خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ ئوبامانى «خائىنلىق» بىلەن ئەيىبلەپ، ئەمەلدارلارنى ئۇنى تەكشۈرۈشكە چاقىردى
ترامپ ئېپشتېين ھەققىدە سورالغان بىر سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، مەسىلىنى ئوبامانىڭ ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقى توغرىسىدىكى سۆزلەرگە يۆتكىدى.
ترامپ ئوبامانى «خائىنلىق» بىلەن ئەيىبلەپ، ئەمەلدارلارنى ئۇنى تەكشۈرۈشكە چاقىردى
ترامپ ئوبامانى «خائىنلىق» بىلەن ئەيىبلەپ، ئەمەلدارلارنى ئۇنى تەكشۈرۈشكە چاقىردى / Reuters
2025-يىلى7-ئاينىڭ23-كۈنى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى پىرېزىدېنت باراك ئوبامانى ئۆزىگە قارشى ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلىدى. ترامپ بۇنىڭ «ئېغىر ئاقىۋەت»لىرى بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئەمەلدارلارنى ئوباماغا قارشى «ھەرىكەتكە ئۆتۈش» كە چاقىردى.

سەيشەنبە كۈنى ئوۋال ئىشخانىسىدا فىلىپپىن پىرېزىدېنتى فېردىناند ماركوس كىچىك بىلەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلغان ترامپ، شۆھرىتىدىن قالغان مەبلەغ سالغۇچى جېفرېي ئېپشتېين ۋە قىزلارنى جىنسىي پاراكەندىچىلىككە سالىدىغان تور قۇرغانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلەنگەن گىسلەين ماكسۋېل ھەققىدە سورالغان سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، مەسىلىنى سابىق پىرېزىدېنت باراك ئوباماغا يۆتكىدى.

ئۇ: «سىلەر سۆزلىشىدىغان سېھىرگەر ئوۋلاش، پىرېزىدېنت ئوبامانىڭ تۇتۇلۇپ قېلىشىدۇر» دېدى.

ترامپ: «ئۇلارنىڭ بۇ دۆلەتكە قىلغانلىرى... 2016-يىلدىن باشلىنىپ 2020-يىلغىچە داۋاملاشتى... ئۇلار سايلامنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇندى، تۇتۇلدى ۋە بۇنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئاقىۋەتلىرى بولۇشى كېرەك» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

ئوبامانى بىۋاسىتە چېتىشلىق دەپ ئەيىبلىگەن ترامپ: «ئوباما بىۋاسىتە تۇتۇلدى... بۇيرۇقلىرى ھۆججەتلەردە بار. ھۆججەتلەرگە ئىمزا قويۇلغان» دەپ كۆرسەتتى.

ترامپ ئەمەلدارلارنىڭ قولىدا پەقەت دەلىل-ئىسپاتلارلا ئەمەس، «ئوبامانىڭ خائىنلىق قىلغانلىقىغا، ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇشنى يېتەكلىگەنلىكىگە ئائىت ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ترامپ، سابىق دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ھىللارى كلىنتون ۋە سابىق پرېزىدېنت جو بايدىن بىلەن بىرلىكتە ئوبامانىڭ بىر جىنايى ھەرىكەتنىڭ ئارقىسىدا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوبامانى «شايكىنىڭ باشلىقى» دەپ ئاتىدى.

ئۇ: «ئۇلارنىڭ 2016- ۋە 2020-يىللىرى قىلغانلىرى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك جىنايەتتۇر» دەپ قوشۇپ قويدى.

ئۇ يەنە: «ئۇلار سايلامنى ئوغرىلاشقا ئۇرۇندى. سايلامنى قارا چاپلاشقا ئۇرۇندى. باشقا دۆلەتلەردىمۇ تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان ئىشلارنى قىلدى» دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Trump says he would 'love' to run against Obama in 2028

«دىققەتنى باشقا تەرەپكە بۇراش ئۈچۈن قىلىنغان ئاجىز ئۇرۇنۇش»

ئوبامانىڭ ئىشخانىسى ئاقساراينى «غەلىتە» ۋە «ئەقىلگە سىغمايدىغان سۆزلىرى سەۋەبىدىن ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا: «پرېزىدېنتلىق ئورنىغا بولغان ھۆرمىتىمىز سەۋەبىدىن، ئىشخانىمىز ئادەتتە ئاقسارايدىن ئېقىپ چىقىۋاتقان بىمەنە ئۈزلۈكسىز سۆزلەر ۋە يالغان ئۇچۇرلارغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ جاۋاب قايتۇرمايدۇ. ئەمما بۇ سۆزلەر شۇنچىلىك ئەقىلگە سىغمايدۇكى، بىرلا جاۋابقا لايىق. بۇ غەلىتە ئەيىبلەشلەر ھەم غەلىتە ھەم دىققەتنى باشقا تەرەپكە بۇراش ئۈچۈن قىلىنغان ئاجىز ئۇرۇنۇشتۇر» دېيىلدى.

ئوباما ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ 2016-يىللىق سايلامغا رۇسىيەنىڭ ئارىلىشىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىستىخبارات دوكلاتلىرىنى بۇرمىلىغانلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى.

دۆلەتلىك ئىستىخبارات باشلىقى تۇلسى گاببارد، ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا سايلام ساختىپەزلىكىگگە دائىر سۆزلەرنى ئەسلەرتىپ، بۇ جەريانغا ئارالاشقان ئەمەلدارلارنى «ۋەتەنگە خائىنلىق قىلىش سۇيىقەستى»گە قاتنىشىش بىلەن ئەيىبلىدى.

ئوبامانىڭ ئىشخانىسىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلىنغان ھۆججەتتە، رۇسىيەنىڭ 2016-يىللىق پىرېزىدېنت سايلىمىغا تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغانلىقى، ئەمما ھېچقانداق بېلەتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا كونترول قىلالمىغانلىقى توغرىسىدىكى ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلىنغان نەتىجىنى ئاغدۇرىدىغان ھېچقانداق نەرسە يوق. بۇ بايقاشلار ئەينى ۋاقىتتا رەئىس ماركو رۇبىئو باشچىلىقىدىكى ئىككى پارتىيەلىك كېڭەش پالاتاسى ئىستىخبارات كومىتېتىنىڭ 2020-يىللىق دوكلاتىدىمۇ دەلىللەنگەن»

ئوباما ئۇزۇندىن بۇيان ترامپنىڭ نىشانى بولۇپ كېلىۋاتاتتى. 2011-يىلى ترامپ، ئەينى ۋاقىتتىكى پرېزىدېنت ئوبامانىڭ ئامېرىكىدا تۇغۇلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن، بۇنىڭغا قارىتا ئوباما تۇغۇلغانلىق ئىسپاتىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

مەنبە:TRT Global
ئىزدىنىڭ
ترامپ ئىراننى «ناھايىتى چوڭ ئىش بولىدىغانلىقى» بىلەن ئاگاھلاندۇردى
ئەنگلىيە ئورتاق گەۋدىسى باش كاتىپى قۇللۇق تۆلەم سۆھبەتلىرىدە ئىلگىرىلەش بارلىقىنى بىلدۈردى
ھىندونېزىيە: غەززە تىنچلىق ساقلاش قوشۇنىنىڭ ئومۇمىي ئەسكەر سانى 20 مىڭغا يېتىشى مۇمكىن
خەلقئارا ياش سودىگەرلەر قۇرۇلتىيى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى
ئەردوغان كابىنېت ئۆزگىرىشى دائىرىسىدە يېڭى ئەدلىيە ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىرىنى تەيىنلىدى
ئامېرىكا - ئىران سۆھبىتىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ تېھران يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنى ئومانغا ئەۋەتتى
«روكەتسان» رىيادتا سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى قوللىنىلغان «ئەرەن» ئوق - دورىلىرىنى تونۇشتۇردى
خاقان فىدان «ھاۋا ھۇجۇملىرى ئىرانغا تۈزۈم ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلمەيدۇ» دېدى
ئامېرىكا پۇتبولچىلىقىدا «Seahawks» چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى
رۇسىيە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن ئودېسسا ۋە خاركىۋغا ھۇجۇم قىلدى
جەنۇبىي كورېيە ئارمىيەسىنىڭ تىك ئۇچارى چۈشۈپ كېتىپ، ئىككى خادىم قازا قىلدى
تاكائىچىنىڭ زور غەلىبىسى ياپونىيە پاي چېكى بازىرىدا يېڭى رېكورت ياراتتى
ترامپ: شى جىنپىڭ يىل ئاخىرىدا ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
سۈرىيەنىڭ سۈۋەيدا يېزىلىرىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا تۆت كىشى ئۆلدى، بىر گۇماندار قولغا ئېلىندى
ھىندىستاندىكى كۆمۈر كان پارتلاش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 27 گە يەتتى