ۋە پىدائىيلار ئەترەتلىرىدىن بولۇپ جەمئىي 80 دىن ئارتۇق خادىم بىلەن ئىككى تاغ يېتەكچىسى قاتناشتى.




















