ئىقتىساد
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئېكىسپورتى رېكورت ياراتتى
تۈركىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ۋە ئاۋىياتسىيە ئېكسپورتى 11 ئاي ئىچىدە 7.4 مىليارد دوللارغا يېتىپ رېكورت ياراتتى.
تۈركىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئېكىسپورتى رېكورت ياراتتى
تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتىدە، قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۆز يولىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. سۈرەت: ئانادولۇ ئاگېنتلىقى. / AA

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىسى باشلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ساھە قوشۇمچە قىممىتى يۇقىرى مەھسۇلاتلاردا مۇقىم ئېشىشنى ساقلاپ، ئېكسپورت دائىرىسىنى كېڭەيتكەن ۋە يەرشارى بازىرىدىكى رىقابەت كۈچىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىگەن.

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىسى (SSB)  نىڭ باشلىقى خالۇق گۆرگۈننىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ۋە ئاۋىياتسىيە ئېكسپورتى 1-ئايدىن 11-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا بۇلتۇرقى (2023) ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30 ئېشىپ، 7.4 مىليارد دوللارغا يەتكەن ۋە تارىخىي رېكورت ياراتقان.

گۆرگۈن پەيشەنبە (4-دېكابىر) كۈنى تۈركىيەنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «ن سوسيال» (NSosyal) دا، 2025-يىلى 11-ئايدىكى دۆلەت مۇداپىئە ۋە ئاۋىياتسىيە ئېكسپورتىنىڭ ئالدىنقى يىلى (2024) نىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %22 ئېشىپ، 747 مىليون دوللارغا يەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

گۆرگۈن مۇنداق دېدى:

«بۇ سۈرئەت بىلەن ساھەمىز پەقەت 11-ئايدىكى ئېشىش بىلەنلا ئەمەس، بەلكى يىل بويى كۆرسەتكەن نەتىجىلىرى بىلەنمۇ يېڭى رېكورت ياراتتى. پەقەت 11 ئاي ئىچىدە قولغا كەلتۈرگەن ئېكسپورت رەقەملىرىمىز تارىختىكى بارلىق يىللىق رەقەملەردىن ئېشىپ كەتتى.»

ئۇ يەنە، بۇ نەتىجىلەر ئارقىلىق مەزكۇر ساھەلەرنىڭ قوشۇمچە قىممىتى يۇقىرى مەھسۇلاتلاردا مۇقىم ئېشىشنى ساقلاپ قالغانلىقىنى ۋە ئېكسپورت ھەجىمىنى كېڭەيتىپ، يەرشارى بازىرىدىكى رېقابەت كۈچىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىسى نىشانىنىڭ ئېكسپورت قىلغۇچى شىركەتلەرنىڭ سانىنى كۆپەيتىش، كىچىك ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى كارخانىلارنى  يەرشارى تەمىنلەش زەنجىرىگە ماسلاشتۇرۇش ھەمدە سىجىل ۋە قوشۇمچە قىممىتى يۇقىرى ئېكسپورت ئەندىزىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:

 «تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىدە ئىشلەپچىقىرىدىغان، تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ۋە ئېكسپورت قىلىدىغان كۈچلۈك ئېكولوگىيە سىستېمىسى بىلەن، ئۆز يولىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىدۇ» دېدى.

تۈركىيە پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئومۇمىي ئېكسپورت رەقەملىرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، سانلىق مەلۇماتلار 11-ئايدا ئېكسپورتنىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.2 ئېشىپ، 22.7 مىليارد دوللارغا يەتكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

ئىزدىنىڭ
گالاتاساراي فىرانسىيەدىن 3 نومۇر بىلەن قايتتى
تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم سانائىتىگە 3 يىلدا تەخمىنەن ئىككى مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۇلغارىيە باش مىنىستىرى رادېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى
كرېمىل: رۇسىيە–ئۇكرائىنا–ئامېرىكا مۇزاكىرىسىنى نويابىردا ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەييارمىز
ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى پارس قولتۇقىدا تۆت پاراخوتقا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى
پادىشاھ فەھد ئايرودۇرۇمى ھۇجۇمغا ئۇچراپ بىر كىشى قازا قىلدى، سەككىز كىشى يارىلاندى
كانادا باش مىنىستىرى كارنىي تۈركىيەگە كېلىدۇ
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فەرگانىنىڭ ئالتىنچى سۈنئىي ھەمراھى ئوربىتىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلاشتى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى