بېلۇچىستاندا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى
پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارى: «گۇمانلىق قوراللىق ئۇنسۇرلار بېلۇچىستان ئۆلكىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى يېرىم ھەربىي قىسىم ئىشخانىسىغا ھۇجۇم قىلدى» دېدى.
يېقىنقى يىللاردا، پاكىستاننىڭ خەيبەر پاختۇنخۋا ۋە بېلۇچىستان ئۆلكىلىرىدە تېررورلۇق ھۇجۇملىرى كۈچەيمەكتە. سۈرەت: رويتېرس. / Reuters
پاكىستان ئالاقىدار مەسئۇللىرىنىڭ ئېيتىشىچە، سەيشەنبە كۈنى (2025-يىلى 1-ئىيۇل) پاكىستاننىڭ غەربىي جەنۇبى ۋە غەربىي شىمالىدا ئايرىم-ئايرىم يۈز بەرگەن ھۇجۇملاردا، ئىككى ساقچى قوشقاندا، گۇمانلىق قوراللىق ئۇنسۇرلار بولۇپ كەم دېگەندە بەش ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان.
بېلۇچىستان ئۆلكىلىك ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى شاھىد رىندنىڭ باياناتىدا ئېيتىلىشىچە، قوراللىق ھۇجۇمچىلار بېلۇچىستان ئۆلكىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان ماستۇڭ رايونىدىكى يېرىم ھەربىي قىسىملارنىڭ ئىشخانىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، بىر ياش ئۆسمۈرنى ئۆلتۈرۈپ، يەتتە كىشىنى يارىلاندۇرغان.
ئۇ باياناتىدا مۇنداق دېدى: «بىخەتەرلىك كۈچلىرى بىلەن بولغان قاتتىق ئېتىشىشتا، ئىككى تېررورچى ئۆلتۈرۈلدى، ئۈچى يارىلاندى. ھۇجۇمغا ھىندىستان قوللىغان تېررورچىلار قاتناشقان.»
يېڭى دېھلى پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ ئەيىبلەشلىرىگە ھازىرچە ئىنكاس قايتۇرمىدى.
تېررورلۇقنىڭ كۈچىيىشى
ئىسلامئاباد ئۇزۇن يىللىق رەقىبى ھىندىستاننى بېلۇچىستان ۋە شىمالىي غەربىدىكى خەيبەر پاختۇنخۋا (KP) ئۆلكىلىرىدىكى قوراللىق توقۇنۇشلارغا ئارىلاشتى دەپ ئەيىبلەيدۇ، ھىندىستان بولسا، بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىدۇ.
خەيبەر پاختۇنخۋا ئۆلكىسىدىمۇ قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى. لاككى مارۋات رايونىدا يولدا چارلاۋاتقان ئىككى ساقچى نامەلۇم ھۇجۇمچىلار تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.
ساقچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ساقچىلار موتوسىكلىت بىلەن يېقىن ئەتراپتىكى بىر يېزىغا بارغاندا نىشانغا ئېلىنغان.
ھازىرچە بىرەر گۇرۇپپا ياكە تەشكىلات بۇ يېڭى ھۇجۇملارنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىدى. گۇمان قىلىنىۋاتقان بېلۇچىستان كۈچلىرى ۋە پاكىستاندا ھەرىكەت قىلىۋاتقان بىر نەچچە قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ كۈنلۈك تەشكىلاتى بولغان «تەھرىكى تالىبان پاكىستان» ئۇزۇندىن بېرى بۇ ئىككى ئۆلكىدە بىخەتەرلىك كۈچلىرى ۋە بەزىدە پۇقرالارنى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ كەلمەكتە.
يېقىنقى يىللاردا، پاكىستاننىڭ خەيبەر پاختۇنخۋا ۋە بېلۇچىستان ئۆلكىلىرىدە تېررورلۇق ھۇجۇملىرى كۈچەيمەكتە.