خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ھىندونېزىيە سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن جىددىيى مۇزاكىرىلەشتى
يۇقىرى دەرىجىلىك ھىندونېزىيە دىپلوماتى سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن ئوتتۇرا شەرق جىددىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
ھىندونېزىيە سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن  جىددىيى مۇزاكىرىلەشتى
ھىندونېزىيە سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن جىددىيى مۇزاكىرىلەشتى / Reuters
2026-يىلى3-ئاينىڭ5-كۈنى

ھىندونېزىيە جىددىيەتنى تۆۋەنلىتىشكە قارىتىلغان بارلىق تىرىشچانلىقلارنى قوللاش ئىرادىسىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھىندونېزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۇگىيونو (Sugiono) سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى كەسپداشلىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئوتتۇرا شەرقتە ئەۋج ئالغان جىددىي ۋەزىيەتتە پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىي ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

سۇگىيونو چارشەنبە كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فايسال بىن فەرھان بىلەن كۆرۈشۈپ، ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قارىتىلغان بىرلىكتە ئېلىپ بارغان ھەربىي ھۇجۇمىدىن چوڭقۇر ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. ئۇ X سۇپىسىدا ھەمبەھىرلىگەن يازمىسىدا: «خەلقئارا قانۇن ۋە ب د ت نىزامنامىسى بويىچە سىياسىي ئىگىلىك ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدىم» دېدى.

شۇنداقلا ھىندونېزىيەنىڭ جىددىيەتنى تۆۋەنلىتىش تىرىشچانلىقىنى قوللىشىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى يەتكۈزدى ۋە بارلىق تەرەپلەرنى «ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش» قا چاقىردى.

سۇگىيونو ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللاھ بىن زاھىد ئەل ناھيان بىلەن ئۆتكۈزگەن كۆرۈشۈشىدە بولسا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئۆز زېمىنىغا قارىتىلغان ئىران ھۇجۇملىرىغا بولغان قاراشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا شەرقنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

سۇگىيونو X سۇپىسىدىكى باشقا بىر يازمىسىدا: «ئادەم تالافەتلىرى سەۋەبىدىن ھىندونېزىيەنىڭ تەزىيەسىنى يەتكۈزدۈم. سىياسىي ئىگىلىك ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىش، خەلقئارا قانۇن ۋە ب د ت نىزامنامىسى پىرىنسىپلىرىنى قوغداش مەسىلىسىدىكى پىرىنسىپال پوزىتسىيەمىزنى يەنە بىر قېتىم جەزملەشتۈردۈم» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى. ئۇ يەنە ھىندونېزىيەنىڭ جىددىيەتنى ئازايتىشقا قارىتىلغان بارلىق تىرىشچانلىقلارنى قوللاشتا قەتئىي ئىرادىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Iran's Health Ministry says death toll from US-Israeli attacks rises to 926

غەززە تىنچلىق كېڭىشى سۆھبەتلىرى توختاپ قالدى

ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ 28-فېۋرال ئىرانغا قاراتقان ھاۋا ھۇجۇملىرىدىن كېيىن، ئوتتۇرا شەرقتە ۋەزىيەت جىددىيلەشتى. ئىران ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ھۇجۇملاردا ئىران ئالىي رەھبىرى ئەلى ھامىنېي ۋە 165 تىن ئارتۇق باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 900 دىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

ئىران پارىس قولتۇقى ئەللىرىدىكى ئامېرىكا بىلەن چېتىشلىقى بار رايونلارنى نىشان قىلغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرى بىلەن ئۆچ ئېلىپ، نۇرغۇن ئادەم تالافىتىگە سەۋەب بولدى. ھۇجۇملاردا ئالتە ئامېرىكا ئەسكىرى ئۆلدى،نۇرغۇنلىرى يارىلاندى.

يەنە بىر تەرەپتىن سۇگىيونو، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ تەرىپىدىن قۇرۇلغان غەززە تىنچلىق كېڭىشى (Gaza Board of Peace) ھەققىدىكى سۆھبەتلەرنىڭ، ئوتتۇرا شەرقنىڭ كەسكىن توقۇنۇشلىرى سەۋەبىدىن توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. يەرلىك خەۋەر مەنبەسى «Kompas» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سۇگىيونو: «تىنچلىق كېڭىشى بىلەن ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا تېخىمۇ كۆپ سۆھبەت ئېلىپ بېرىلمىدى» دېگەن.

سۇگىيونو سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «قولتۇقتىكى تىنچلىق كېڭىشى ئەزاسى دۆلەتلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز، چۈنكى ئۇلارمۇ ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. نېمىلا بولمىسۇن ئۇلار تىنچلىق كېڭىشىنىڭ ئەزالىرى» دېدى. ئۇ يەنە ھىندونېزىيەنىڭ تىنچلىق كېڭىشىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە داۋاملىق قالىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.

ھىندونېزىيە تەكلىپ قىلىنغان كۆپ دۆلەتلىك تىنچلىق ساقلاش قوشۇنى دائىرىسىدە غەززەگە 8000 ئەسكەر ئەۋەتىشكە ۋەدە بەرگەن ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Jakarta offers to mediate amid escalating Iran conflict
ئىزدىنىڭ
تۈركىيە سۈنئىي ئەقىلدىكى ساختا ئۇچۇرلارغا يېڭى سانلىق مەلۇمات ھەرىكىتى ئارقىلىق تاقابىل تۇرماقتا
ئافغانىستان غەززەگە 500 توننىدىن ئارتۇق ياردەم ئەۋەتتى
ۋىيېتنام خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا تەڭپۇڭلۇق ساقلىماقتا
تۈركىيە ئىرانغا تېخىمۇ كۆپ ياردەم ئەۋەتىشنى پىلانلىماقتا
ئامېرىكا ئىسرائىلىيە بىلەن لىۋاننىڭ توقۇنۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىۋاسىتە سۆھبەت باشلاتتى
ترامپ ئىران ئۇرۇشىنىڭ «ناھايىتى تېزلا ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى» ئېيتتى
روھىڭگيا ۋە بېنگاللىقلارنى توشۇۋاتقان كېمە چۆكۈپ كەتتى، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئېنىق ئەمەس
10 دۆلەت لىۋاندىكى ھۇجۇملارنىڭ «دەرھال ئاخىرلىشىشى» نى تەلەپ قىلدى
ترامپ ئىران مەسىلىسىدە بۇرۇلۇش نۇقتىسى سىگنالى بەردى؛ ئۇرۇش توختىتىش مۇددىتى ئۇزارتىلماسلىقى مۇمكىن
شەرىف ئامېرىكا-ئىران سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن رىياد، دوھا ۋە ئەنقەرە زىيارىتىنى باشلايدۇ
ماكرون ترامپ بىلەن پەزەشكىياننى تىنچلىق سۆھبىتىنى قايتىدىن باشلاشقا چاقىردى
25 پاراخوت ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتتى؛ ئامېرىكانىڭ قامالىغا قارىماي دېڭىز قاتنىشى داۋاملاشماقتا
خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشتى
«WSJ»: سەئۇدى ئەرەبىستان ئامېرىكاغا «ھورمۇز قورشاۋىنى بىكار قىل» دەپ بېسىم ئىشلەتمەكتە
مېلونى: ئىتالىيە ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇداپىئە كېلىشىمىنى توڭلىتىپ قويدى