خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ماكرون: فىرانسىيە سېنتەبىردە پەلەستىن دۆلىتىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىدۇ
ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى فىرانسىيەنىڭ بۇ قارارىنى تىنچلىق يولىدىكى ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە بىر قەدەم سۈپىتىدە قارشى ئالدى، لېكىن ياۋروپانىڭ بۇ نوپۇزلۇق دۆلىتىنىڭ قارارى ئىسرائىلىيەنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى.
ماكرون: فىرانسىيە سېنتەبىردە پەلەستىن دۆلىتىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىدۇ
/ Reuters

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون فىرانسىيەنىڭ سېنتەبىر ئېيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىدا پەلەستىن دۆلىتىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ قەدەم بىلەن فىرانسىيە بۇ يۆنىلىشتە قارار چىقارغان ياۋروپادىكى تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت بولۇپ قالىدۇ.

پىرېزىدېنت ماكرون ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى سەھىپىسىدە: «فىرانسىيە ئەمدى پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ياردەمدە بولۇشى، ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى، قورالسىزلاندۇرۇلۇشىنى قوبۇل قىلىپ، ئىسرائىلىيەنى تولۇق ئېتىراپ قىلىش ئارقىلىق پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرقنىڭ بىخەتەرلىكىگە تۆھپە قوشۇشى لازىم» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

بۇ قارار بىلەن فىرانسىيەمۇ 2023-يىلى ئۆكتەبىردە ئىسرائىلىيە غەززەگە قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق خاراكتېرلىق ھۇجۇم باشلىغاندىن بۇيان پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلغان ياكى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان دۆلەتلەر قاتارىغا قوشۇلغان بولدى.

ھازىرغا قەدەر دۇنيا مىقياسىدا كەم دېگەندە 142 دۆلەت پەلەستىننىڭ مۇستەقىل دۆلەت سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيە بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى كۆز قاراش پەرقى

فىرانسىيەنىڭ پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىش قارارى ئىسرائىلىيەنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى.

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قەدىمىگە «تېررورلۇقنى مۇكاپاتلاش» دەپ باھا بەردى. نېتانياھۇ بۇ قارارنىڭ «خۇددى غەززەگە ئوخشاش، يېڭى بىر ئىرانپەرەس قۇرۇلمىنىڭ مەيدانغا كېلىشىدەك خەتەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقى»نى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.

نېتانياھۇ سۆزىدە: «ئېنىقىنى ئېيتقاندا، پەلەستىنلىكلەر ئىسرائىلىيەنىڭ يېنىدا تۇرىدىغان بىر دۆلەتنى ئەمەس، بەلكى ئىسرائىلىيەنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان بىر دۆلەتنى خالايدۇ» دېدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ياۋروپا رەھبەرلىرى بۇ قارارنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالدى.

ئىرېلاندىيە باش مىنىستىرى سىمون خاررىس بۇ قارارنى «ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە قوشۇلغان مۇھىم تۆھپە» دەپ تەرىپلىدى.

ئىسپانىيە باش مىنىستىرى پېدرو سانچېز: «بىز نېتانياھۇنىڭ ۋەيران قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىرىنى بىرلىكتە قوغدىشىمىز كېرەك. ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى بىردىنبىر توغرا يول» دېدى.

شوتلاندىيە باش مىنىستىرى جون سۋىننېي بولسا، ئەنگىلىيەنى فىرانسىيەدىن ئۆرنەك ئېلىشقا چاقىرىپ، پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىشنىڭ «تىنچلىق ئۈچۈن ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىنسانىي كىرىزىس بېسىمنى كۈچەيتمەكتە

ماكروننىڭ بۇ باياناتى غەززەدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپىتىگە قارىتا خەلقئارانىڭ ئەندىشىسى كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كەلدى. غەززە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان، كۆپ قىسمى ئاياللار ۋە بالىلاردىن تەشكىل تاپقان 59 مىڭ 500 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئىسرائىلىيەنىڭ قورشاۋىنى «ئىنسان قولى بىلەن پەيدا قىلىنغان» ئاچارچىلىقنىڭ ئاساسلىق سەۋەبچىسى دەپ كۆرسەتتى.

ماكرونمۇ بۇ ئەندىشىلەرگە ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۈگۈنكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە – غەززەدىكى ئۇرۇشنى دەرھال توختىتىپ، پۇقرالارنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇشتۇر» دېدى.

ئۆتكەن يىلى نويابىردا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ۋە سابىق مۇداپىئە مىنىستىرى يوئاۋ گالانتنى جىنايىتى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى سادىر ەقىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، ئۈستىدىن قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقارغانىدى.

ئىسرائىلىيە ھازىر يەنە خەلقئارا ئەدلىيە سوتىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەۋاسى بىلەنمۇ سوتلانماقتا.

ئىزدىنىڭ
لىۋان پارلامېنتى دۆلەتتە ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەستىقلىدى
سۈرىيە سوتى ئاغدۇرۇلغان رەھبەر بەششار ئەسەدنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەقۋى ئىراندا زىيارەتتە بولدى
ئاۋسترالىيە ۋە ۋېتنام كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە كېلىشتى
ئەردوغان ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى شتوككېر بىلەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
مىنىستىر خاقان فىدان لىۋاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»
ئەنگىلىيە توكلۇق ئاپتوموبىل تېخنىكىسىغا 175 مىلىيون دوللارلىق قوشۇمچە فوند ياردىمى قىلىدىغان بولدى
گرېتسىيەدە 106 ئوخشىمىغان نۇقتىدا پەلەستىنگە ئازادلىق تەلەپ قىلىپ نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى
خىتايدا يۇنۇس تەيفېڭ بورىنى 1 مىلىيوندىن ئارتۇق خىتاينى ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىدى