خەلقئارا
3 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكادىكى بروۋن ئۇنىۋېرسىتېتىدا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى
ھۇجۇمدا ئىككى كىشى ئۆلۈپ، سەككىز كىشى ئېغىر يارىلاندى.
ئامېرىكادىكى بروۋن ئۇنىۋېرسىتېتىدا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى
ئامېرىكادىكى بروۋن ئۇنىۋېرسىتېتىدا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى / AP

پروۋىدېنس رود ئارىلى (Rhode Island) شەھەر باشلىقى برېت سمايلېي: «بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئىككى كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە سەككىز كىشىنىڭ ئەھۋالىنىڭ خەتەرلىك ئەمما مۇقىم ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردۇم» دېدى.

شەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن ئەمەلدارلار، داڭلىق بروۋن ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپ رايونىدا بىر قوراللىق ھۇجۇمچىنىڭ ئىككى كىشىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ۋە سەككىز كىشىنى ئېغىر يارىلاندۇرغانلىقىنى، ھۇجۇمچىنىڭ تېخىچە قېچىپ يۈرگەنلىكى سەۋەبىدىن رايوندىكىلەرگە پاناھ جايلاردا مەھكەم تۇرۇش چاقىرىقى قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

پروۋىدېنس رود ئارىلى شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى برېت سمايلېي ئۆتكۈزگەن بىر مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك بايانات بېرىپ: «بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئىككى كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، شۇنداقلا سەككىز كىشىنىڭ ئەھۋالىنىڭ خەتەرلىك ئەمما مۇقىم ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردۇم» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

قوراللىق ھۇجۇم، «Ivy League» (چىرماش گۈل بىرلەشمىسى) دەپ ئاتىلىدىغان ئامېرىكادىكى ئالىي دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن بىرى بولغان بروۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ رايونىدىكى قۇرۇلۇش ۋە فىزىكا بۆلۈملىرى ئورۇنلاشقان بارۇس ۋە ھوللېي بىناسىدا يۈز بەردى.

ئۇنىۋېرسىتېت ئەمەلدارلىرى ھۇجۇم جەريانىدا بىنادا تەڭ بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان نۇرغۇن ئىمتىھاننىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

ساقچى ئەمەلدارلىرى بولسا، گۇماندارنىڭ پۈتۈنلەي قارا كىيىنگەن بىر ئەر كىشى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىدى.

ساقچى باشلىقى ياردەمچىسى تىموتى ئوھارا: «بۇ گۇماندارنى تېپىش ئۈچۈن بارلىق مۇمكىن بولغان ئىمكانىيەتلەرنى ئىشلىتىۋاتىمىز. پاناھجايدا تۇرۇش بۇيرۇقى تېخىچە كۈچكە ئىگە ۋە كىشىلەرگە بۇنى ئىنتايىن جىددىي قوبۇل قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز. ۋەقە يۈزبەرگەن رايونغا كەلمەسلىكىڭلارنى ئىلتىماس قىلىمىز» دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Deadly twin high school shootings rock US state of Mississippi

«ئىشىكلەرنى قۇلۇپلاڭلار، تېلېفونلارنى ئاۋازسىز ھالغا كەلتۈرۈڭلار»

ئەمەلدارلار قوراللىق ھۇجۇمچىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بىنادىن چىقىپ كېتىۋاتقاندا كۆرۈلگەنلىكىنى، تېخىچە ھېچقانداق قورالنىڭ تېپىلمىغانلىقىنى ئېيتتى.

بروۋن ئۇنىۋېرسىتېتى سائەت 16:22 دە جىددىي ئەھۋال ئاگاھلاندۇرۇشى يوللىغان بولۇپ، «بارۇس ۋە ھوللېي قۇرۇلۇش بىناسى يېقىنىدا بىر قوراللىق ھۇجۇمچى بار» دەپ ئۇقتۇرۇش قىلدى.

ئاگاھلاندۇرۇشتا يەنە «ئىشىكلەرنى قۇلۇپلاڭلار، تېلېفونلارنى ئاۋازسىز ھالغا كەلتۈرۈڭلار ۋە يېڭى ئۇقتۇرۇش كەلگەنگە قەدەر يوشۇرۇنۇڭلار» دېيىلگەن ئىدى.

بىخەتەرلىك كۈچلىرى ۋە تۇنجى ياردەم ئەترەتلىرى نەخ مەيدانغا تېزلىكتە ئەۋەتىلدى؛ يەرلىك خەۋەر قانىلى WPRI پىيادىلەر يولىدا كىيىم-كېچەك ۋە قان تېپىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى FBI دىرېكتورى كاش پاتېل، X سۇپىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، فېدېراتسىيە ساقچىلىرىنىڭ «زۆرۈر بولغان بارلىق ئىمكانىيەتلىرى بىلەن يەرلىك ساقچىلارغا ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى» بىلدۈردى.

تاماكا، ھاراق، ئوق-دورا ۋە پارتلاتقۇچ بۇيۇملار ئىدارىسىنىڭ (ATF) خادىملىرىمۇ ۋەقەگە مۇداخىلە قىلىشقا ئەۋەتىلدى.

«بروۋن كۈندىلىك خەۋەر ئوقۇغۇچىلار گېزىتى» گە بايانات بەرگەن كېتى سۇن يېقىندىكى بىر بىنادا دەرس تەكرارلاۋاتقاندا ئوق ئاۋازلىرىنى ئاڭلىغانلىقىنى، بارلىق بۇيۇملىرىنى تاشلاپ ئۆيىگە يۈگۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

سۇن: «راستىنى ئېيتسام ناھايىتى قورقۇنچلۇق ئىدى. ئوق ئاۋازلىرى خۇددى سىنىپ تېمىنىڭ يېنىدىنلا كېلىۋاتقاندەك ئىدى» دېدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپقا ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى. ترامپ: «بۇ نېمىدېگەن قورقۇنچلۇق ئىش. ھازىر قىلالايدىغان يېگانە ئىشىمىز قۇربانلار ئۈچۈن دۇئا قىلىش» شەكلىدە سۆز قىلدى.

بوستونغا يېقىن پروۋىدېنسقا جايلاشقان بروۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەخمىنەن 11 مىڭ ئوقۇغۇچىسى بار.

ھۇجۇم ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا مەكتەپلەرگە قارىتىلغان ھۇجۇم زەنجىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى ھېسابلىنىدۇ. ئوق-دورا (قورال-ياراق) غا ئاسان ئېرىشىشنى چەكلەشكە قارىتىلغان تەشەببۇسلار بولسا، سىياسىي قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Why do US school shootings keep happening?
ئىزدىنىڭ
لىۋان پارلامېنتى دۆلەتتە ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەستىقلىدى
سۈرىيە سوتى ئاغدۇرۇلغان رەھبەر بەششار ئەسەدنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەقۋى ئىراندا زىيارەتتە بولدى
ئاۋسترالىيە ۋە ۋېتنام كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە كېلىشتى
ئەردوغان ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى شتوككېر بىلەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
مىنىستىر خاقان فىدان لىۋاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»
ئەنگىلىيە توكلۇق ئاپتوموبىل تېخنىكىسىغا 175 مىلىيون دوللارلىق قوشۇمچە فوند ياردىمى قىلىدىغان بولدى
گرېتسىيەدە 106 ئوخشىمىغان نۇقتىدا پەلەستىنگە ئازادلىق تەلەپ قىلىپ نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى
خىتايدا يۇنۇس تەيفېڭ بورىنى 1 مىلىيوندىن ئارتۇق خىتاينى ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىدى