سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىران ئامېرىكا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن پاكىستانغا ھېچقانداق ھەيئەت ئەۋەتمىگەنلىكىنى بىلدۈردى
مۇرەسسەچىلەر ئىران دائىرىلىرىدىن سۆھبەتلەرگە قاتنىشىدىغان بىر ھەيئەت ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلدى.
ئىران ئامېرىكا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن پاكىستانغا ھېچقانداق ھەيئەت ئەۋەتمىگەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىران ئامېرىكا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن پاكىستانغا ھېچقانداق ھەيئەت ئەۋەتمىگەنلىكىنى بىلدۈردى / AP

ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسى IRIB نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھازىرغىچە ھېچقانداق ئىران ھەيئىتى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن يەنە بىر نۆۋەتلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن پاكىستانغا بارمىغان.

ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسى IRIB نىڭ سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى:

«ھازىرغىچە مەيلى ئاساسلىق ھەيئەت بولسۇن، ياكى ھەرقانداق بىر تارماق، دەسلەپكى ياكى قوشۇمچە ھەيئەت بولسۇن، پاكىستاننىڭ ئىسلاماباد شەھىرىگە بارمىدى.»

IRIB يەنە ئىران ھەيئىتىنىڭ پاكىستانغا بارىدىغانلىقى ياكى سۆھبەتلەرنىڭ دۈشەنبە كۈنى كەچتە ياكى سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ پىلانلانغانلىقى ھەققىدە مەتبۇئاتلاردا چىققان نۇرغۇن خەۋەرلەرنىڭ راست ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى.

خەۋەردە يەنە، ئىران دائىرىلىرىنىڭ يەكشەنبە كۈنى كەچتە ئېلان قىلغان باياناتى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، «ئىراننىڭ سۆھبەتلەرگە قاتنىشىشىنىڭ ئامېرىكالىقلارنىڭ پوزىتسىيەسىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە باغلىق» ئىكەنلىكى ۋە تېھراننىڭ «تەھدىت ئاستىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان» سۆھبەتلەرنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

پاكىستان 8-ئاپرېلدا مۇرەسسەچىلىك قىلىپ قولغا كەلتۈرگەن ۋە چارشەنبە كۈنى مۇددىتى توشىدىغان 14 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئۈچۈن،  11 – 12 -ئاپرېل كۈنلىرى ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتلەرگە ساھىبخانلىق قىلغان ئىدى.

ئىسلامابادتا يەنە بىر نۆۋەتلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەنمەكتە، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېنىقسىزلىقلارمۇ داۋاملاشماقتا.

پاكىستان مەنبەلىرى ئىلگىرى ئىران دائىرىلىرىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئىسلامابادقا كېلىشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

ئاقساراي ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى جېي دى ۋانسنىڭ پاكىستانغا قايتىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى، لېكىن تېھران ئامېرىكانى ئىران پورتلىرىنى قورشاۋ ئاستىغا ئېلىش ۋە بىر پاراخوتنى قولغا چۈشۈرۈش ئارقىلىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەنلىكى ئۈچۈن، ئىراننىڭ سۆھبەتكە قاتنىشىش-قاتناشماسلىقى ھەققىدە ئېنىقسىزلىق داۋاملاشماقتا.

ۋانسنىڭ سۆھبەت ئۈچۈن سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئىسلامابادقا بېرىشى كۈتۈلمەكتە.

ئامېرىكا تەرەپمۇ تېھراننى، دۇنيا نېفىتىنىڭ بەشتىن بىرى ئۆتىدىغان يول بولغان ۋە ئىران ئامېرىكا ھەم ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن باشلانغان ئۇرۇشقا قايتۇرما زەربە سۈپىتىدە پۈتۈنلەي تاقىۋەتكەن ھورمۇز بوغۇزىدا پاراخوتلارنى پاراكەندە قىلىپ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى. ئاقساراي دۈشەنبە كۈنى تېھراندىن مۇزاكىرە ھەيئىتىنى ئىسلامابادقا ئەۋەتىدىغانلىقىغا دائىر بىر ئىشارەت كۈتتى.

مۇرەسسەچىلەر ئىران دائىرىلىرىدىن سۆھبەتكە قاتنىشىدىغان بىر ھەيئەت ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىش ئېھتىماللىقىنىڭ ناھايىتى تۆۋەن ئىكەنلىكىنى ۋە 28-فېۋرالدا باشلانغان ئۇرۇشنى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئاخىرلاشتۇرىدىغان بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىنغۇچە دېڭىز قورشاۋىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىزدىنىڭ
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»