ترامپ كولومبىيە ۋە پېتروغا قارشى «ئىنتايىن كەسكىن ھەرىكەت» ئاگاھلاندۇرۇشىدا بولدى
كولومبىيە پىرېزىدېنتى پېترو ترامپنىڭ تۆھمەتلىرىگە قارشى ئامېرىكا سوتلىرىدا ئۆزىنى قانۇنىي جەھەتتىن ئاقلايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئاقسارايدا مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، كولومبىيەنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىدە رول ئويناۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەر سەۋەبلىك بۇ دۆلەتكە قارشى «ئىنتايىن كەسكىن قەدەملەر» نى ئېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.
چارشەنبە كۈنى ئاقسارايدا مۇخبىرلارغا سۆز قىلغان ترامپ: «ئۇ (پىرېزىدېنت گۇستاۋو پېترو) بىر بۇلاڭچى ۋە يامان ئادەم. ئۇ ناھايىتى كۆپ زەھەرلىك چېكىملىك ئىشلەپچىقاردى. بۈگۈندىن باشلاپ كولومبىيەگە بېرىلىدىغان بارلىق پۇللارنى توختاتتۇق» دېدى.
ترامپ پېترونىڭ دۆلىتىگە ئىنتايىن ناچار خىزمەت قىلغانلىقىنى ۋە كولومبىيەدە كوكايىن زاۋۇتلىرىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «بىز ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ دۆلىتىگە قارشى ئىنتايىن كەسكىن تەدبىر قوللىنىمىز. ئۇ دۆلىتىنى ئۆلۈم قاپقىنىغا سۆرەپ كىردى» دەپ بايانات بەردى.
«ئۆزۈمنى ئاقلايمەن»
ترامپنىڭ سۆزىدىن كېيىنلا، پېترو ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ تۆھمەتلىرىگە قارشى ئامېرىكىدا ئۆزىنى قانۇنىي ئاقلايدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە X سۇپىسىدا: «ئامېرىكا زېمىنىدا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار تەرىپىدىن ماڭا چاپلانغان تۆھمەتلەرگە قارشى، ئامېرىكا ئەدلىيە سىستېمىسىدا ئامېرىكالىق ئادۋوكاتلار بىلەن ئۆزۈمنى قانۇنىي جەھەتتىن ئاقلايمەن» دەپ يازما يوللىدى.
پېترو: «كارىب دېڭىزىدىكى ھوقۇقدارلار سادىر قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە قاتىللىقلارغا ھەر ۋاقىت قارشى تۇرىمەن» دەپ بايانات بەردى.
پېترو يەنە: «زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىگە قارشى تۇرۇشتا ياردىمىمىزگە ئېھتىياجلىق بولغاندا، ئامېرىكا جەمئىيىتى بۇ ياردەمگە ئېرىشىدۇ. زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىگە قارشى، ياردىمىمىزنى تەلەپ قىلغان دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە كۈرەش قىلىمىز» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.