ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، زېلېنىسكىي ئىككىنچى قاراباغ ئۇرۇشىدىكى غەلىبىنىڭ خاتىرە كۈنى ۋە 12-نويابىر ئاساسىي قانۇن كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەلىيېۋنى تەبرىكلىدى.
ئىككى رەھبەر ئەزەربەيجان بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرىنى، بولۇپمۇ خۇسۇسىي ساھەنىڭ قاتنىشىشى ئارقىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىمكانىيەتلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.
زېلېنىسكىي ئۇكرائىناغا بەرگەن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى، بولۇپمۇ ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ئۈچۈن ئەزەربەيجانغا رەھمەت ئېيتتى.
ئۇچرىشىشتا ئۇكرائىنانىڭ ئەزەربەيجاننىڭ توقۇنۇشتىن كېيىن قاراباغ ۋە شەرقىي زەنگەزۇردا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قايتا قۇرۇش خىزمەتلىرىنى زور قىزىقىش بىلەن كۆزىتىۋاتقانلىقى، ئەزەربەيجاننىڭ بۇ جەھەتتىكى تەجرىبىسىنىڭ ئۇكرائىنا ئۈچۈنمۇ مۇھىم بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.





















