ترامپ ۋېنگىرىيەگە قارىتىلىدىغان جازانى بىر يىل كېچىكتۈردى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئامېرىكاغا زىيارەتكە كەلگەن ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان ۋە ئالتە مىنىستىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن ئاقسارايدا سودا سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن كۈتۈۋالدى.

By
ترامپ ۋە ئوربان مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمەكتە. سۈرەت: ئا پ. / AP

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋېنگىرىيەنى رۇسىيەدىن نېفىت ۋە تەبىئىي گاز سېتىۋالغانلىقى ئۈچۈن يولغا قويۇلىدىغان جازانى بىر يىل كېچىكتۈردى. بۇ قارار ئىككى ئوڭچى رەھبەرنىڭ جۈمە (7-نويابىر) كۈنى ئاقسارايدا ئۆتكۈزگەن دوستانە سۆھبىتىدىن كېيىن ئېلىندى.

ترامپ مۇخبىرلارغا: «بىز بۇ مەسىلىنى ئويلىشىۋاتىمىز، چۈنكى ئورباننىڭ باشقا رايونلاردىن نېفىت ۋە تەبىئىي گازغا ئېرىشىشى ناھايىتى تەس» دېدى.

ئامېرىكا ئالدىنقى ئاي (ئۆكتەبىر) رۇسىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئىككى نېفىت شىركىتىگە ئېمبارگو يۈرگۈزگەن ئىدى. ترامپ ئاقسارايغا قايتىپ كەلگەندىن بۇيان تۇنجى قېتىم موسكۋاغا قاراتقان بۇ ئېمبارگولار، ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.

ترامپ ۋە كرېمىلنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى ۋېنگىرىيە رۇسىيەنىڭ نېفىتى ۋە تەبىئىي گازىغا بېقىنىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنىڭ نېفىتى ۋە تەبىئىي گازىغا بولغان بېقىندىلىقىنى ئازايتىش ئۈچۈن تىرىشماقتا.

ئالتە مىنىستىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن ۋاشىنگتونغا كەلگەن ئوربان، رۇسىيە ئېنېرگىيە مەنبەلىرىگە قارىتىلغان ئېمبارگولاردىن مۇستەسنا تۇتۇلۇشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

ۋېنگىرىيە رەھبىرى رۇسىيەنىڭ نېفىتى ۋە تەبىئىي گازى بولمىسا ۋېنگىرىيە خەلقى ئۈچۈن پەيدا بولىدىغان «ئاقىۋەتلەر» نى ترامپقا چۈشەندۈرىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان ئىدى.

ئۇ: «چۈنكى بىز تۇرۇبا يولى ئارقىلىق تەمىنلەيمىز. تۇرۇبا يولى ئىدېئولوگىيەلىك ياكى سىياسىي مەسىلە ئەمەس. بۇ فىزىكىلىق بىر رېئاللىق، چۈنكى بىزنىڭ پورتىمىز يوق» دېدى.

ئوربان ئىتالىيەنىڭ «لا رېپابلىكا» (La Repubblica)  گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا، ترامپنىڭ «ۋېنگىرىيە نوقتىسىدىن خاتالىق» سادىر قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ۋېنگىرىيە رۇسىيەنىڭ نېفىتى ۋە تەبىئىي گازىغا بەك بېقىنىدۇ. ئۇلارسىز ئېنېرگىيە باھاسى ئۆرلەپ كېتىدۇ ۋە زاپاس ساقلاش ئامبارلىرىمىزدا قىيىنچىلىق يۈز بېرىدۇ» دېدى.

ئىككى رەھبەرنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش توغرىسىدىمۇ سۆھبەتلەشكەنلىكى مۆلچەرلەنمەكتە. ئالدىنقى ئاي بۇداپېشت ئامېرىكا-رۇسىيە باشلىقلار يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشنى تەشەببۇس قىلغان ئىدى، ئەمما ترامپ ۋاقتىنى بەلگىلەشتىن ئىلگىرى بۇ پىلاننى ئەمەلدىن قالدۇرغان ئىدى.

پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈش مۇمكىنچىلىكى ھەر دائىم بار


ئوربان ۋاشىنگتونغا قاراپ يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى، پەيشەنبە (6-نويابىر) كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلغان باياناتىدا: «پىرېزىدېنت ترامپنىڭ قايتا سايلىنىشى بىلەن ۋېنگىرىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدە يېڭى مۇمكىنچىلىكلەر بارلىققا كەلدى» دېدى.

ئۇ «قەدىرلىك دوستى» ترامپنى ئالدىنقى يىلى ئۈچ قېتىم فلورىدادىكى مارا لاگو تۇرالغۇسىدا زىيارەت قىلغان ئىدى. بىراق، ترامپنىڭ ئامېرىكادا قايتا ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشى ۋېنگىرىيەگە مۇرەككەپ تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلدى.

ۋاشىنگتون ئورباننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ياردەمچىسى ئانتال روگانغا قاراتقان ئېمبارگولارنى بىكار قىلىپ، دۆلەتنىڭ ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش پىروگراممىسىدىكى ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. ئەمما، ترامپنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قاراتقان تاموژنا بېجى ۋېنگىرىيەنىڭ ئېكسپورتنى ئاساس قىلغان ئاپتوموبىل سانائىتىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىپ، ئاجىزلاشقان ئىقتىسادىنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇردى.

بۇ جەرياندا، ترامپ ئالدىنقى ئاي بۇداپېشتتا پۇتىن بىلەن ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئۇچرىشىشنى تۇيۇقسىز ئەمەلدىن قالدۇرغاندىن كېيىن، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن قايتا كۆرۈشۈش ئۈمىدىنى بىلدۈردى ۋە: «ھەر دائىم بىر مۇمكىنچىلىك بار» دېدى.

ئۇ كېيىنچە ئاقسارايدا قىلغان سۆزىدە، بۇ ئۇچرىشىشنىڭ ئەمەلگە ئاشماسلىقىنىڭ سەۋەبىنىڭ رۇسلارنىڭ «تېخى توختاشنى خالىماسلىقى» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

ئۇ: «مېنىڭچە ئۇلار توختايدۇ. بۇ ئۇرۇشنىڭ رۇسىيەگە زور تەسىرى بولدى، ھەر ئىككى دۆلەتكىمۇ زور تەسىرى بولدى، ئەمما بەكرەك رۇسىيەگە زور تەسىرى بولدى» دېدى.

ئۇ پۇتىن بىلەن ئېھتىمال بولغان ئۇچرىشىش يېرىگە بۇداپېشتنىڭ مۇۋاپىق ياكى ئەمەسلىكى توغرىسىدىكى سوئالغا:

«ۋېنگىرىيەدە، بۇداپېشتتا بولسا ياخشى بولىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا مەن بۇ ئۇچرىشىشنى خالىمىدىم، چۈنكى مۇھىم ئىش بولمايدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئەگەر يىغىن ئۆتكۈزسەك بۇداپېشتتا ئۆتكۈزۈشنى خالايمەن، شۇنداق قىلساق  ياخشى بولىدۇ» دېدى.