خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
خىتاي كابۇل ھۇجۇمىدىن كېيىن پاكىستان ۋە ئافغانىستاننى تەمكىن بولۇشقا چاقىردى
خىتاي دائىرىلىرى، ئافغانىستاننىڭ پاكىستاننى ئۆز زېمىنىدا ھۇجۇم قوزغىدى دەپ ئەيىبلىشىدىن كېيىن، تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈش چاقىرىقىدا بولدى.
خىتاي كابۇل ھۇجۇمىدىن كېيىن پاكىستان ۋە ئافغانىستاننى تەمكىن بولۇشقا چاقىردى
خىتاي كابۇل ھۇجۇمىدىن كېيىن پاكىستان ۋە ئافغانىستاننى تەمكىن بولۇشقا چاقىردى / Reuters

خىتاي سەيشەنبە كۈنى ئافغانىستاننىڭ پاكىستاننى پايتەخت كابۇلدا ئادەم ئۆلۈش ھادىسىسى كۆرۈلگەن ھاۋا ھۇجۇملىرى ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلىشىدىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنى تەمكىن بولۇشقا ۋە دىيالوگنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە چاقىردى.

ئافغانىستان ھۆكۈمىتى، پاكىستاننىڭ ھاۋا ھۇجۇمى جەريانىدا دۈشەنبە كۈنى كەچ سائەت 21:00 ئەتراپىدا كابۇلدىكى 2000 كارىۋاتلىق «ئۇمىد» زەھەر تاشلاش شىپاخانىسىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى ۋە ئاز دېگەندە 400 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

پاكىستان بولسا بۇ ئەيىبلەشنى رەت قىلىپ، كابۇل ۋە شەرقتىكى نانگارھار ۋىلايىتىگە جايلاشقان ئافغانىستان ھەربىي ئەسلىھەلىرى ۋە ئوق-دورا ئىسكىلاتلىرىنى نىشانلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئافغانىستان ۋە پاكىستاننىڭ بۇ دەۋالىرى مۇستەقىل مەنبەلەردىن دەلىللەش مۇمكىن بولمىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن جىددىيچىلىكنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، بېيجىڭنىڭ ھەر ئىككى تەرەپنىڭ تېخىمۇ كۆپ توقۇنۇشتىن ساقلىنىشىنى ۋە دىيالوگنى داۋاملاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

توقۇنۇش ئەمەس، دىيالوگ

لىن جيەن بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا: «ئافغانىستان بىلەن پاكىستان ھەمىشە قوشنا بولۇپ كەلگەن ۋە شۇنداق بولۇپ قالىدۇ. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر ئۈنۈملۈك يولى دىيالوگ ۋە سۆھبەتتۇر» دېدى.

خىتاي باياناتچىسى يەنە: «خىتاي ئىككى دۆلەتنىڭ سوغۇققان بولۇشىنى، تەمكىنلىك كۆرسىتىشىنى ۋە پىكىر ئىختىلاپلىرىنى دىيالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يۈزمۇيۈز كۆرۈشۈشنى باشلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ» دەپ ئەسكەرتتى.

خىتاينىڭ ھەر ئىككى تەرەپنى رايوندىكى خىتاي خادىملىرى، ئورگانلىرى ۋە تۈرلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرغانلىقىنى تىلغا ئالغان لىن جيەن، بېيجىڭنىڭ جىددىيچىلىكنى پەسەيتىشكە ياردەم بېرىش ئۈچۈن تىرىشچانلىقىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئافغانىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر، چېگرا جىددىيچىلىكىنىڭ كۈچىيىپ، ئادەم ئۆلۈش ۋە ماددىي زىيانلارنىڭ كۆرۈلۈشى بىلەن، ئاخىرقى بىر نەچچە ھەپتىدە تېخىمۇ يامانلاشتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Pakistan strikes Kandahar as cross-border conflict with Afghanistan escalates

ئۆلۈم خەۋپى ئېلىپ كەلگەن چېگرا توقۇنۇشلىرى

فېۋرالنىڭ ئاخىرىدىن بۇيان يۈز بەرگەن چېگرادىن ھالقىغان توقۇنۇشلاردا ھەر ئىككى تەرەپتىن ئاز دېگەندە 107 كىشى ئۆلدى. پاكىستاندا 13 ئەسكەر ۋە 5 پۇقرا ئۆلدى، بىر ئەسكەر يوقاپ كەتكەنلەر تىزىملىكىدە تۇرماقتا.

كابۇلنىڭ بايانىغا قارىغاندا، دۈشەنبە كۈنىدىكى ھۇجۇمدا يۈز بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئەڭ ئاخىرقى تالافەتلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئافغانىستاندا 13 ئەسكەر ۋە 76 پۇقرا ئۆلگەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 26-فېۋرال بىلەن 5-مارت ئارىلىقىدا ئافغانىستاندا ۋاسىتىلىك ئوق چىقىرىش ۋە ھاۋا ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 56 ئادەم ئۆلگەن، 129 ئادەم يارالانغان.

پاكىستان ئافغانىستاننى ئىسلام ئابادقا قارشى تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرىنى پاناھلاندۇرۇش بىلەن ئەيىبلىگەن بولسا، كابۇل بۇ دەۋالارنى رەت قىلماقتا.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى، پاكىستان ۋە ئافغانىستاندىكى مەنسەپداشلىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشۈپ تەمكىن بولۇشقا چاقىردى. بېيجىڭ يەنە ھەر ئىككى تەرەپ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئالاھىدە ئەلچى يۆ شياۋيوڭنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى.

بۇ جەرياندا ھىندىستان، كابۇلدىكى ئەسلىھەگە قارىتىلغانلىقى مەلۇم قىلىنغان پاكىستان ھاۋا ھۇجۇمىنى «قەتئىي تۈردە ئەيىبلەيدىغانلىقىنى» ئېلان قىلدى.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە كەڭ دائىرىلىك جازا يۈرگۈزۈشكە تەييارلانماقتا
دەسلەپكى نەتىجىلەرگە قارىغاندا، پۇتىننىڭ پارتىيەسى پارلامېنت سايلىمىدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن
ئەردوغان نىيۇيوركتىكى تۈرك ئۆيىگە يېتىپ بارغاندا ئاممىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا MQ-1 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى
ئىران ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتلەرگە قايتىش ئۈچۈن شەرتلىرىنى ۋاسىتىچىلەرگە يەتكۈزدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 4 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
پەلەستىن تەرەپدارى نامايىشچىلار فىلادېلفىيەدىكى ئېد شېران كونسېرتىغا قارشى نامايىش قىلدى
سابىق چىلى پرېزىدېنتى باچېلېت ب د ت باش كاتىپلىق نامزاتلىقىدىن چېكىندى
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن خەۋپسىزلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
پاكىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 31 گە يەتتى
ئامېرىكا ئۇكرائىنا ئۈچۈن 2 مىليارد 680 مىليون دوللارلىق ھاۋا مۇداپىئە ياردەم لايىھەسىنى تەستىقلىدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلغان  كېمىگە زەربە بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 81 - نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ئۈچۈن ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان غازىلار بايرىمىنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى
غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ئوقۇش قايتا باشلاندى